خىتاينىڭ ئىقتىسادىي سىياسىي ۋە تېخنىكا جەھەتلەردە كېڭىيىشىنىڭ ئاقىۋىتى

يېقىندا مۇتەخەسسىسلەر خىتاينى دۇنياغا ئىقتىسادىي ۋە سودا جەھەتتە كېڭىيىپ سىياسىي كۈچىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالسا، بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتاينى دۇنيادىكى بىرىنچى كۈچكە ئايلىنىش يولىدا ئىلگىرىلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى، ۋە يەنە بەزى ئانالىزچىلار خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئېشىشى، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە، تەبىئىي گاز ۋە نېفىتكە بولغان ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇپ، خىتاينى پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان تۇيۇق يولغا باشلايدىغانلىقىنى ۋە بۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ ۋەيران بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2010-12-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
زامان گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى مۇرات يۈلەك ئەپەندى. 2010-يىلى دېكابىر تۈركىيە.
زامان گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى مۇرات يۈلەك ئەپەندى. 2010-يىلى دېكابىر تۈركىيە.
zaman.com.tr

"زامان" گېزىتىنىڭ 2010‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 26‏- كۈنىدىكى سانىدا "تېخنىكا ۋە سىياسىي جەھەتتە خىتاينىڭ كېڭىيىشى" دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىنى "زامان" گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى مۇرات يۈلەك ئەپەندى يازغان. ماقالىنىڭ مەزمۇنلىرى مۇنداق بايان قىلىنغان.

"يېقىن زامانغىچە خىتاي سانائەت ئىشلەپ چىقىرىشتا تۆۋەن مالىيە بىلەن كۆپ مەھسۇلات ئىشلەپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ساتىدىغان ئىشلەپ چىقىرىش مەركىزى بولۇپ تونۇلغان ئىدى. بۇنى خىتاينىڭ بىرىنچى نەسىل كېڭەيمىچىلىك دەپ ئاتايمىز. بۇ دەۋردە خىتاي ھەممىدىن ئاۋۋال خەلقئارالىق تىجارەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆگەندى. چەتئەل بازارلىرىدا تارقىتىش، ئىش بېجىرىش مەركەزلەرنى قۇردى. چوڭ بازارغا ئىگە ۋە ئىستېمالچى كۆپ بولغان ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا بازارلىرىغا ئورۇنلاشتى. بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ ئافرىقا قاتارلىق تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەمما كىشى بېشى كىرىمى تۆۋەن دۆلەتلەرنىڭ بازارلىرىغىمۇ ئىچكىرىلەپ كىردى. 2009 ‏- يىلىدىن باشلاپ خىتاي ئىككىنچى باسقۇچ كېڭىيىشكە قەدەم باستى. بۇ مەزگىلدە خىتاي برازىلىيىدىن ئافرىقىغىچە، ئوخشىمىغان قىتئەلەردە ئىزدىنىپ پۇل تېپىش زەنجىرىنى كۈچلۈك ۋە بىخەتەر ھالغا كەلتۈرۈشكە تىرىشماقتا. خىتاي دۆلەت رەئىسى بۇ يىل يۇنانىستاننى زىيارەت قىلغاندا، يۇنان پاي چەكلىرىنى سېتىۋېلىپ يۇنانىستاننىڭ ئىقتىسادىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن قىسقا ۋاقىت ئۆتۈپ، ئوخشاش شەكىلدە ياۋروپا پاي چېكىنى سېتىۋېلىپ، ياۋروپا ئىقتىسادىغىمۇ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىر تاسادىپىي ئەھۋال ئەمەس. خىتاي بۇلارنى، ئېشىۋاتقان پايدا مەنپەئەت ۋە سەرمايە كۈچىگە پاراللېل ھالدا ئەڭ چوڭ شاھمات ئويۇنى بولغان دۇنيا تىجارىتىنىڭ توختاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ياردەم قىلىۋاتىدۇ. يېقىن كەلگۈسىدە خىتاينىڭ بۇ يېرىم سىياسەت رولىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ھازىرقى ۋەزىيەتكە قارايدىغان بولساق، كۆپ ئەمەس 10 يىل ئىچىدە خىتاينىڭ زايوم مىقدارى 6 تىرىليون دوللىرىدىن ئاشىدۇ. سەرمايە تەڭپۇڭلۇقى كۈچىنى كۆز ئالدىمىزغا قويىدىغان بولساق، زايومنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىسادىي كۈچى خىتاينى ئاستا ‏- ئاستا باش تارتالمايدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق بىر سىياسىي كۈچ ھالغا كەلتۈرىدۇ. خىتايدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تىز يۈكسىلىشنىڭ نەتىجىلىرى تالاش - تارتىش قىلىنىۋاتىدۇ. ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە قارايدىغان بولساق، يېقىنقى زاماندا، دەسلەپكى چوڭ كۈچلەرنىڭ يۈكسىلىش نەزەرىيىلىرىدىكى خەلقئارالىق جەريان بەس ‏- مۇنازىرە قىلىنغان. بۇنىڭدىكى مەقسەت، تىنچلىق بىلەن يۈكسىلىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، رۇسىيە بىلەن گېرمانىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان ۋە تىنچلىق ئورنىتىلمىغان يۈكسىلىشلەر تارتىشىلدى. قىسقىسى خىتاينىڭ كۈچىيىشى تاسادىپىي ئەمەس، پىلانلىق كۈچىيىش."

خىتاينىڭ پەن - تېخنىكا كېڭىيىشى

ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق ئويۇنچۇق ياكى باشقا نەرسىلەرنى سېتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى سېتىشتا كۆپ پايدا ئالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق يازغان:
"خىتاينىڭ تاسادىپىي بولمىغان بۇ تەرەققىياتنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى پەن - تېخنىكا، خىتاي ئەرزان ئويۇنچۇق ياساش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي پەن ‏- تېخنىكا سودىسى قىلىش ئىستراتېگىيىسى بار. خىتاي خەلقئارا بازارلاردا، قاتناش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە ئېلېكترلىك ئۈسكۈنىلىرى سودا ساھەلىرىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ شىركەتلىرى ھۆكۈمەتكە ئائىت مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەردۇر."

خىتاينىڭ سىياسىي كېڭەيمىچىلىكى

ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ سىياسىي كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يېزىلغان.
" خىتاي ئىقتىسادىي كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە سىياسىي جەھەتتىنمۇ كۈچىيىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ كۈچىيىشكە قاراپ ئىلگىرىلىشى پەقەت ئامېرىكىنىلا ئەمەس پۈتكۈل دۆلەتلەرنى تەسىرگە ئۇچرىتىدىغانلىقى ئېنىق. بۇ تۈركىيىگىمۇ يېقىندىن تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەنگلىيە خىتايغا قارشى ئېلىپ بارغان ئەپيۈن ئۇرۇشلىرىنىڭ ئاساسىي سەۋەبى، خىتاينىڭ ئەركىن تىجارەتكە خىلاپ ھەرىكەت قىلغانلىقى ئىدى. 19‏- ئەسىردە ئەنگلىيە خىتاي بىلەن بولغان تىجارەتتىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن خىتايغا جەنۇبىي ئاسىيادا ئىشلەنگەن ئەپيۈنلەرنى خىتايغا سېتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما خىتاي ئىمپېراتورى دۆلىتىگە ئەپيۈننىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلىگەن چاغدا ئەنگلىيە خىتايغا باشتا تەھدىت قىلغان كېيىن ئەپيۈن ئۇرۇشى دەپ نام بېرىلگەن ئۇرۇشنى باشلىغان. ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان چىڭ ئىمپېراتورلۇق دۆلىتىگە ئەنگلىيىنىڭ ئەپيۈن ئىمپورت قىلىشىغا يول قويۇشقا مەجبۇر بولغان."

خىتاي دۇنياغا مال سېتىش بىلەن سىياسىي كۈچىنى ئاشۇرۇۋاتىدۇ

ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ سىياسىي كۈچىنى ئاشۇرۇشتا ئەرزان باھادا مال سېتىش سىياسىتى مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېيىلگەن.
" خىتاينىڭ سىياسىي كۈچىيىشى مەجبۇرىيەت بولغانغا ئوخشاشلا پاجىئەلىك، يەنى خىتاي ئاساسىي قىممەت ئېتىبارى بىلەن ئەمەس غەربنىڭ ئەكسىچە دۇنياغا مەدەنىيەت ئۆگىتىش شوئارى بىلەن يۈكسەلمىدى. خىتاي دۇنياغا مال سېتىش بىلەن يۈكسىلىشكە ئۇرۇنماقتا، خىتاي ئۆز ئىچىدە ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ ئۇزۇن يىل مال ئېكسپورت قىلىشقا ئېھتىياجى بار. خىتاي ئۆز ئىچىنى ئۆزگەرتىشتە مال ئېكسپورت قىلىشنىڭ سىرتىدا باشقا بىر يۆنىلىشنىڭ يوللىرى يوق ياكى بەك نەتىجە بېرەلمەيدىغان ئاجىز دەرىجىدە. خىتاي تۆمۈر مۇشتىنى تيەنئەنمېن مەيدانىدا، شەرقىي تۈركىستاندا، تىبەتتە كۆرسەتمەكتە. ۋاقتى كەلگەندە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا قارشى چىقىش كېرەكلىكىنى دۇنياغا كۆرسەتمەكتە. خىتاينىڭ كۈچىيىشىگە قارشى تۈركىيە نېمە قىلىش كېرەك؟ تۈركىيە ئەڭ ئاز بولغاندا خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرۇشى كېرەك. خىتاينى ھەم ئىقتىسادىي ھەم سىياسىي ھەم پەن - تېخنىكا جەھەتتە كۆزىتىپ كېلەلەيدىغان مۇتەخەسسىسلەر يېتىشتۈرۈشىمىز لازىم. خىتايچە بىلىدىغان كىشىلىرىمىز بولسۇن. خىتاينىڭ تەرەققىياتىدىن قانداق پايدىلىنىمىز؟ خىتاي بازىرىغا قانداق ۋە قايسى ساھەلەرگە كىرىش ھەققىدە ئىستراتېگىيە بەلگىلەش كېرەك. خىتاي بىلەن قايسى ساھەلەردە قانداق ھەمكارلىشالايدىغانلىقىمىزنى ئويلايلى. شەرقىي تۈركىستان بۈيۈك بىر بېسىم ئاستىدا قالغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىيىنچىلىق ۋەزىيەتلىرىنى تۈزىيەلەيدىغان بىر ئىستراتېگىيە بەلگىلەيلى. خىتاي بىلەن دىئالوگنى ئاشۇرايلى. دۇنيا جامائىتى نېمە ئۈچۈن تىبەتتە بىلىدۇ ئەمما شەرقىي تۈركىستاننى بىلمەيدۇ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەيلى."

خىتايدا دۇنيانىڭ بىرىنچى كۈچى بولىدىغان شەرتلەر مەۋجۇت ئەمەس

"ئەل’ ئەزىز ھەپتىلىك سىياسىي گېزىتى" دە، ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، "خىتاي دۇنيانىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك يېڭى كۈچى بولالامدۇ؟" دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق يېزىلغان.
" يېقىندىن بۇيان ئاخباراتلاردا دۇنيانىڭ يېڭى ۋە بىرىنچى كۈچى خىتاي بولىدۇ، دېگەن قاراشلار كەڭ تارقالماقتا. ئەمما ئەمەلىيەتكە قارايدىغان بولساق بىرىنچى دەرىجىلىك كۈچ بولۇش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس. دۇنيانىڭ بىرىنچى كۈچى بولۇشنىڭ شەرتلىرى خىتايدا تېخى تېپىلمايدۇ. خىتاينىڭ دۇنيانىڭ يېڭى بىرىنچى كۈچى بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىشى بىھۇدە ئاۋارىچىلىكتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. چۈنكى خىتايدا بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغۇدەك ئىقتىدار يوق. ئەگەر بىرىنچى دەرىجىلىك كۈچ بولۇش پەقەت ئىقتىساد بىلەن مۇمكىن بولىدىغان ئىش بولىدىغان بولسا، ياپونىيە ياكى گېرمانىيە ئاللىقاچان دۇنيانىڭ بىرىنچى كۈچىگە ئايلانغان بولاتتى. كۈچلۈك بىر ئارمىيە ۋە ئاتوم بومبا بىلەن دۇنيانىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك كۈچى بولىدىغان ئىش بولسا ئىدى، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە يۇگوسلاۋىيە پارچىلانمىغان بولاتتى."

بىز خىتاينىڭ دۇنياغا كېڭىيىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈچىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىي دوكتور ئاتاۋۇللا شەھيار ئەپەندىنىڭ پىكىر قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت