خىتاي - رۇسىيە ئارىسىدىكى بىرلىك ۋە ئىختىلاپلار

رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترى مېدۋىدېۋنىڭ يېقىندا ئاخىرلاشقان خىتاي زىيارىتى مېدۋىدېۋنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئېلىپ بارغان تۇنجى چەتئەل سەپىرى ئىدى. شۇ سەۋەبلىك رۇسىيە رەھبىرىنىڭ سەپىرى بىر مەزگىللىك بولسىمۇ دۇنيادا كۆپ غۇلا - غۇلا قىلىندى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008-05-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
 خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا مېدۋىدېۋنىڭ زىيارىتى ۋە خىتاي رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ" نۇقسانسىز" تەرەپلىرىنى ۋە ئىككى تەرەپ رەھبىرىنىڭ كۆرۈشكەنلىكىگە دائىر "ئىجابىي" خەۋەرلەر كۆپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ خەۋەرلەردە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر، خىتاي - رۇسىيە رەھبەرلىرىنىڭ سۆھبەت مەزمۇنى قاتارلىقلارنى تىلغا ئالمىدى. توغرىسىدا ھەققىدە توختالمىغان.

پرېزىدېنت مېدۋېدېۋنىڭ تۇنجى چەتئەل سەپىرى

خىتاي - رۇسىيە مۇناسىۋىتى ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسىي جۇغراپىيىلىك كېلەچىكىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان ئامىللار بولۇپلا قالماي. بۇ يەنە دۇنيانىڭ سىياسىي جۇغراپىيىلىك تەڭپۇڭلۇقىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى رۇسىيە رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى دائىم دۇنيا جامائەتچىلىكى دىققەت قىلىدىغان مەسىلە بولۇپ كەلدى. بۇ قېتىم پرېزىدېنت مېدۋېدېۋنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى تۇنجى چەتئەل سەپىرىنى خىتايدا ئېلىپ بارغانلىقى تەرەپلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان ئىدى.

گەرچە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا مېدۋېدېۋ بىلەن خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچراشقانلىقى، سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى كۆپ تەكىتلەنگەن، لېكىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى تىلغا ئېلىنماي، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى " ئىجابىي" تەرەپلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىتاي - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ " نۇقسانسىز" ۋە " گۈل - گۈلىستان"گە پۈركەنگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيتتى.

"خىتاي ‏ - رۇسىيە مۇناسىۋىتى ئىختىلاپ ۋە توسالغۇلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ "

خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارەت مەزگىلىدىكى خەۋەرلىرىدە خىتاي ‏ - رۇسىيە مۇناسىۋىتىدىكى ئىختىلاپلارغا يەر بېرىلگەن بولۇپ، بۇ خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىكى " ئىجابىي" خەۋەرلەر بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولالايتتى. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى 24‏ - مايدىكى بىر خەۋىرىدە رۇسىيە - خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ سۆھبىتىنى مۇنداق خەۋەر قىلىدۇ، "سۆھبەت جەريانىدا ئىككى دۆلەت رەھبىرى خىتاي - رۇسىيە ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ۋە تەرەققىياتىغا يۇقىرى باھا بەردى. مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇش، ئۈزلۈكسىز تىرىشىش، خىتاي - رۇسىيە ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سۈرۈشكە قوشۇلدى."

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە خىتاي ‏ - رۇسىيە ئارىسىدىكى مەسىلە ۋە زىددىيەتلەر خەۋەر قىلىنماي، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ توسالغۇسىز كېتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. لېكىن شۇ مەزگىلنىڭ ئۆزىدە خەلقئارا مەتبۇئاتلار خىتاي ‏ - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ نۇرغۇن ئىختىلاپ ۋە توسالغۇلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. بۇ مەتبۇئاتلار ئوتتۇرىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ سودىدىكى تەتۈر رەقەم، سېبىرىيە نېفىت تۇرۇبا يولى، نېفىت ۋە تەبئىي گاز باھاسى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نېفىت - تەبئىي گاز رىقابىتى، رۇسىيە قورال - ياراقلىرىنىڭ پاتېنىت ھوقۇقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

"خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نېفىت ۋە تەبئىي گازى ئۈچۈن رىقابەتلەشمەكتە"

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 24‏ - مايدىكى بىر خەۋىرىدە " دىپلوماتىك ھەمكارلىق رۇسىيىنىڭ خىتايدىن ئەنسىرەش ۋە ھەربىي ياراقلار ۋە ئېنېرگىيە سودىسىدىكى ئىختىلاپلارنى يېپىپ كەتكەنلىكى"نى تەكىتلىگەن. يەنە بىر خەۋەردە "خىتاي ‏ - رۇسىيە ئارىسىدىكى مۇھىم ئىختىلاپلارنىڭ بىرى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقانلىقى "دەيدۇ. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مېدۋېدېۋنىڭ زىيارىتى مەزگىلىدە ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە "خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نېفىت ۋە تەبئىي گاز زاپىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن رىقابەتلەشمەكتە " دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي رۇسىيىنىڭ نېفىت ۋە تەبئىي گاز بايلىقىغا جىددىي ئېھتىياج تۇيۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيە بىلەن نېفىت ۋە تەبئىي گازنىڭ تەننەرقىدە كېلىشەلمەي كېلىۋاتقان ئىدى. ئامېرىكا "دەۋر" ژۇرنىلىنىڭ ئالدىنقى كۈنكى سانىدا چىققان بىر ماقالىدە بىر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ "بىز رۇسىيىلىكلەرنىڭ نېفىت ۋە تەبئىي گازىغا ناھايىتى ئېھتىياج. بىز ھازىر ئېھتىياج بولۇۋاتىمىز، كەلگۈسىدە يەنە ئېھتىياج بولىمىز. لېكىن بىز موسكۋا بىلەن كېلىشىم تۈزەلمەيۋاتىمىز" دەپ تەكىتلىگەنلىكى، بۇنىڭدا "باھا ئامىلىنىڭ رولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ كېلىشەلمەسلىك سېبىرىيە - داچىڭ نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ ھازىرغا قەدەر كېچىكىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، دەپ قارالماقتا. "دەۋر   "ژۇرنىلىدىكى ماقالىدە رۇسىيىنىڭ خىتاينى نېفىت - تەبئىي گاز بىلەن ياۋروپا ئەللىرىگە ساتقان باھادا تەمىنلىمەكچى بولغانلىقى، لېكىن خىتاينىڭ باھادا ئېتىبار بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

" خىتايدا نېمە ئىشلار بولىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ ؟"

ھەربىي ئىشلاردا خىتاي رۇسىيىنىڭ ئەڭ چوڭ قورال - ياراقلار خېرىدارى ئىدى. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ مېدۋېدېۋ بېيجىڭدىكى مەزگىلدە بەرگەن بىر خەۋىرىدە " خىتاي - رۇسىيە ھەربىي ياراقلار سودىسىدا رۇسىيە خىتايغا ساتقان ئۇرۇش ئايرۇپىلانى ۋە بەزى قوراللارنى خىتاينىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەپچىقارغانلىقى ۋە بۇ رۇسىيىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەنلىكى"نى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى 23 ‏ - مايدىكى بىر خەۋىرىدە "موسكۋادىكى بەزى ئەمەلدارلارنىڭ ئەنسىرەشكە باشلىغانلىقى، چۈنكى رۇسىيە خىتايغا ساتىدىغان قورال - ياراقلارنى كۆپەيتسە، بۇ خىتاينىڭ رۇسىيە ھەربىي قوراللار مەخپىيەتلىكىنى ئىگىلىۋېلىشىغا يول ئاچىدۇ" دەپ قاراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە رۇسىيىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىلىرىنى تىلغا ئالدى. ماقالىدە مېدۋېدېۋ بېيجىڭدىكى مەزگىلىدە "مۇخبىرلارنىڭ تازا دىققىتىنى قوزغىمىغان مەسىلە خىتاي ‏ - رۇسىيە ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىقىدۇر " دەپ كۆرسەتتى. ماقالىدە رۇسىيىنىڭ خىتاي بىلەن قورال - ياراقلار سودا كېلىشىمى ئىمزالاشقا ئالدىرماسلىقىدىكى سەۋەبلەرنى چۈشەندۈرۈپ، " ئۆز ۋاقتىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە رۇسىيىگە چوقۇنغان ھازىرقى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئورنىغا كەلگۈسىدە يېڭى رەھبەرلەر چىقسا، خىتايدا نېمە ئىشلار بولىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ ؟" دەپ يازدى.

" قازاقىستان موسكۋانىڭ ئېنېرگىيە قارا نىيىتىنىڭ ئىچىدىكى بىر جاي"

خەلقئارا مەتبۇئاتلار خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ تېگىدە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى رىقابىتى ياتقانلىقى، رۇسىيە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پائالىيىتىدىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە مۇنداق دەيدۇ، " مېدۋېدېۋنىڭ خىتاي سەپىرىدە قازاقىستاندا توختاپ ئۆتكەنلىكى، بېيجىڭ ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ سەمىگە شۇنى سېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ : رۇسىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدىكى بۇ زېمىنلارنى رۇسىيىنىڭ ئارقا ھويلىسى دەپ قارايدۇ ".

خىتاي ھازىرغا قەدەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بىر قاتار كېلىشىملەرنى تۈزۈپ، رايوندا نېفىت ۋە تەبئىي گاز قېزىش، تۇرۇبا ياتقۇزۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولدى. بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئاتاسۇ - ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبا يولى ۋە خىتاي - قازاقىستان تەبئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى شۇنداقلا تۈركمەنىستان بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان تۈركمەن گازىنى خىتايغا توشۇش پىلانىغا دائىر سۆھبەتلەردۇر. "نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى"نىڭ 24‏ - مايدىكى خەۋىرىدە " مېدۋېدېۋنىڭ خىتاينى قازاقىستاندىن كېيىن زىيارەت قىلغانلىقى، بۇ موسكۋانىڭ قازاقىستاننى ئۆز ئېنېرگىيە قارا نىيىتىنىڭ ئىچىدىكى بىر جاي " دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ " دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.

رۇسىيە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بۇ ئىختىلاپلارنى قانچىلىك سۆزلەشكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. لېكىن مېدۋېدېۋنىڭ خىتاي زىيارىتىدە خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ھېچبىرى رۇسىيە - خىتاي ئارىسىدىكى بۇ ئىختىلاپلارنى تىلغا ئالمىدى. خىتايدىكى كىشىلەر پەقەت ئىككى تەرەپنىڭ قومشا باياناتى ۋە قوشما ئاخباراتى ئېلان قىلىنغاندىلا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە دائىر مەسىلىلەردە بىر ئاز يىپ ئۇچىغا ئېرىشكەن بولدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت