"خىتايدا ياسالدى" دېگەن ماركىنىڭ دەھشىتى

2007-09-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

سەئۇدى ئەرەبىستانى ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئابدۇراخمان قاھتانى قەلىمى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ "ئەل رىياد" گېزىتىنىڭ 2007-يىلى 4- سېنتەبىر سانىدا "خىتايدا ياسالدى دېگەن ماركىنىڭ دەھشىتى" ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئاپتور ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: " ئۆتكەن بىر قانچە ئاي ئىچىدە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خىتايدا ياسالغان تەن ساغلاملىققا زىيانلىق بولغان خىتاي ماللىرىنىڭ خەتىرىگە قارشى كۆپلىگەن تەدبىرلەرنى ئالغان بولدى. ھەتتا ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ مەشھۇر تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى بۇ مەسىلە بىلەن مەشغۇل بولدى. ئامېرىكىدىن باشلاپ كۆپلىگەن دۆلەتلەر 'خىتايدا ياسالدى' دېگەن ماركىلاردىن قورقۇدىغان بولۇپ قالدى. بىخەتەرلىك قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىنمىغان، زەھەرلىك بۇ ماللار دۇنيانىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلىرىدە بازارلاردىن يىغىۋېلىندى."

"داي ئىسىلىن گلايكول"ماددىسىدىن كېلىپ چىققان زەھەرلىنىش

بۇ دولقۇن ئەسلىدە ئۆتكەن يىلى خىتايدا ياسالغان دورىلارنى ئىستېمال قىلغانلىق سەۋەبتىن ھاياتىدىن ئايرىلغان ئونلارچە كىشىنىڭ قىسسىسى بىلەن باشلانغان بولۇپ، "داي ئىسىلىن گلايكول"ماددىسىدىن كېلىپ چىققان بۇ زەھەرلىنىش قورقۇنچلۇق ئەھۋاللارنى ياراتقان. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خىتايدا ياسالغان 7تۈرلۈك چىش پاستىسىنى بازارلاردىن چەكلىشى ۋە 2300 دانە بالىلار ئويۇنچۇقىنىڭ ئىچىدە زەھەرلىگۈچى قوغۇشۇن ماددىسى كۆپ بولغانلىقى بىلەن بازارلاردىن يىغىۋېلىشى ۋە كۆپلىگەن كىيىم - كېچەكلەرنىمۇ ئىچىدە زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بايقالغانلىقى سەۋەبلىك بازارلاردىن مەنئى قىلغانلىقى شۇ سەۋەبتىن ئىدى. مۇندىن باشقا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن كانادادا خىتايدا ياسالغان ھايۋان يېمەكلىكلىرى سەۋەبلىك كۆپلىگەن ھايۋانلارنىڭ ھالاك بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ نەرسىلەرنى بازارلىرىدىن چەكلىگەن. بۇنىڭغا ئەگىشىپ خىتايدىن كېلىدىغان دېڭىز يېمەكلىكلىرىمۇ بازارلاردىن چەكلەنگەن. بۇنىڭ سەۋەبى بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ خىمىيىلىك ماددىلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە تەن-ساغلاملىققا زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئىدى. "

"ئامېرىكا ۋە كاناداغا ئوخشىغان تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھوشيارلىق بىلەن ئىش كۆردى. ئەمما بىز ئەرەب دۆلەتلىرى ئالدىمىزغا كەلگەن بەزى خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالدىرىغان ۋە ۋاقتىدا تەدبىرىنى ئالغان بولساقمۇ ھازىر ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان خىتاي ماللىرىنىڭ خەتەرلىرىدىن غەپلەتتىمىز. بازارلىرىمىزدا خىتايدا ئىشلەنگەن ئېلېكترونلۇق سايمانلىرى، ئاياللارنىڭ گۈزەللىك لازىمەتلىرى ۋە بالىلار ئويۇنچۇقلىرى ھەر يەرنى قاپلاپ تۇرۇپتۇ. ئەمما بىز بۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ ئۆلچەمگە لايىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز. پەقەت خەتەر ئىشىكىمىزنى قاققاندىلا بۇ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىمىز."

خىتايدا ئىشلەنگەن يېمەكلەرنىڭ %20 سى ئۆلچەمگە لايىق ئەمەس

دوكتور ئابدۇراخمان قاھتانى ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ: "خىتاينىڭ يېمەكلىكلەرنى كونترول قىلىش كومىتېتى مۇندىن بۇرۇن خىتايدا ئىشلىنىپ خىتاي بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان يېمەكلىكلەرنىڭ %20 نىڭ ئۆلچەمگە لايىق ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بازارلىرىمىزدا خىتايدىن كەلگەن قاچىلانغان مېۋىلەر، قۇرۇتۇلغان بېلىقلار سان ساناقسىز ھالدا سېتىلىۋاتماقتا. خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ئايدا خىتايدىكى يېمەك - ئىچمەكلەر زاۋۇتلىرىدىن 180 نى ئىشلەپچىقارغان يېمەك - ئىچمەكلىرىگە زىيانلىق خىمىيىلىك ماددىلارنى ئارىلاشتۇرغانلىقى سەۋەبلىك تاقىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما بىز چەتئەللەردىن، خۇسۇسەن خىتايدىن كەلگەن تەييار يېمەكلىكلەرنى ھېچ سۈرۈشتە قىلماستىن سېتىۋالىمىز. بۇ ئەسلىدە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئىدى. "

خىتاي بالىلار ئويۇنچۇقلىرى خەتەرلىك

دوكتور ئابدۇراخمان قاھتانى ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ: "بالىلار ئويۇنچۇقلىرىغا كەلسەك، ئامېرىكىنىڭ ماتتېل شىركىتى خىتايدا ئىشلەنگەن بالىلار ئويۇنچۇقلىرىدا بالىلارنىڭ ساقلىقىغا خەۋپلىك زەھەرلىك ماددىلارنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن، دۇنيادىكى پۈتۈن شۆبىلىرىگە ئۇختۇرۇش چۈشۈرۈپ، بۇ ئويۇنچۇقلارنى بازارلاردىن يىغىۋالدى. شۇ ئەسنادا سەئۇدى ئەرەبىستانىدىمۇ 2300دانە ئويۇنچۇق يىغىۋېلىندى ۋە خىتايدىن كېلىۋاتقان كۆپ ساندىكى بالىلار ئويۇنچۇقلىرى قايتۇرۇۋېتىلدى. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ سودا - سانائەت مىنىستىرلىكى ماتتېل شىركىتى تەرىپىدىن خىتايدا ئىشلەنگەن ئويۇنچۇقلارنىڭ بەزىسىدە، بالىلارغا زىيانلىق بولغان قوغۇشۇن ۋە ياخشى بېكىتىلمىگەن ماگنېتلارنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ بالىلارنىڭ تەن ساغلىقىغا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاي مەنبەلىرى مۇندىن بىر ھەپتە ئىلگىرى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ بالىلار ئويۇنچۇقلىرى شىركىتى "لىدا"شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىق خەۋىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇمۇ خەتەرنىڭ چوڭلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ."

خىتايدا ئىشلەنگەن كىيىملەردە زەھەرلىك ماددا بايقالدى

"خىتايدىن كەلگەن كىيىملەرگە كەلسەك، يېڭى زېلاندىيە دائىرىلىرى بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتايدىن كەلگەن بالىلار كىيىم - كېچەكلىرىگە بالىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا تەھدىت سالىدىغان ئالىدىغان كۆپ مىقداردىكى زەھەرلىك ماددىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن بەلگىلەپ بېرىلگەن ئۆلچەمدىن 500 ھەسسە ئارتۇق خىمىيىلىك ماددا بايقالغانلىقى سەۋەبلىك بازارلاردىن يىغىۋېلىشقا باشلىغان ئىدى. شۇندىن باشلاپ ئەرەب مەملىكەتلىرى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ بازارلاردىكى خىتايدىن كەلگەن كىيىملەرنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى." (ئۆمەرجان)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت