خىتايدا جۇڭگوچە دەپ ئاتالغان سىياسەتلەرنىڭ ھېچقايسى ياخشى سىياسەت ئەمەس

2007-05-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدا 'جۇڭگوچە' دەپ ئاتالغان سىياسەتلەرنىڭ ھېچقايسى ياخشى سىياسەت ئەمەس، ‏- دەپ بايان قىلىدۇ خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىقتىساد تەتقىقات ئىنىستوتىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى جژنىڭ ئەپەندى ئامېرىكىدا چىقىدىغان 'يېڭى ئەسر ژۇرنىلى'دا 5 ‏- ئاينىڭ 14 ‏- كۈنى ئېلان قىلغان تەتقىقاتىدا. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ھازىر داۋاملىشىۋاتقان 'جۇڭگوچە' دەپ ئاتالغان بىمەنە شەكىل 16 خىلدىن ئاشىدۇ. 'جۇڭگوچە' دەپ ئاتالغان بۇ خىل سىياسەتلەرنىڭ بىرقىسمى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئامالسىز قالغانلىقتىن ئوتتۇرىغا قويغان سىياسەتلەر، يەنە بىر قىسىمى تامامەن يولسىزلىق.

خىتايدىكى يىغىنلار ساقلانغان مەسىلىنى بايقاش ۋە ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئىرادىسىنى خەلققە تېڭىش ئۈچۈن ئېچىلىدۇ.

خىتايدا يىغىن ئېچىش 'جۇڭگوچە' دەپ ئاتىلىدىغان بىمەنە شەكىللەرنىڭ بىرىنچىسى، ‏-‏ دەپ بايان قىلىدۇ خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىقتىساد تەتقىقات ئىنىستوتىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى جژنىڭ ئەپەندى ئامېرىكىدا چىقىدىغان 'يېڭى ئەسر ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلغان تەتقىقاتىدا. ئۇنىڭ قارىشىچە، چەتئەللەردە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى بايقاش ۋە ئۇنى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىش ئۈچۈن يىغىن ئاچىدۇ.

ئەمما خىتايدا ئۇنداق ئەمەس، خىتايدا يىغىن ئېچىش مەسىلىنى بايقاش ۋە ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئىرادىسىنى خەلققە مەجبۇرىي تېڭىش ئۈچۈن. خىتايدا ئېچىلغان يىغىنلاردا ساقلانغان مەسىلىلەر ئاشكارىلانمايدۇ ۋە بۇ ھەقتە مۇنازىرە قىلىنمايدۇ.

بەلكى ئاللىبۇرۇن كېلىشۋالغان بىر مەقسەت ھەققىدە تەييارلانغان 'دوكلات' ئوقۇلىدۇ، يىغىنغا قاتناشقا ئادەملەرنى ئۇنىڭغا قول كۆتۈرگۈزگەندىن كېيىن، كوممۇنىست پارتىيە گېزىتلىرى ئۇنى مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى ھەممە ئادەم بىردەك ماقۇللىدى دەپ تەشۋىق قىلىدۇ.

ماۋزېدوڭ دەۋرىدە ئېچىلىدىغان يىغىنلاردا قارىمۇ-قارشى پىكىر بېرىشكە يول قويۇلمايتتى. دېڭ شاۋپىڭ دەۋرىدە بولسا يىغىندا مەسىلە ئۈستىدە 'مۇنازىرە قىلىنمايدۇ' دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن . ھازىرمۇ شۇنداق.

جاڭ كەيشى،ماۋزېدوڭ پەقەت مۇئاۋىنلىققىلا نامزات كۆرسىتەتتى، ھازىرقى رەھبەرلەر ئۆزىنى خەلقنىڭ ۋەكىلى دەپ ئېلان قىلىۋېرىدۇ

خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلاش ياكى ئاۋاز قويۇش دېگەن شەكىل يەنە بىرخىل 'جۇڭگوچە' شەكىل، ئۇنىڭدا رىقابەت جەريانى يوق، ‏- دەپ بايان قىلىدۇ خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىقتىساد تەتقىقات ئىنىستوتىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى جژنىڭ ئەپەندى ئامېرىكىدا چىقىدىغان 'يېڭى ئەسر ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلغان تەتقىقاتىدا.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلامدا خەلق نامزات كۆرسىتىدىغان ياكى ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان رىقابەت جەريانى يوق ياكى نامسىز بېلەت تاشلانمايدۇ. بەزىدە ھەتتا پەقەت بىرلا نامزات كۆرسىتىلىدۇ. جاڭ كەيشى دەۋرىدە ۋە ماۋزېدوڭ دەۋرىدە پەقەت مۇئاۋىنلىققىلا نامزات كۆرسۈتىلەتتى، ھازىرقى رەھبەرلەر نامزات كۆرسۈتۈشنىڭ ئورنىغا، ئىزار تارتماستىن ئۆزىنى ئۆزى خەلقنىڭ ۋەكىلى دەپ ئېلان قىلىۋېرىدۇ، گەرچە ئۇنى خەلق سايلىمىغان بولسىمۇ.

كىشىلىك ھوقۇقنىڭ 'جۇڭگوچە' تەبىرى ناھايىتى غەلىتە

كىشىلىك ھوقۇقنىڭ 'جۇڭگوچە' تەبىرى ئىنتايىن غەلىتە، - دەپ بايان قىلىدۇ خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىقتىساد تەتقىقات ئىنىستوتىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى جژنىڭ ئەپەندى ئامېرىكىدا چىقىدىغان 'يېڭى ئەسر ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلغان تەتقىقاتىدا. خەلقئارادا 'كىشىلىك ھوقۇق' دېگەننى ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىدە بار ھوقۇق، تۇغۇلغاندىلا تەڭرى ئاتا قىلغان ھوقۇق، تاجاۋۇز قىلىشقا بولمايدىغان مۇقەددەس ھوقۇق، سىياسى ھوقۇق، ئىدىيىۋى ئەركىنلىك ھوقۇقى، ئەركىن پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى، زىمىن-مۈلۈك ھوقۇقى، دەپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ. لېكىن خىتاي ئەمەلدارلىرى 'كىشىلىك ھوقۇق ' دېگەن سۆزنى ئاڭلىسا، غەزەپلىنىدۇ. ئۇلار 'كىشىلىك ھوقۇق' دېگەن ئاتالغۇغا 'جۇڭگوچە' تەبىر بېرىپ، ئۇنى 'ياشاش ھوقۇقى' دەپ ئۆزگەرتىۋالدى.

ئۇلار ھەتتا ئۆزىنى خودا ئورنىغا قويۇپ 'بىز خەلققە ياشاش ھوقۇقى بېرىمىز' دەۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە خىتايدا خەلىقتە كىشىلىك ھوقۇق يوق. يەر -زىمىن، تەبىئى بايلىق دۆلەتنىڭ، خەلق ھېچنىمىگە ئىگە ئەمەس. ئەمەلىيەت شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەتكە ئۆزىنىڭ ئارزۇ -ئارمانلىرىنى ئىپادىلەيدىغان كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋىي ھەرىكەتلەرنىمۇ 1976 ‏- يىلى ۋە 1989 ‏- يىلىدا ئىككى قېتىم باستۇردى.

ئادەتتە بولسا ھۆكۈمەتكە نارازىلىق ئىپادىلىگەن ئادەمنى ھەتتا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ تۇرىۋاتىدۇ. كوممۇنىست پارتىيە باي بولۇش بەدىلىگە نامراتلىشىپ ھەتتا ئەۋلاتلىرىنىمۇ ئوقۇتالمايۋاتقان خەلق بىلەنمۇ ئۇلارنىڭ كارى يوق. ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ دوختورخانىلىرىدا قان ئالغاندا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ساقايماي ئۆلىۋاتقان خەلق بىلەنمۇ كارى يوق. تورالغۇلىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان خەلق ئەرز ئېيتىدىغان جايمۇ يوق.

مۇستەبىت تۈزۈم خىتايدا 'جۇڭگوچە دېموكراتىيە' دەپ ئاتىلىدۇ

مۇستەبىت تۈزۈم خىتايدا 'جۇڭگوچە دېموكراتىيە' دەپ ئاتىلىدۇ، ‏-‏-‏- دەپ بايان قىلىدۇ خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىقتىساد تەتقىقات ئىنىستوتىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى جژنىڭ ئەپەندى ئامېرىكىدا چىقىدىغان 'يېڭى ئەسر ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلغان تەتقىقاتىدا.

ئۇ ماقالىسىدا يەنە خىتايدا خەلقنىڭ يەر - زىمىن ھوقۇقى بولماسلىق، پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى بولماسلىق، نەشر قىلىش ھوقۇقى بولماسلىق، نارازىلىق بىلدۈرۈش ھوقۇقى بولماسلىق، ئەرز بايان قىلىش ھوقۇقى بولماسلىق، خىتاي رەھبەرلىرى ھازىر داۋاملاشتۇرىۋاتقان مۇستەبىت تۈزۈمنى 'دېموكراتىك تۈزۈم' دەپ ئاتىۋېلىش، خىتاي رەھبەرلىرى مەيلى خىتاينىڭ بولسۇن ياكى چەتئەللەرنىڭ بولسۇن، ۋەتەن ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنى ھۈرمەتلىمەسلىك، كوممۇنىست پارتىيە چىرىكلەر ۋە بايلار بىلەن بىرلىشىپ ئەمگەكچىلەرنى مەنپەئەتلەردىن مەھرۇم قالدۇرۇش قاتارلىق 16 خىل 'جۇڭگوچە' شەكىلنى تەنقىت قىلغان . (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت