خىتاي كازافىيدىن كېيىنكى ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا ئۈچۈن قانداق بىر سىياسەت ئېلىپ بارىدۇ؟

سەيشەنبە كۈنى ئەنگلىيىنىڭ پايتەختى لوندوندا 40 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، لىۋىيىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە كازافىينى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011-03-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
2011-يىلى 29-مارت ئەنگلىيىنىڭ پايتەختى لوندوندا ئېچىلغان «لىۋىيىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە كازافىينى قانداق بىر تەرەپ قىلىش» ناملىق يىغىنغا قاتناشقان 40 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى.
2011-يىلى 29-مارت ئەنگلىيىنىڭ پايتەختى لوندوندا ئېچىلغان «لىۋىيىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە كازافىينى قانداق بىر تەرەپ قىلىش» ناملىق يىغىنغا قاتناشقان 40 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى.
AFP

ئەمما، يېقىندىن بۇيان ھەدەپ بىرلەشمە ئارمىيىنى لىۋىيىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى توختىتىشقا چاقىرىپ كەلگەن خىتاي بۇ يىغىنغا قاتناشمىدى. بىز تۈنۈگۈنكى پروگراممىمىزدا ب د ت دا لىۋىيىدىكى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش مەسىلىسىدە بىتەرەپ بولۇۋالغان خىتاينىڭ ئەمدىلىكتە ھەدەپ بىرلەشمە ئارمىيىنى ئەيىبلىشى ۋە خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇرۇشنى بۇرمىلاپ خەۋەر قىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. تۆۋەندە خىتاينىڭ لىۋىيە مەسىلىسىدە قارار بېرىشتىن ئىلگىرىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى پىلانى ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قاراشلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، لىۋىيە ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان مەسىلە ب د ت دا ئاۋازغا قويۇلغاندا، خىتاي ئۆزىنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلەتمەي، پەقەت ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن ئىدى. يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ بىر ھېسابتا، كازافىيغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىنى قوللىغانلىق ھېسابلىناتتى. ئۇنداقتا ئەزەلدىن بېرى بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا شىددەت بىلەن قارشى چىقىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ كەلگەن خىتاي، نېمىشقا لىۋىيە مەسىلىسىدە بىتەرەپ تۇرۇش ئارقىلىق، بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ لىۋىيىگە كىرىشىگە يېشىل چىراغ يېقىپ بەردى؟

ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ لىۋىيىگە سالغان ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ مىقدارى 20 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، لىۋىيىدىكى ۋەزىيەت تۈپەيلى لىۋىيىگە مەبلەغ سالغان خىتاي شىركەتلىرى ھەممىسى زىيانغا ئۇچرىغان. شۇنىڭدەك لىۋىيىدە كازافىينىڭ ئۆز خەلقىگە قوراللىق ئۇرۇش قوزغىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ قالايمىقانچىلىق، خىتاينىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگىمۇ تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ، ئەگەر لىۋىيىدە ۋەزىيەت كونترولدىن چىقىپ كەتكەن تەقدىردە، خىتاينىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى مەبلەغ پىلانلىرىنى ئاستىلىتىپ قويىدۇ - دە، نەتىجىدە بۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا زىيان ئېلىپ كېلەتتى. شۇڭا ئەينى ۋاقىتتا خىتاي مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى، كازافىينىڭ ھاكىمىيەتتىن قوغلىنىشىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ يېقىن يولى دەپ قاراپ، كازافىيغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتكە يېشىل چىراغ ياققان.

ئەمما، كازافىينىڭ كېتىشىنىڭ خىتاي ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاسان بولمىغانلىقى، كازافىينىڭ قوراللىق توقۇنۇشنى داۋام قىلىشى ۋە بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى ناتوغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى بولسا، خىتاينىڭ ئەمدىلىكتە پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، ھەدەپ بىرلەشمە ئارمىيىنى ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرىشىغا سەۋەب بولماقتا. ئەلۋەتتە بۇنىڭ يەنە بىر مۇھىم سەۋەبى بولسا، ئىقتىسادىي سەۋەبتىن باشقا يەنە سىياسىي سەۋەب بولۇپ، ئۆز ئىچىدە ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسىگە ئوخشاش ئېتنىك مەسىلىسى بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن بېرى بۇ خىل دېموكراتىك قارشىلىقلارغا شىددەت بىلەن قارشى چىقىپ كەلگەن. دەرۋەقە، خىتاي دائىرىلىرى ھەر پۇرسەتتە لىۋىيىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دۆلەت پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەكىتلىمەكتە. بۈگۈن يەنى سەيشەنبە كۈنى ئەنگلىيىنىڭ پايتەختى لوندوندا 40 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، لىۋىيىنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغان يىغىنغىمۇ خىتاي قاتناشمىغان.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشمىغان بۇ يىغىندا 40 دۆلەتنىڭ رەھبىرى لىۋىيىلىك دىكتاتور كازافىيغا دەرھال ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ھەققىدە چاقىرىق قىلدى ۋە ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ، ئۇ ئاۋام خەلققە ھۇجۇم قىلىشنى توختاتقۇچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بۇنىڭدىن سىرت، فرانسىيە رەھبەرلىرى لىۋىيىلىك ئىسيانچىلارنى قورال بىلەن تەمىنلەش ھەققىدە ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. يىغىنغا، ب د ت باش سېكرېتارى بان كىمۇن، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلى ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتونلارمۇ قاتناشتى.

ئىگىلىنىشىچە، يىغىن جەريانىدا يەنە، لىۋىيىلىك ئىسيانچىلار ئەگەر غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن تەقدىردە لىۋىيىدە ئەركىن ۋە دېموكراتىك بىر جەمئىيەت بەرپا قىلىش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

ئۇنداقتا دۇنيا دۆلەتلىرى لىۋىيىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە جىددىي مۇزاكىرىلەرنى باشلىۋەتكەن مۇشۇنداق بىر يىغىندا يەر ئالمىغان خىتاي بۇندىن كېيىن رايوندا قانداق بىر سىياسەت يۈرگۈزىدۇ؟

بۇ ھەقتە، ئامېرىكا سيراكۇس ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە سىياسەت پەنلىرى دوكتور ئوقۇغۇچىسى قىلىچ قانات رادىئومىزغا كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، خىتاينىڭ ھازىر لىۋىيىدە ۋەزىيەتنىڭ تىنجىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ۋە لىۋىيىدىكى كېيىنكى ۋەزىيەت ئۈچۈن يېڭى بىر ئىستراتېگىيە بەلگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ بۇندىن كېيىنكى يېڭى ئىستراتېگىيىسى ئىنسانىي مەسىلىلەردە تېخىمۇ قاتتىق بولۇپ، ئىلگىرى كوسوۋو ۋە كېيىن لىۋىيىگە قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتنى قوللاشقا ئوخشاش «خاتالىقى» نى قايتا تەكرارلىماسلىق يۆنىلىشىدە بولىدىكەن. يەنى، خىتاي ئۆز ئىچىدىكى ئېتنىك مەسىلىلىرى ئۈچۈن بىر يوچۇق ئىچىپ بەرمەسلىك ۋە ئافرىقىدىكى مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، بۇندىن كېيىن ئافرىقىدىكى دىكتاتور ئىتتىپاقداشلىرىنى قوغداشنى ئاساسىي رامكا قىلغان ھالدا سىياسەت ئېلىپ بارىدىكەن.

ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ ئافرىقىدا نۇرغۇن ھەل قىلغۇچ مەنپەئەتلىرىنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ بۇ رايوندا داۋاملىق سۆز ئىگىسى بولۇش ئۈچۈن ئۆز پائالىيىتىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، رايوندا ۋەزىيەت ئەسلىگە كەلگەن تەقدىردە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭمۇ خىتاي بىلەن يەنە ھەمكارلىشىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دەرۋەقە، خىتاي ھازىر كازافىيدىن كېيىنكى ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا سىياسىتىنى بەلگىلەشكە تىرىشىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئەمەلدارلىرى رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن رايون دۆلەتلىرىگە قاراتقان دىپلوماتىك زىيارەتلىرىنى باشلىۋەتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت