خىتاي - ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرى كۈندىن كۈنگە يىرىكلەشمەكتە

نۆۋەتتە ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئېغىر دەرىجىدە يىركلىشىشكە باشلىدى "يەر شارى ئەرەب تور بېتى" دە بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدا ھىندىستان تەرەپنىڭ خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغان نازۇك سىياسىي مەسىلىلەردىن بىرى ھېسابلانغان تىبەت مەسىلىسىدە تىبەتنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لامانى قوغدايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىپادىسى ئېنىق شەرھىلەنگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2009-12-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 24 - ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﻣﺎﻧﻤﺎﺧﺎﻥ ﺳﯩﯔ ﺋﺎﻕ ﺳﺎﺭﺍﻳﺪﺍ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 24 - ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﻣﺎﻧﻤﺎﺧﺎﻥ ﺳﯩﯔ ﺋﺎﻕ ﺳﺎﺭﺍﻳﺪﺍ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

ئاسىيادىكى ئەڭ تېز تەرەققى قىلىۋاتقان ئىككى چوڭ دۆلەت ھېسابلانغان، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر كۈنسېرى يىرىكلەشمەكتە. يېقىنقى ئايلاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇزۇندىن بېرى ھىندىستان بىلەن مەۋجۇت چېگرا ئىختىلاپىنى قايتىدىن قوزغىغان بولۇپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ھىندىستانغا قارىتىلغان تەنقىدلەر ئالاھىدە كۆپىيىشكە باشلىغان.

ھىندىستان بولسا، خىتاي چېگرىسىدىكى مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، تالاش - تارتىشتىكى ئارۇناچال پرادىش ئۆلكىسى ئۈستىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم مەسىلە دەپ تەكىتلىگەن. ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن سىرت يەنە تىبەتنىڭ دىنى ۋە سىياسى داھىسى دالاي لامانى قوللايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھىندىستاندا ئىشلەيدىغان مىڭلىغان خىتاي قارا ئىشچىسىنى قوغلاپ چىقارغان.

دېمەك ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىۋاتقان ۋە نوپۇس جەھەتتىن دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ دۆلەتلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا بارغانسېرى يىرىكلىشىۋاتقان بۇ مۇناسىۋەتلەر، دۇنيانىڭ بولۇپمۇ ئىككى دۆلەتكە قوشنا ئاسىيا دولەتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

"يەر شارى ئەرەب تور بېتى"نىڭ سىياسى مۇلاھىزىچىسى ساداناند دھۇمەنىڭ ھىندىستان ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدا تەكىتلىشىچە، ئىقتىسادىي ۋە سىياسى جەھەتتىن بىر بىرى بىلەن رىقابەتلىشىۋاتقان بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىرىكلىشىشى دۇنيا ھەمدە رايون ئۇچۇن ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر، تېز ئىلگىرلەۋاتقان شۇنىڭدەك يادرو قورال كۈچىگە ئىگە بولغان بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ قايسىسىنى ئۆزىگە يېقىن دوست قىلىش قارارىنى بېرەلمىگەن بولۇپ، كۆپلىگەن دۆلەتلەر بولۇپمۇ شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر، خىتايغا قارشى رايوندىكى كۇچ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئۇچۇن ھىندىستاننىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرالايدىغان بىر كۇچ بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھىندىستان بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بەرمەكتە ئىكەن.

ئەمما ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا رەسمىي بىر توقۇنۇش مەيدانغا كەلسە، يەنىلا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر خىتاينىڭ سېپىدە تۇرۇشقا ياكى خىتاينىڭ ئاسىيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇش ھەۋىسىگە ئوچۇق ئاشكارە قارشى چىقىشقا مەجبۇرلىنىدىكەن.

خەلقئارا مەتبۇئاتلار خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىرىكلىشىشىدە، خىتاي تەرەپنىڭ خاتا ھېسابلىرىنىڭ چوڭ رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
 
ساداناند دھۇمەنىڭ ماقالىسىدا، تېخى 2008 ‏- يىلى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ غەلىبە شادلىقى تەسىرىدە تۇرۇۋاتقان، ھەربى جەھەتتىن ناھايىتى تېز كۈچىيىۋاتقان ۋە ئىقتىسادى كۈچى ھىندىستاندىن ئۇچ ھەسسە كۆپ بولغان خىتاينىڭ، ئىككى دۆلەتنى سېلىشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەرگە پۈتۈنلەي خاتىمە بېرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى قىياس قىلغان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ جىددىيلىشىشىدە، پەقەت خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولۇپمۇ، ئۇيغۇر رايونى ۋە تىبەتتىكى مىللى توقۇنۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىچكى ئامىللار مۇھىم رول ئويناۋاتقان بولۇپ، بۇلاردىن باشقا تىبەتلەرنىڭ كەلگۈسى دالاي لامانى خىتاي ھاكىمىيىتى سىرتىدىكى بىر رايوندىن تاللايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئەندىشىدىن مەيدانغا كەلگەن.

ماقالىدا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ئىختىلاپى 1914 - يىلى ئەنگلىيە بېكىتكەن "مەك ماخان چېگرا لىنىيىسى"نى ئاساس قىلىپ داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ھىندىستان ھۆكۈمىتى بېكىتىلگەن چېگرا لىنىيىسىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، خىتاي ھازىرغىچە بۇنى ئېتىراپ قىلماي كەلمەكتە. ھىندىستان بىلەن خىتاي ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ئىختىلاپىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئۆتكەن 6 يىل ئىچىدە 13 قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغان بىراق بۇ سۆھبەتلەردىن ئۈنۈملۈك بىر نەتىجە چىقمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئىيۇن ئېيىدا جىددى دىپلوماتىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئارۇناچال پرادىش ئۆلكىسىدىكى دېھقانچىلىق ساھەسىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا ئىشلەتمەكچى بولغان ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ھىندىستانغا ئاجراتقان 2 مىليارد 9 مىليون دوللارلىق قەرزىنىڭ ھىندىستانغا بېرىلىشىنىڭ ئالدىنى توسىغان.
 
ماقالىدا يەنە نويابىر ئېيىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، تىبەتلەرنىڭ دىنى ۋە سىياسى داھىسى دالاي لامانىڭ، ئارۇناچالدىكى تاۋاڭ شەھىرىنى زىيارەت قىلىشىغا ئوچۇق - ئاشكارە قارشى چىققانلىقى تەكىتلەنگەن. تىبەتلەرنىڭ 6 - قېتىملىق دالاي لاماسىنىڭ قەبرىسى تاۋاڭ شەھىرىدە بولۇپ، بۇ شەھەر تىبەت بۇددىستلىرى ئۈچۈن مۇقەددەس بىر شەھەر ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى دالاي لامانىڭ تاۋاڭ شەھىرىنى زىيارەت قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنى بۆلگۈنچىلىك ۋە خىتاينىڭ باشقا دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. بىراق دالاي لامانىڭ تاۋاڭ زىيارىتىدىن بىر ھەپتە بۇرۇن، ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى جەريانىدا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن ئۇچراشقان ھىندىستان باش مىنىستىرى مان موھان سىڭ، دالاي لامانىڭ ھىندىستاننىڭ شەرەپ مېھمىنى ئىكەنلىكىنى ۋە ھەرقانداق جايغا بېرىش ئەركىنلىكى بارلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
 
يەنە بىر تەرەپتىن، ھىندىستان بىلەن خىتاي دۇنيا سۇدا تەشكىلاتىدا، ئۆز - ئارا ئەڭ كۆپ ئىختىلاپلىرى بولغان ئىككى دۆلەت بولۇپ، ھىندىستان تەرەپ خىتايدىن بالىلار ئويۇنچۇقى بىلەن سۈت، شاكىلات قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىمپورت قىلىشنى قەتئىي چەكلىگەن.

خىتاينىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تالاش - تارتىشتىكى رايوندا تۇغۇلغان ۋە خىتاينى زىيارەت قىلماقچى بولغان كىشىلەرگە، ھىندىستان پاسپورتىغا ئەمەس، ئايرىم بىر قەغەزگە ۋىزا تەرىقىسىدىكى بىر تونۇشتۇرۇشنى بېسىپ بېرىۋاتقانلىقى ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان، بۇنىڭ بىلەن ھىندىستان ھۆكۈمىتى يېڭى بىر ۋىزا قانۇنى چىقىرىپ، ھىندىستاندا ئىشلەۋاتقان ۋە ئىشلەشكە كەلگەن مىڭلىغان خىتاي ئىشچىسىنى ھىندىستاندىن قوغلاپ چىقارغان.

ساداناند دھۇمەنىڭ خىتاي - ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، ھەر ئىككى دۆلەت دىققىتىنى ئىقتىسادى تەرەققىياتقا قاراتقانلىقى ئۈچۈن قىسقا ۋە ئوتتۇرا مۇددەتتە ھەم ھىندىستان ھەم خىتاي ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ كونتروللىقتىن ھالقىپ چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى، لېكىن خىتاينىڭ ھىندىستانغا كىبىرلىك بىر قاراش بىلەن يېقىنلىشىشى، ھىندىستاننىڭ خىتاي توغرىسىدىكى ئەندىشىسىنى كۈچەيتىپ، بۇ دۆلەتنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىگە يول ئاچىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
 
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت