ئولىمپىك خىتاينى ئۆزگەرتەمدۇ ياكى خىتاي ئولىمپىكنىمۇ؟

2008-02-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

داڭلىق ئارتىس Spielberg بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ سەنئەت مەسلىھەتچىلىكىدىن ۋاز كەچكەندىن كېيىن، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا، سىياسەتنىڭ ئولىمپىكقا ئارىلىشىشىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقى مەسىلىسى يەنە بىر قىزىق تېمىغا ئايلاندى. كۆپ ساندىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، سىياسەتنى ئولىمپىكقا ئارىلاشتۇرماسلىق دېموكراتىك دۆلەتلەردىلا مۇمكىنچىلىككە ئىگە؛ ئەمما سىياسەت مىخانىزىمى توغرا ئىشلىمەيۋاتقان مۇستەبىت دۆلەتلەردە بولسا، بۇ مۇمكىنسىز. چۈنكى دىكتاتور ھاكىمىيەتلەردە بارلىق ساھە سىياسەتنىڭ مونوپۇللۇقى ئاستىدا.

خىتاينىڭ ئولىمپىكقا ساھىپخانلىق قىلىشىدىكى مەقسىتى ئاشكارا ھالدا سىياسىي

ئولىمپىك تارىخى كۆزىتىلسە، سىياسەتنىڭ ئولىمپىكقا ئارىلىشىشى يېڭى ئەھۋال ئەمەس. 1936 ‏- يىلى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك گېتلېر ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچلىنىشىگە سەۋەب بولغان. 1968 ‏-يىلى مېكسىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك، مىكسىكىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ قانلىق باستۇرۇلۇشىغا شاھىد بولغان. 1980 ‏-يىلى موسكۋا ئولىمپىكقا ساھىپخانلىق قىلغاندا، سوۋېتنىڭ ئافغانىستاننى ئىشغال قىلغىنى ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە غەرب باشچىلىقىدا 61 دۆلەت ئولىمپىكنى بايقۇت قىلغان. 1984 ‏-يىلى لوس ئانجىلىستا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىكنى سوۋېت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى 14 كوممۇنىستىك دۆلەت بايقۇت قىلغان. بۈگۈن سىياسەتنى ئولىمپىكقا ئارىلاشتۇرماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان خىتايمۇ، 1976 ‏-يىلىدىكى ئولىمپىكتا، كاناداغا بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق تەيۋەنلىك تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئولىمپىكقا قاتنىشىشىنى توسۇپ قالغان. مانا بۇ ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتقان ژۇرنالىست پېتېر فورد مۇنداق دەيدۇ: "خىتاينىڭ سىياسەتنى ئولىمپىكقا ئارىلاشتۇرماسلىق چاقىرىقى كىشىنى ئەجەپلەندۈرىدۇ. چۈنكى بىر پارتىيىلىك ھاكىمىيەت تۈزۈمىدىكى خىتايدا، جەمئىيەتنىڭ پۈتۈن ساھەلىرى سىياسىيلاشتۇرۇلغان."

پېتېر فورد يەنە مۇنداق دەيدۇ: " بىزگە ئولىمپىك كېرەك ئەمەس، ئىنسان ھەقلىرى كېرەك" دەپ تەشۋىقات ۋارىقى تارقاتقان خىتاي پۇقراسى ياڭ چۇنلىن، دۆلەت ئاغدۇرۇش ئەيىبنامىسى بىلەن كېلەر ھەپتە سوتقا چىقىدۇ". پېتېر فوردنىڭ قارىشىچە، ئولىمپىك ھارپىسىدا قانات يايدۇرۇلغان ئۆكتىچى كۈچلەرگە قارشى ھەرىكەتنىڭ ئۆزى ئولىمپىكقا سىياسەت ئارىلاشتۇرغانلىق. خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى داۋىد زىگنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئولىمپىكقا ساھىپخانلىق قىلىشىدىكى مەقسىتى ئاشكارا ھالدا سىياسىي. داۋىد زىگ بۇ قارىشىغا پاكىت سۈپىتىدە، 2006 ‏- يىلى خىتاينىڭ خەلق گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدىن مۇنۇ پارچىنى كۆرسىتىدۇ. " ئولىمپىك يالغۇز خەلقئارالىق تەنھەرىكەت ئەمەس، ئۇ بىر ئۇلۇغ سىياسىي ۋەزىپە. ئولىمپىك خىتاي خەلقىغە پايدىلىق بولۇپ قالماي ھەم ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئاشۇرىدۇ."

خىتاي ئولىمپىكنى قوبۇل قىلغاندا سىياسىي شەرتلەرنى قوبۇل قىلغان

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، سىياسەت مىخانىزىمى نورمال ئىشلەۋاتقان دېموكراتىك ئەللەردە، ئولىمپىكقا سىياسەتنىڭ ئارىلىشىشى توغرا ئەمەس، چۈنكى بۇ دۆلەتلەردە خەلقنىڭ ئىرادىسى ھاكىمىيەتتە ئەكس ئېتىكلىك، ئەمما دىكتاتور ھاكىمىيەتلەردىكى سىياسىي ئىرادە خەلققە ۋەكىللىك قىلمايدۇ، شۇڭا بۇ جايلاردىكى ھەر قانداق پائالىيەتكە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئارىلىشىشى نورمال ئەھۋال. ئارىلاشماسلىق بولسا، دىكتاتورلارنى جاسارەتلەندۈرگەنلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ئۆزى ئولىمپىكنى قوبۇل قىلغان چاغدا سىياسىي شەرتلەرنى قوبۇل قىلغان، يەنى ئۆزلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى خاتىرىسىنى ياخشىلايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن، ئەمدىلىكتە، بۇ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىنغاندا شىكايەتچى بولۇش ئاساسسىز.

ئولىمپىك خىتاينى ئۆزگەرتەمدۇ ياكى خىتاي ئولىمپىكنى ئۆزگەرتەمدۇ دېگەن سوئال نۆۋەتتىكى بېيجىڭ ئولىمپىكىغا ئالاقىدار مۇلاھىزىلەردىكى مۇھىم بىر تېما. خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى روگي ئەپەندى تۈنۈگۈنكى سۆزىدە، ئولىمپىكنىڭ دۇنيانىڭ سىياسىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ۋەزىپىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، خىتايدا ئولىمپىك سەۋەبلىك بىر قاتار ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. يەنە، ئولىمپىكنىڭ خىتاينى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئانالىزچىلاردىن بىرى، بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ شياۋيۈنىڭ ئۆتكەن يىلقى سۆزىدىن تۆۋەندىكىلەرنى نەقىل كەلتۈرگەن: " بىز تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن تەلەپلەرنى ئاڭلاۋاتىمىز، بۇ تەلەپلەر جاۋابسىز قالمايدۇ، ئەقلىي جەھەتتىن تەييارلىقىمىز بار."

خىتاي ھۆكۈمىتى مۇقىملىق شۇئارى بىلەن ئولىمپىكقا سىياسەتنى ئارىلاشتۇرۇۋاتىدۇ

ئولىمپىك خىتاينى ئەمەس، خىتاي ئولىمپىكنى ئۆزگەرتىدۇ دەپ قارىغۇچىلاردىن خىتاي تەتقىقات مۇتەخەسسىسى Sidney Rittenberg مۇنداق دەيدۇ: " نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي مەسىلىلىرىنى ئەقلىي جەھەتتىن تونۇپ يەتتى، ئەمما يۈرىكى تېخى تونۇپ يەتمىدى." بۇ مۇتەخەسسىسنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىتىدىكى خاتالىقىنى بىلەلمەيۋاتقان گەپ ئەمەس، مەسىلە نەپسىدىن ۋاز كېچەلمەسلىكتە. شۇڭا ئولىمپىكنىڭ خىتاينى ئۆزگەرتەلىشى مۇمكىنسىز.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە، " سوتسىيالىستىك ئاڭغا ئىگە ئەمگەكچى يېتىشتۈرۈش شۇئارى بىلەن مەدەنىي-مائارىپ ساھەسىگە، بەشتە ياخشى ئىمام يېتىشتۈرۈش چاقىرىقى بىلەن دىنىي ساھەگە، مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ شۇئارى بىلەن ئولىمپىكقا سىياسەتنى ئارىلاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئولىمپىكنىڭ خىتاينى ئۆزگەرتىشى ئېھتىمالدىن ئۇزاق، خىتاينىڭ ئولىمپىكنى سەۋەب قىلىپ تۇرۇپ خەلقنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى رېئاللىق، شۇڭا خىتاي ئولىمپىكنى ئەسلى غايىسىدىن ئۇزاقلاشتۇرىدۇ ۋە ئولىمپىكنىڭ شان-شەرىپىنى چۈشۈرىدۇ. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت