قازاقىستان نېفىتى خىتايغا ئېقىتىلىشقا باشلىغاندا خىتايدا نېفت مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى 10% ئۆرلىدى

2006-05-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ شاڭخەيدىن خەۋەر قىلىشىچە، 25 ‏- ماي كۈنىدىن باشلاپ قازاقىستاننىڭ خام نېفىتى قازاق-خىتاي نېفىت تۇرۇبىسى ئارقىلىق خىتايغا ئېقىتىلىشقا باشلىغان. بۇ ‏-‏- بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ، 'شىنخۇا ئاگېنتلىقى'نىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، ئوتتۇرا شەرقنىڭ نېفىت بىلەن تەمىنلىشىگىلا قاراپ تۇرمايدىغان بىر پۇختا قەدەمنى ئۆزى باسقانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، قازاقىستان نېفىتى ئاتاسۇ نېفىتلىكىدىن قازاق-خىتاي نېفىت تۇرۇبىسىغا پامپىلىنىشقا باشلاپ، تەخمىنەن 30 سائەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالاتاۋ نېفىت پونكىتىغا يېتىپ كەلگەن. قازاق -خىتاي نېفىت تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشى 2004 ‏- يىلى 9 ‏- ئايدا باشلىنىپ 2005 ‏- يىلى 11 ‏- ئايدا ئاساسەن پۈتكەنگە قەدەر، بۇ تۇرۇبا ئۈچۈن ئىككى دۆلەتتىن 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنغان. ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن 962 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۇ نېفىت تۇرۇبىسى ئارقىلىق خىتايغا ھەر يىلى 20 مىليون توننا نېفىت ئېقىىتپ كېلىش مۇمكىن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 25 ‏- ماي كۈنى ئەتىگەن سائەت 3 تىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، قازاقىستان نېفىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالاتاۋ نېفىت پونكىتىغا يېتىپ كەلگەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، قازاق-خىتاي نېفىت تۇرۇبىسى ئارقىلىق خىتايغا ئېقىتىلىدىغان خام نېفىتنىڭ 50% ى قازاقستاننىڭ، 50% ى رۇسىيىنىڭ. ھازىر خىتايغا قازاقستاندىن نېفىت ئېقىتىلىشقا باشلىغان بۇ ۋەقەنى خىتاي نېفىت شىركەتلىرى "خىتاينىڭ ئىشەنچلىك نېفىت مەنبەسىگە ئىرىشكەنلىكىلا ئەمەس، بەلكى قازاقىستان ۋە رۇسىيىلەرنىڭمۇ يېڭى مۇقىم بازارغا ئىرىشكەنلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ" دەپ تەسۋىرلىگەن. قازاقىستاندىكى خىتاي-قازاق نېفىت تۇرۇبىسى شىركىىتى بۇ ۋەقەنى "خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ ئۆز -ئارا پايدا يەتكۈزۈش يولىدىكى بىر نەمۇنە" دەپ تەسۋىرلىگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا چارشەنبە كۈنى، يەنى قازاق ‏-خىتاي نېفىت تۇرۇبىسى ئارقىلىق قازاقىستاننىڭ خام نېفىتى خىتايغا ئېقىتىلىشقا باشلاشتىن بىر كۈن بۇرۇن، خىتايدا نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى 10% ئۆرلىتىلگەن. خىتاينىڭ نېفىت شىركەتلىرى بۇيىل 1 ‏- پەسىلدە نېفىت يۆتكەش ئۈچۈن 7 مىليارد 8 يۈز مىليون يۇەن چىقىم قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا 9 مىليارد 100 مىليون يۇەن پايدا تاپقان ئىدى. بۇ قېتىم خىتايدا نېفىت باھاسى ئۆرلىگەندىن كېيىن، 93 ‏- نومۇرلۇق بېنزىننىڭ باھاسى لېتىر ھېسابى بۇيىچە 5 يۇەن 9 پۇڭغا يەتكەن. بۇ ئامېرىكىدىكى بېنىىزن باھاسىدىن سەل تۆۋەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتى جەمئىيەتتە پۇل پاخاللىقى كېلىپ چىقىپ مۇقىمسىزلىق پەيدا بولۇشتىن ئەندىشە قىلىپ، نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى ئۆرلەتمىگەن ئىكەن. ئەمدى نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى ئۆرلىگەنلىكى مۇقەررەر ھالدا قاتناش -ترانسپورت، ئېلېكتىر قۇۋىتى بىلەن تەمىنلەش، يېمەك ‏-ئىچمەك پىششىقلاش ساھەلىرىگە ياكى دېھقان، شەھەر ئاھالىلىرى، بېلىقچى ۋە ئورمان ئۆستۈرگۈچى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ. بەزى مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى ئۆرلەتكەنلىكىنى خىتايدا ھازىر سانى ھەدەپ ئۆرلەۋاتقان ئوتتۇرا ھال ئىقتىسادىي سەۋىيىدىكى كىشىلەرنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقان بولسا كېرەك، دەپ تەھلىل قىلماقتا.

قازاقىستان نېفىتى خىتايغا ئېقىتىلىشقا باشلىغاندا خىتايدا نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى 10% ئۆرلىگەنلىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ نېفىتقا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى، ئەرەپ دۇنياسىدىن، لاتىن ئامېرىكىسى قاتارلىق جايلاردىن مۇمكىن قەدەر نېفىت سېتىۋېلىشقا تېرىشىۋاتقانلىقى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرۇشتىكى مەقسەتىنىڭمۇ بىرى ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىش بولسا، يەنە بىرىنىڭ شۇ جايلارنىڭ يەر ئاستى بايلىقى مەنپەئەتىگە ئېرىشىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنى "يەر ئاستى بايلىق ھۆكۈمەتكە تەۋە، دېگەن شەكىل ئاستىدا خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ پۇل تۆلىمەي ئالىدىغان نېفىت بايلىقلىرىنى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كەڭ ئىچىش ئۈچۈن، "مۇقىملىق" نى تېخىمۇ قاتتىق تۇتىدىغانلقىئىنى، ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىمنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت