خىتاينىڭ دوكلاتى ۋە كانادادىكى ئىنكاسلار

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2008 - يىلىنىڭ 11 - ‏ ئېيىدا ئاتالمىش تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزدى دېگەندەك ئەيىبلەشلەر بىلەن 1300 نەپەر ئۇيغۇرنى قولغا ئالغانلىقى، بۇلاردىن 1154 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ سوت قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى دوكلاتى كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ
2009-01-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﭘﯧﮕﮕﻲ ﻧﺎﺵ ﺧﺎﻧﯩﻢ، ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺟﯧﻠﯩﻞ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﯜﻧﺪﻩﺵ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﺍ.
ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﭘﯧﮕﮕﻲ ﻧﺎﺵ ﺧﺎﻧﯩﻢ، ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺟﯧﻠﯩﻞ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﯜﻧﺪﻩﺵ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﺍ.
RFA Photo / Kamil Tursun

بۇ خەۋەر ئالدىنقى كۈنى خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. كانادا مەتبۇئاتلىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش دېگەنلەرنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقى، 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن كۈچەيگەن بۇ زۇلۇمنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھارپىسىدا يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمەن دەپ قارالغانلىقى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇننىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت