خىتاي ماللىرىغا يېڭى چەكلىمىلەر قويۇلدى

2006-12-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈركىيە تاشقى سودا ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدىن مەلۇم بولۇشىچە 2007-يىلىدا خىتاينىڭ 44 تۈردىكى توقۇمىچىلىق ماللىرىغا چەكلىمە قويۇلىدىكەن. تۈركىيە تاشقى سودا ئىدارىسى مەنبەسى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىن بولغان بەزى توقۇمىچىلىق ۋە تەييار كىيىم ماللىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىغا چەكلىمە قويۇشنى قارارلاشتۇردى. ئۇقتۇرۇشتىن قارىغاندا، تاشقى سودا ئىدارىسى ئىمپورت باش مۇدىرلىقى ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەۋجۇت توقۇمىچىلىق ۋە تەييار كىيىم ئىشلەپ چىقىرىش كۈچىنىڭ كۈندىن كۈنگە ئارتىۋاتقانلىقى ۋە مەنبەسى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بولغان ماللارنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنىڭ بازارنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ۋە بازار قالايمىقانلاشتۇرۇش تەھدىتى سەۋەبلىك تىجارەتنىڭ تەرتىپلىك راۋاجلىنىشىغا توساق بولىدىغانلىقى ئېنىقلانغان. نەتىجىدە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى مەنبەلىك بەزى توقۇمىچىلىق ۋە تەييار كىيىم مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىغا سان چەكلىمىسى قويۇشقا قارار بېرىلگەن.

سان چەكلىمىسى قويۇلىدىغان ماللارنىڭ ئاساسلىقلىرى تۆۋەندىكىچە:

پاختىلىق رەختلەر، پەلتو، چاپان قاتارلىق كىيىم - كېچەكلەر، يۇڭ، پاختا، سۈنئىي تالالاردىن ئىشلەپ چىقىرىلغان شارپا، ياغلىق ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەھسۇلاتلار، قىز- ئاياللار ئۈچۈن يىپەكتىن ئىشلەپ چىقىرىلغان مايكىلار، توقۇلما كىيىملەر، يىپەكتىن ئىشلەپ چىقىرىلغان كۆينەك، مايكا، كۆڭلەكلەر، كارىۋات ياپقۇچلار، پەردىلەر. ئەرلەر ۋە ئوغۇل بالىلار ئۈچۈن تىكىلگەن ئۇخلاش كىيىملىرى، داستىخانلار، يۇڭ ۋە ھايۋانلارنىڭ قىللىرىدىن توقۇلغان رەختلەر، بوۋاقلار ئۈچۈن تىكىلگەن كىيىملەر، پايپاق قاتارلىقلار.

يۇقىرىدا ساناپ ئۆتكەنلىرىمىز سان چەكلىمىسى قويۇلغان ماللارنىڭ پەقەتلا بىر قىسمىدۇر. ئۆتكەن يىلى تۈركىيە مانا مۇشۇنداق سان چەكلىمىسى چىقارغاندا خىتاي بۇنىڭ دۇنيا تىجارەت تەشكىلاتىنىڭ قانۇنلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ تۈركىيىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما بۇنىڭغا قارىماي تۈركىيە سان چەكلىمىسى قويۇلىدىغان ماللارنىڭ سانىنى تېخىمۇ جىقايىتماقتا. ھازىر خىتاينىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۇڭ ئەيگو خىتايغا قايتقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا سۇڭ گوشيەن ۋەزىپىگە تەيىنلەندى. ئۇ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ھەرقايسى مىنىستىرلەرنى ئايرىم -ئايرىم زىيارەت قىلىپ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يېقىنلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان كۈنىمىزدە تۈركىيەنىڭ خىتاي مېلىغا بۇنداق بىر سان چەكلىمىسىنى چىقىرىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت