دىققەت، خىتاي ماللىرىدا زەھەر بار!

2007-08-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

باش شىتابى نيۇيوركتىكى بالىلار ئويۇنچۇقلىرى شىركىتى ماتتېل، 2 - ئاۋغۇست كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خىتايدا ئىشلەنگەن بىر مىليوندىن ئارتۇق بالىلار ئويۇنچۇقىدا زەھەرلىك ماددا بارلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ياۋرۇپا پۇقرالىرىنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەن تاۋارلارغا بولغان سەگەكلىكى ئالاھىدە ئېشىپ كەتكەن ئىدى.

مەتبۇئاتلاردىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 3 - ئاۋغۇست كۈنى ياۋرۇپا بىرلىكى جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، بۇ خىل زەھەرلىك ماددا تەركىبى بولغان بالىلار ئويۇنچۇقىنىڭ ياۋرۇپادىكى گېرمانىيە، ئاۋستىرىيە، بېلگىيە، فرانسىيە، گىرىتسىيە، ئەنگىلىيە، ئىرلاندىيە، گوللاندىيە، پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە، چېخ ۋە خورۋاتىيە قاتارلىق 13 دۆلەتكە كىرىپ بولغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ياۋرۇپادىكى نۇرغۇن پۇقرالار خىتايدا ئىشلەنگەن ئويۇنچۇقلارنى مال ساتقان دۇكانلارغا قايتۇرۇپ بېرىشكە باشلىغان.

مال قايتۇرۇش شامىلى گېرمانىيىدە كۆرۈنەرلىك ھالدا كۈچەيگەن

بۇ خىل مال قايتۇرۇش شامىلى گېرمانىيىدە كۆرۈنەرلىك ھالدا كۈچەيگەن. گېرمانىيىدىكى نۇرغۇن گېزىت - ژۇرناللار خىتايدا ئىشلەنگەن تاۋارلارنىڭ سۈپىتى ناچار بولۇپلا قالماي، يەنە بالىلار تاۋارلىرىدا زەھەرلىك ماددا بارلىقىنى بەس - بەستە ئېلان قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن.

ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ باياناتچىسى، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، ئۆز سىستېمىسى دائىرىسىدىكى 30 دۆلەتتە بۇ خىل زەھەرلىك ئويۇنچۇقنى دەرھال يىغىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. دەل مۇشۇ پەيىتتە ، ئەنگىلىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەلۇمات ئېلان قىلىپ، خىتايدا ئىشلەنگەن زەھەرلىك ماددا تەركىبى بولغان ئويۇنچۇقلار تۈرىنىڭ 83 خىلغا يېتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

بۇ ھال كىشىلەرنىڭ خىتاي تاۋارلىرىدىن ھەزەر ئەيلەش تۇيغۇسىنى بىراقلا كۆككە كۆتەرگەن ۋە خىتاي تاۋارلىرىنى قايتۇرىدىغانلارنىڭ سانىنى بارغانسېرى كۆپەيتىۋەتكەن. خەۋەر ئېلان قىلىنىپلا 150دىن ئارتۇق خېرىدار دەرھال خىتايدا ئىشلەنگەن بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى قايتۇرۇپ بەرگەن.

"خىتايدىن كىرگۈزىلىۋاتقان تاۋارلىرىنىڭ مەسىلىسىز تاۋار بولۇشىنى خالايمىز"

ئالدىنقى ھەپتە ياۋرۇپا بىرلىكى ئىستىمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئورگىنىنىڭ بىر نەپەر رەھبىرى خىتايدا زىيارەتتە بولغاندا " بىز خىتايدىن ياۋرۇپا بىرلىكى دۆلەتلىرىگە كىرگۈزىۋاتقان تاۋارلىرىنىڭ مەسىلىسىز تاۋار بولۇشىنى خالايمىز. ياۋرۇپا پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى، مۇرەسسە قىلىدىغان مەسىلە ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن ئىستىمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك" دېگەن بولسىمۇ، ياۋرۇپا پۇقرالىرى خىتاينىڭ بۇ ئىللەتلىرىنى تۈزىتىشىگە ھېچقانداق كاپالەتنىڭ مەۋجۇد ئەمەسلىكىنى تەكىتلەشكەن.

ئۇلار خىتاينىڭ تەقلىدچىلىك قىلمىشىغا قارىتا يىللاردىن بېرى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشلار بېرىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ بۇنى تۈزەتمىگەنلىكىنى پاكىت سۈپىتىدە كۆرسەتكەن.

گېرمانىيە ئاخباراتلىرىدا: " دىققەت، خىتاي ماللىرىدا زەھەر بار!"

گېرمانىيە ئاخباراتلىرىدا " دىققەت، خىتاي ماللىرىدا زەھەر بار!" دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشقا ئىگە خەۋەرلەر ھېلىمۇ كۆزگە چېلىقماقتا.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە تەرەپ مەزكۇر شىركەتتىن مال زاكاز قىلىشنى چەكلىگەن بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ خىتاي تاۋارلىرىنى قايتۇرۇش ئىرادىسىنى چەكلىيەلمىگەن. قايتۇرىلىۋاتقان بۇ تاۋارلار ئىچىدە، تەركىپىدە زەھەرلىك ماددا بولمىغان نەرسىلەرمۇ بار ئىكەن.

گەرچە بۇ خىل زەھەرلىك ماددا بولغان ئويۇنچۇقلارنىڭ گېرمانىيىگە كىرگەن سانى ئاران 3مىڭ دانە بولسىمۇ، نۇرغۇن پۇقرالار "مادا ئىن چىنا" دېگەن ماركىسى بولغان تاۋارلارنىڭ ھەممىسىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان. ھازىرغا قەدەر قايتۇرىلىۋاتقان ماللارنىڭ تۈرى 50 خىلدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ ماللارنىڭ ھېچ بىرىدە زەھەرلىك ماددا تەركىبى بولمىسىمۇ، "مادا ئىن چىنا" دېگەن ماركىسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا قايتۇرۇلغان. مەيلى زەھەرلىك ماددا بولسۇن ياكى بولمىسۇن، خىتايدا ئىشلەنگەن نەرسىلەرنىڭ ھەر قاندىقى كىشىلەردە كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلغان.

گېرمانىيىدىكى نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار مۇخبىرلارنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ئويۇنچۇقلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى پلاستىك نەرسىلەردىن ياسالغان بولغاچ، بۇ خىلدىكى ئويۇنچۇقلاردىن ئەزەلدىن ھەزەر ئەيلەپ كەلگەنلىكىنى، بەزى مېتالدىن ياسالغان ئويۇنچۇقلار ئىچىدىكى بالىلار ئېغىزىغا تەككۈزۈشى مۇمكىن بولغان نەرسىلەردىنمۇ يىراق تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، ئەمدى بولسا خىتاينىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقلىرىدىنمۇ مۇتلەق ھەزەر ئەيلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

" زەھەرلىك بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت "

دارفۇردىكى قانلىق توقۇنۇشنىڭ سەۋەبكارىغا ئايلىنىپ، غەرب ئەللىرىدىكى ئوبرازىغا قاتتىق داغ چۈشۈرگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇ قېتىم زەھەرلىك بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت دېگەن سەتچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ، يەنە بىر قېتىم ئۆز ئىناۋىتىنى يەرگە ئۇرۇۋالدى. بۇنىڭسىزمۇ، غەربلىكلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى غەرب تېخنىكىلىرىنى ئوغرىلاش، غەربنىڭ ھەر خىل تاۋارلىرىنى تەقلىد قىلىپ ئىشلەشتەك ئۇياتسىزلىق بىلەن، 2008 - يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن ئىلگىرى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماسلىقتەك ۋاپاسىزلىق بىلەن ۋە ئۇيغۇر ۋەتىنى ھەمدە تىبەتلەردە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى بىلەن قاتتىق ئەيىبلىمەكتە ئىدى.

8 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن باشلاپ ھەر قايسى ئەللەردىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىنى كۈچەيتتى. 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆز ئوبرازىنى ياخشىلاش مەقسىدىگە يەتمەكچى بولۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، ئەكسىچە، ھەر خىل ئىنسانىيەتسىز قىلمىشلىرى بىلەن دۇنيا جامائىتىنىڭ بارغانسېرى كۈچلۈك غەزىپىگە دۇچ كەلمەكتە. (ئەكرەم)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت