خۇ جىنتاۋ ھىندىستاندا تىبەت سەرگەردانلىرىنىڭ قارشىلىقىغا دۈچ كەلدى

2006-11-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
hujintao-hindistan-200.jpg
تىبەتلەر ھىندىستاندا زىيارەتكە كەلگەن خىتاي دۆلەت رەئىسى ھۇ جىنتاۋقا قارشى نامايىش قىلماقتا. AFP

خىتاي - ھىندىستان سودا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە چېگرا ئىختىلاپى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ھىندىستان زىيارىتىدە سۆزلىشىدىغان مۇھىم مەسىلىلەر بولۇشى مۇمكىن. ھىندىستان بىلەن خىتاي ئاسىيادا ئىقتىسادى تەرەققىياتى تېز ئىلگەرلەۋاتقان دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەر.

خىتاي - ھىندىستان رەھبەرلىرى 2005 - يىلى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسۋەت، دەپ تەرىپلىگەندىن بېرى، خىتاي - ھىندىستان سودا - ئىقتىسادى مۇناسىۋتى تېز كۈچىيىشكە باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر ئىككىلا تەرەپ چېگرا ئىختىلاپى ۋە ئۆز ئارا ئىشەنچ مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئارۇناچال پرادېش شتاتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاقسايچىن رايونىدىكى تالاش - تارتىشلار، دالاي لاما ۋە دارامسالادىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى قاتارلىق نازۇك ۋە تارىخىي مەسىلىلەردە خىتاي- ھىندىستان ئارىسىدا زور ئىختىلاپلار مەۋجۇت.

تىبەتلەرنىڭ نارازىلىقى

خۇ جىنتاۋ بۇ سەپىرىدە ھىندىستاننى 4 كۈن زىيارەت قىلماقچى. ئۇ،1996 - يىلى ھىندىستاننى زىيارەت قىلغان خىتاي دۆلەت رەئىسى جاڭ زېمىندىن كېيىن بۇ دۆلەتنى زىيارەت قىلغان تۇنجى خىتاي دۆلەت رەھبىرى. خۇ جىنتاۋ ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىغا يېتىپ كەلگەن شۇ كۈنى بۇ يەردىكى تىبەت سەرگەردانلىرىنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى. يېڭى دېھلى ۋە دارامسالادا ئايرىم - ئايرىم نامايىش ئۆتكۈزگەن تىبەتلەر خىتاي دۆلەت بايرىقىنى يىرتىپ دەسسىدى ۋە خۇ جىنتاۋغا قارشى شۇئارلار توۋلىدى. نامايىشچىلار، "تىبەتتىكى ئىرقىي تازىلاش توختىتىلسۇن"، "خىتايلارغا نۇمۇس"، "نىقاپ ئىچىدىكى خۇنخور خۇ جىنتاۋ"، دېگەن شۇئارلارنى توۋلاشقان.

شۇ كۈنى 500 ئەتراپىدىكى تىبەتلىك مۇساپىر تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزى دارامسالادا خۇ جىنتاۋغا قارشى يىغىلىش ئۆتكۈزدى. تىبەتلەر خىتاي دائىرىلىرىنى تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھىندىستاندىكى ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى تەنزىن چويىڭ فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا "بىز ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇشىنى تەلەپ قىلىمىز،" دەيدۇ.

خىتاي – تىبەت سۆھبىتى نەتىجىسىز داۋاملاشماقتا

ھىندىستان تىبەت مەسىلىسىنى خۇ جىنتاۋ بىلەن سۆزلىشىش دۆلەت مەنپەئەتىمىزگە ئۇيغۇن ئەمەس، دەپ قارىسا، بېيجىڭنىڭ ئارۇناچال پرادېش شتاتىدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك.

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بۇ يىل 4 - ئايدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىكى تىبەتلەرنى خۇ جىنتاۋغا قارشى زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈشكە سەپەرۋەر قىلمىدى. چۈنكى خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتى باشلىنىش ئالدىدا خىتاي دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ بىر مەسئۇلى، خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشى مۈمكىن، دەپ بايانات بەرگەن ۋە تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى بۇنى "ئىجابىي قەدەم،" دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن دالاي لامانىڭ خىتاي زىيارىتى ھازىرغا قەدەر ئەمەلگە ئاشمىدى شۇنداقلا تىبەت مەسىلىسىدە چوڭ ئىلگىرلەش بولمىدى. بۇ چەتئەلدىكى تىبەت سەرگەردانلىرىنىڭ سەۋر تاقىتىنى تۈگەتمەكتە.

خىتاي بىلەن ھىندىستان خىتايلار 1950 - يىلى تىبەتكە كىرىشتىن بۇرۇن بىۋاستە چىگرالانمايتتى. لېكىن نۆۋەتتە خىتاي ھىندىستان چېگىرسىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن بۆلۈكى تىبەت بىلەن چىگرالىنىدىغان قىسىمىدۇر. تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ قاراگاھى ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى دارامسالا رايونىدا. سۈرگۈندىكى تىبەتلەر 1959 - يىلدىكى تىبەت قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن بېرى بۇ رايوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى 2000 - يىلدىن كېيىن خىتاي - تىبەت سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بېرى دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىر قانچە قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ سۆھبەتلەر ھازىرغىچە ئەمىلى ئىلگىرلەشكە ئېرىشەلمىدى. دالاي لامانىڭ ئاكىسى گيالو دوندۇپ ئاخىرقى قېتىم بۇ يىل 5 ۋە 6 - ئايلاردا خىتاي بىلەن تىبەتنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى زىيارەت قىلىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونىدىكى ئەمەلدارلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. لېكىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى دالا لامانىڭ "تەيۋەن بىلەن تىبەت جوڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى،" دەپ ئاشكارە ئىپادە بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلماقتا.

ئارۇناچال پرادېش شتاتىنىڭ ھىندىستان پارلامېنت ئەزاسى كىرىن رىجىجى، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنى خۇ جىنتاۋغا تىبەت مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى. ئۇ، "دالاي لاما جانابلىرى بەزى ئىلغار پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنى قوبۇل قىلىش كېرەك. ھىندىستان ھۆكۈمىتىمۇ بىر ئىشلارنى قىلىش كېرەك. بىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېموكراتىك دۆلەت. بىز يېتەكچى رول ئوينىشىمىز كېرەك،" دەيدۇ.

ھىندىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھىندىستان خۇسۇسى شىركەتلىرىنىڭ تىبەتكە مەبلەغ سېلىشىنى خالىمايدىكەن. ھىندىستان بولسا پاكىستان بىلەن سودا ئالاقىسى بار خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ھىندىستانغا مەبلەغ سېلىشىنى چەكلىمەكتە.

چېگرا مەسىلىسى

تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىۋاڭ پوپلا فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا "ھىندىستان تىبەت مەسىلىسىنى خۇ جىنتاۋ بىلەن سۆزلىشىش دۆلەت مەنپەئەتىمىزگە ئۇيغۇن ئەمەس، دەپ قارىسا، بېيجىڭنىڭ ئارۇناچال پرادېش شتاتىدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك" دەپ كۆرسەتتى.

ھىندىستان ھۆكۈمىتى كەشمىر - ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چېگرىسىدىكى ئاقسايچىن رايونىدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. خىتاي بولسا ئارۇناچال پرادېش شاتاتىدىكى 90 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر زىمىننى "جوڭگو تېررىتورىيىسى"، دەپ ئېلان قىلدى. ئامېرىكىدىكى خىتاي ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى ليۇ شاۋجۈي، خىتاي - ھىندىستان چېگرا ئىختىلاپىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى" تىبەت مەسىلىسىدۇر،" دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر خىتاي تىبەت مەسىلىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلسا، ھىندىستان بىلەن چېگرا تالاش تارتىشى ئۆزلىكىدىن ھەل بولىدىكەن. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت