خىتاي رەھبەرلىرى ھەققىدە قايتىدىن قوزغالغان مۇنازىرىلەر

خىتاينىڭ ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شاۋمىڭ ئەنگلىيە تېلېۋېزىيىلىرىدە خىتاينى كوممۇنىستىك دۆلەت ئەمەس دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە كوممۇنىست خىتاي رەھبەرلىرى ھەققىدە قايتىدىن مۇنازىرە باشلاندى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012-01-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺖ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯧﻜﺮﯦﺘﺎﺭﻯ ﺟﺎﯞ ﺯﯨﻴﺎﯕﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﭙﻰ، 2008 ﻧﯩﺰﺍﻣﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﺎﯞ ﺗﻮﯓ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺖ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯧﻜﺮﯦﺘﺎﺭﻯ ﺟﺎﯞ ﺯﯨﻴﺎﯕﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﭙﻰ، 2008 ﻧﯩﺰﺍﻣﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﺎﯞ ﺗﻮﯓ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ.
RFA Photo

«خىتايغا نەزەر» تور گېزىتىدە بۈگۈن، كوممۇنىست خىتاي رەھبەرلىرى ھەققىدە خوڭكوڭدا چىقىدىغان «شەپە» ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرلىرى، باشتا خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ سىياسەت بەلگىلەيدىغان يادرو قىسمىدا ئىشلىگەن، كېيىن (تۆتىنچى ئىيۇن ۋەقەسىدىن كېيىن) كوممۇنىست پارتىيىدىن چىقىرىۋېتىلگەن باۋ تۇڭ ئەپەندىدىن سورىغان سوئاللار ۋە ئۇنىڭغا بېرىلگەن جاۋابلارنى ئېلان قىلدى.

شەپە ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرلىرى، خۇ جىنتاۋ نېمە ئۈچۈن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ توقسەن يىللىقىنى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ھەشەمەتلىك خاتىرىلىدى دەپ سورىغاندا، خۇ جىنتاۋدا ھەققانىيەت تۇيغۇسى يوق، دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

كوممۇنىست خىتاينىڭ توقسەن يىلىنى، باشتا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلىمىدا سىياسەت بەلگىلەيدىغان سەپتە تۇرۇپ، كېيىن ئۇنىڭغا قارشى سەپتە تۇرۇپ ئۆتكۈزگەن باۋ تۇڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ 89‏-يىللاردىكى دۆلەت رەئىسى ياڭ شاڭكۇن «تۆتىنچى ئىيۇن» ۋەقەسىنى، دېڭ شاۋپىڭنىڭ ئالدىدا «پارتىيىمىز ئۆتكۈزگەن ئەڭ چوڭ خاتالىق» دېيىشكە جۈرئەت قىلغان ئىدى.

خىتاينىڭ ئەڭ بۇرۇنقى دۆلەت رەئىسى ليۇ شاۋچىمۇ ماۋ زېدۇڭنىڭ ئالدىدا «خەلق ئاچارچىلىققا قېلىپ بىر-بىرىنى يەيدىغان ئەھۋال چىقسا، يۇقىرىغا ئەرز قىلمىسا بولامدۇ؟» دېيىشكە جۈرئەت قىلغان ئىدى. ئەمما خۇ جىنتاۋدا شۇنچىلىك ھەققانىيەت تۇيغۇسى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ھېسسىيات يوق. بەلكى خۇ جىنتاۋ كوممۇنىست خىتاينىڭ توقسەن يىللىقىنى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ھەشەمەتلىك خاتىرىلەپ، بۇ ئارقىلىق كوممۇنىىست خىتاي ئۆتكۈزگەن جىنايەتلەرنى- ماۋ زېدۇڭ بىر نەچچە ئون مىليون دېھقاننى ئاچ قالدۇرۇپ ئۆلتۈرگەن، دېڭ شاۋپىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا خەلققە قىرغىنچىلىق قىلغان تارىخلارنى يوققا چىقاردى ۋە تارىخنى ئەڭ چوڭ بۇرمىلاپ «تارىخ ۋە خەلق كوممۇنىست پارتىيىنى تاللىۋالدى» دەپ جاكارلىدى. شۇنداقلا يەنە، «خىتايچە سوتسىيالىزم»نىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئىستراتېگىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمەلىيەتتە، كوممۇنىست خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ھېچقايسىنى خەلق تاللىۋالمىغان، ھەتتا خىتايدا دېموكراتىك ئىنقىلابمۇ ئورۇنلانمىغان، سوتسىيالىزم تۈزۈمىمۇ سىستېمىلىق تىكلەپ چىقىلمىغان، ھازىرقى «خىتايچە سوتسىيالىزم» دېگەن بىر ساختا نەزەرىيە.

باۋ تۇڭ ئەپەندى «شەپە» ژۇرنىلى مۇخبىرلىرىنىڭ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى زادى نېمە ئۈچۈن كۈرەش قىلغان پارتىيە؟ ئۇ يەنە نېمە قىلماقچى؟ دېگەن سىئالىغا مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدۇ:
-خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى رۇسىيىدىن ئىمپورت قىلىنغان پارتىيە. بۇنىڭغا ماۋ زېدۇڭنىڭ «ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ زەمبىرەك ئوقى خىتايغا ماركسىزمنى ئەۋەتتى» دېگەن سۆزى گۇۋاھ. ئەمەلىيەتتە خىتاي ئەنئەنىلىرىدە بۇنداق دىنسىزلىق ھەرىكەت بولۇپ باقمىغان. ئەمما ئەينى ۋاقىتتا خىتايدا ماركىسزمنىڭ، خەلققە زۇلۇم سالغان كونا تۈزۈم ئۈستىدىن «ئىسيان كۆتۈرۈش» دېگەن تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلىدىغان شارائىت بار ئىدى. ماركىسزمنىڭ ئىسيان كۆز قارىشى، ئەينى ۋاقىتتا، ئاللىقاچان مەغلۇپ بولۇپ «سۇ بويى» غا توپلىنىپ، مەست بولغاندا «تەڭرى يولىدا توغرا ئىش قىلىمەن» دەپ يۈرگەن قاچاقلارنى ئاسانلا ھاياجانلاندۇرۇۋەتكەن ئىدى. ماۋ زېدۇڭ ئۇلاردىن ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسىتى ئۈچۈن پايدىلىنىپ، ئىسيان كۆتۈرۈشنى تەرغىب قىلدى ۋە ئىسيان كۆتۈرۈش دېگەن ئىبارىنى ئىلاھىلاشتۇرۇۋالدى. كېيىن ئۆزىنى ھەتتا ماركىستىن تۈرەلگەن گەۋدە دەپ جاكارلىدى.

باۋ تۇڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەمەلىيەتتە ماۋ زېدۇڭنى ماركىسىنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇپ ئۇنىڭدىكى نەزەرىيىلەرنى ئەتراپلىق چۈشىنىپ قوبۇل قىلغان دېگىلى بولمايدۇ. پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، ماۋ زېدۇڭ پەقەت ئۆمۈر بۇيى ماركىس، لېنىن دېگەن ئىسىملارنى كۆتۈرۈۋېلىپ شەخسىي ھوقۇق ئۈچۈنلا ھەرىكەت قىلغان. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يەنە «مەدەنىيەت ئىقىلابى» دېگەن ھەرىكەتنى قوزغاپ خەلققە بالايىئاپەت كەلتۈردى. ھازىرقى دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بولسا «مۇقىملىقنى ساقلاش» دېگەن نام بىلەن خىتاي مىللەتچىلىكىنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. ئۇ، دۆلەت رەئىسلىكىگە بەلگىلەنگەن مۇددىتىنىڭ ئاخىرقى يىلىدا يەنە ماۋ زېدۇڭنى دوراپ، مىللىي مەدەنىيەتلەرنى ۋەيران قىلىدىغان «مەدەنىيەت ئىسلاھاتى» ئېلىپ بېرىپ، كوممۇنىست خىتاي رەھبەرلىرىنى ئىلاھىلاشتۇرۇشقا ۋە خەلق ئىچىدە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە قارىتىلغان ھەر قانداق نارازىلىقنى يوق قىلىشقا باشلىدى.

«شەپە» ژۇرنىلى مۇخبىرلىرى، بۇنىڭدىن كېيىن سىز نېمە قىلماقچى دەپ سورىغاندا، باۋ تۇڭ ئەپەندى، مەن ھاياتلا بولسام، كوممۇنىست خىتاي ئۆتكۈزگەن خاتالىقلارنى تۈزىتىش ئۈچۈن، خىتاي رەھبەرلىرىگە بېسىم ئىشلىتىشنى توختاتمايمەن، بۇ مېنىڭ دۆلەت پۇقرالىق بۇرچۇم، بۇنىڭدىن كېيىنكى كوممۇنىست رەھبەرلىرىگە قارىتا، خەلققە خەيرلىك بولىدىغان ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن دېگەن ئۈمىدىممۇ يوق ئەمەس، دەپ جاۋاب بەرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت