خىتاي تالىبانلارنى ھەربى قورال-ياراق بىلەن تەمىنلىمەكتە

2007-09-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدا ئىشلەنگەن ئېغىر ۋە يېنىك تىپتىكى قوراللارنىڭ ھەمدە يىراقتىن كونترول قىلىنىپ پارتىلىتىلىدىغان بومبىلارنىڭ تالىبانلارنىڭ قولىغا ئۆتۈشى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئافغانىستاندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كانادا ئەسكەرلىرىنىڭ ھاياتىنىڭ ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىشى كانادادا نارازىلىق قوزغىدى. كانادا مەتبۇئاتلىرىغا قارىغاندا، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى بىلەن ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىلىرىدىن بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي قوراللىرىنىڭ تالىبانلارنىڭ قولىدا پەيدا بولۇشىكانادادا ئەندىشە پەيدا قىلدى

كانادا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېتېر ماكەي كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي قارىغانلىقىنى تەكىتلەپ: " بىز ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ‏- قوشنا دۆلەت ۋە باشقىلار بولسۇن تېررورچى تەشكىلات بولغان تالىبانلارنى قورال- ياراق بىلەن تەمىنلىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىمىز،" دېدى.

كانادا باش مىنىستىرى ستېپھەن خارپېر ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، ئىچكى كابىنېتنى قايتىدىن تەرتىپكە سالغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان پېتېر ماكەينى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلىگەنىدى. پېتېر ماكەي بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: " مەن بۇ ھەقتە خىتاي دائىرلىرى بىلەن بىۋاستە سۆزلەشمىدىم، ئامما خىتاي دائىرلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن بىزگە ئۇچۇر بېرىشكە ۋەدە قىلغانلىقىدىن خەۋىرىم بار،" دېدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئافغانىستاندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى، تانكا -برونىۋىكلارغا قارشى، يولنىڭ قىرغىقىغا كۆمۈلۈپ،يىراقتىن كونترول قىلىنىپ پارتىلىتىلىدىغان يېڭى تىپتىكى بومبىنى بايقىغان بولۇپ،بۇ بومبىلارنىڭ خىتايدا ئىشلىنىپ، ئىران ئارقىلىق ئافغانىستانغا كىرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

كانادا ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۆلۇم ۋەقەلىرى كۆپەيدى

كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئالدىنقى ئايدا ئۆلگەن، كانادالىق ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، يول ياقىسىغا كۆمۈلگەن بومبىمۇ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى تەكشۈرۈلۈپ ئېنىقلانغان. ھازىرغىچە 19 نەپەر كانادا ئەسكىرى يول ياقىسىغا كۆمۈلگەن بۇ خىل بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغان.

نۆۋەتتە كانادانىڭ 5000 ئەتراپىدا ئەسكىرى ئافغانىستاندا تېنچلىقنى ساقلاش، دېموكراتىك تۈزۈمنى بەرپا قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە ۋە قالدۇق تالىبانلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشماقتا. يېقىندىن بۇيان ئافغانىستاندا تالىبانلارنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشى بىلەن كانادا ئەسكەرلىرى ئىچىدىكى ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەلىرى كۆپەيمەكتە.

كانادا خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ سابىق ئەمەلدارى مىچەل جۇنېئائۇ كاتسۇيا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋاستىلىق ياكى بىۋاستە ھالدا تالىبانلارنى قورال-ياراق بىلەن تەمىنلىشىنىڭ كانادا ئۈچۈن جىددىي مەسىلە بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: " كۆپ ئەپسۇسكى، كانادا ئەسكەرلىرى بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ، بۇ خىل قوراللارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىشى مۇمكىن،‏" دېدى.

ئۆكتىچى پارتىيىلەردىمۇ نارازىلىق كۈچەيمەكتە

كانادانىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماخىمە بېرنىئېر ئالدىنقى ھەپتىدە، كانادا باش مىنىستىرى ستېپھېن خارپېر بىلەن ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تېنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقانىدى.

كانادادىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەر ماخىمە بېرنىئېرنى تالىبانلارنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەن قوراللار بىلەن قوراللىنىپ،كانادا قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى بۇ يىغىن جەريانىدا خىتاي كەسىپدىشى بىلەن كۆرۈشكەندە ئوتتۇرىغا قويمىدى،دەپ تەنقىد قىلماقتا. كانادادىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە بولغان لىبىرال پارتىيىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرى بۇيىچە باياناتچىسى،پارلامېنت ئەزاسى دېنىس كودېررﯤ:"نېمە ئۈچۈن كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماخىمە بېرىئېر بۇ ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىنى خىتاي كەسىپدىشىدىن سورىمايدۇ-يۇ، كانادا قىسىملىرى ئافغانىستاندا ئالدىنقى سەپتە ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ؟ ‏" دېدى.

خىتاي تالىباننىڭ دوستى

كانادانىڭ سابىق جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى ستوككۋەل داي كانادانىڭ بۇ ھەقتە خىتايغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: " خىتاي ھۆكۈمىتىگە تالىبان بىلەن بولغان دوستلۇق ياكى بىز بىلەن بولغان دوستلۇقنىڭ ئىككىسىدىن بىرىنى تاللىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىشنىڭ ۋاقتى كەلدى،‏" دېدى.

خىتاينىڭ كانادادىكى باش ئەلچىسى لۇ شۇمىن خىتاي ئارمىيىسى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى رەت قىلىپ: " ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ ھېچقانداق پاكىت ئاساسى يوق.خىتاي قورال-ياراق سېتىشتا ئۆزىگە خاس قاتتىق بەلگىلىمىلەرگە ئىگە،‏" دېدى.

كانادادىكى مۇتەخەسسىسلەر ئافغانىستاندا تالىبانلارنىڭ قولىدىكى ئۆتكۈر قوراللارنىڭ خىتاي بىلەن ئىراندىن كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. كانادا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېتېر ماكەينىڭ تەكىتلىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىگە ئىزچىل نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەن.

خىتاي دەلىل -پاكىتلارنى يوشۇرالمايدۇ

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بىر نەپەر ئەمەلدارى، بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىگە بەرگەن مەلۇماتىدا، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ھن - 5 تىپلىق ئۆتكۈر راكىتالىرىنىڭ تالىبانلارنىڭ قولىدا بارلىقىنى،ئافغانىستان دائىرىلىرىنىڭ تالىبانلارنىڭ بۇ قوراللارنى قانداق يوللار ئارقىلىق قولغا چۈشۈرگەنلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ قوراللارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تېخى يېقىندىلا خىتاينىڭ زاۋۇتلىرىدىن چىققانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىران ، شىمالىي كورىيە ۋە دۇنيادىكى باشقا دىكتاتور دۆلەتلەرنى، شۇنداقلا دۇنيادىكى تېررورچى تەشكىلاتلارنى ھەربىي قورال-ياراقلار بىلەن تەمىنلەش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە. خەلقارا جەمئىيەت، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، تالىبان ھۆكۈمىتىنى قوللاشتىن قول ئۈزگەنلىكىنى جاكارلاپ، ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى بىلەن تېررورچىلىققا قارشى كۆرەشتە بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە قىلغان ھەتتا شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى تالىبانلار بىلەن باغلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدىلىكتە تالىبانلارنى ئاستىرىتتىن قورال-ياراق بىلەن تەمىنلەشتىكى مەقسەتلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا. (كامىل)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت