خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئەخلەتخانىغا ئايلانغان

2006-12-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

سانفرانسىسكودىكى ئامېرىكا ‏- خىتاي ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى گۇ سۈجيەن ئەپەندى يېقىندا خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن بۇيانقى ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ "يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان خىتاي ئىقتىسادى ھەقىقەتەن تەرەققىي قىلماقتا. لېكىن بۇ خىل تەرەققىي قىلىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى يەنى تەرەققىي قىلىش جەريانىدا يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەرنى تونۇپ يەتمەستىن، قۇرۇق پەخىرلىنىش توغرا ئەمەس. چۈنكى ھازىرقى بۇ خىل ئەھۋال خىتاينىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەقىياتىغا نىسبەتەن، ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ" دەپ بىلدۈردى.

خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئەخلەتخانىغا ئايلانغان

ئامېرىكا ‏- خىتاي ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى گۇ سۈجيەن ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن بۇيانقى بۇ 5 يىل ئىچىدىكى ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئانالىز قىلىپ مۇنداق دېدى:

"خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن بۇيان، ئۆزىنى دۇنيا زاۋۇتىغا ئايلاندۇرىۋالدى، لېكىن ئۇ ھەر قانداق نەرسىنى ئىشلەپچىقارغىنى بىلەن، ھېچقانداق ئىلغار تېخنىكىغا ئىگە بولالمىدى. شۇڭا ھازىر خىتاي، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئەخلەتخانىغا ئايلانغان بولۇپ، بۇ خىل ھالەت خىتاينىڭ مۇھىتىغا زور تەسىر يەتكۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 70% تىن ئارتۇق دەريا، ئېقىنلارنى پۈتۈنلەي بۇلغىۋەتتى، ھازىر خىتاي نوپۇسىنىڭ ئاز دېگەندە 20% ئى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان ھاۋا ئىچىدە ياشىماقتا".

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇھىت پىلانى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيادا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان كېرەكسىز ئېلېكترونلۇق ئەسۋاب ماتېرىيالى 50 مىليون توننىغا يەتكەن. ھەمدە بۇنىڭ 80% ئى ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يۆتكەپ ئاپىرىلغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتايغا ئاپىرىلىۋاتقان ئېلېكترونلۇق ئەخلەت ماتېرىيالنىڭ ئۆزى 70% نى ئىگىلىگەن.

بېيجىڭ بازار گېزىتىدە بېرىلگەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى ئېلېكترونلۇق ئەخلەتنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى يىلىغا 10%تىن ئۆرلىمەكتە ئىكەن ھەمدە بۇ خىل ئېلېكترونلۇق ئەخلەت ماتېرىياللار تەركىبىدە ئىنتايىن زەھەرلىك ماددىلار بولۇپ، ئەگەر ئۇلار مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمايدىكەن، ئەتراپتىكى مۇھىتقا زور دەرىجىدە بۇلغىنىش ئېلىپ كېلىدىكەن. بولۇپمۇ تۇپراققا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ، يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋىتىدىكەن. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، خىتايدا ھەر يىلى ئېغىر مېتال تۈپەيلىدىن بۇلغانغان ئاشلىقنىڭ ئۆزى 10 مىليارد توننىدىن ئېشىپ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 20 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.

خىتاي مۇھىتنى قوغداش باش ئىدارىسىنىڭ 21 ‏- دىكابىر كۈنى ئېلان قىلغان بۇ يىلقى مۇھىت ھەققىدىكى دوكلاتىدا " خىتايدىكى شەھەرلەرنىڭ 48 % ئى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىپ كەتتى " دەپ تەكىتلىنىپ، ئۈرۈمچى، لەنجۇ، داتۇڭ، بېيجىڭ قاتارلىق 11 شەھەردىكى ھاۋانىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسى شەھەر خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان. ئامېرىكا ‏- خىتاي ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى گۇ سۈجيەن ئەپەندى سۆزىدە يەنە "خىتاينىڭ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن بۇيانقى بۇ 5 يىل ئىچىدە، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشتىكى ئىپادىسىمۇ ئىنتايىن ناچار بولغان. يەنى خىتاي ئەرزان ماللارنى كۆپلەپ ئىشلەش ئارقىلىق ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىدىغان دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ" دەپ بىلدۈردى. (مېھرىبان)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت