خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قىرغىزىستاندىكى رۇس تىلى قانىلى تالاش - تارتىش قوزغىدى

خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رۇس تىلى قانىلى يېقىندا قىرغىزىستاندا رەسمىي پروگرامما تارقىتىشقا باشلىدى. ئانالىزچىلار بۇ قىرغىزىستاندا خىتاينىڭ تەشۋىقات تەسىر كۈچى كېڭىيىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-11-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺧﯘ ﺟﯩﻨﺘﺎﯞﻧﯩﯔ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺧﯘ ﺟﯩﻨﺘﺎﯞﻧﯩﯔ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
AFP Photo

خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رۇس قانىلى قىرغىزىستاندا تالاش - تارتىش قوزغاپ، بەزىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشسە، يەنە بەزىلەرنى بىئارام قىلىشقا باشلىغان.

قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ تەسىر كۈچى ئەڭ كۆرۈنەرلىك سىڭگەن دۆلەتتۇر. خىتاينىڭ بۇ دۆلەتتىكى تەسىر كۈچى ھازىرغا قەدەر سودا - ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك جەھەتلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپ كەلگەن ئىدى. لېكىن خىتاي يېقىندىن بۇيان ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەسىر دائىرىسنى كېڭەيتىشكە كىرىشكەن.

ئانالىزچىلار، خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يېقىندا رۇس تىلىدا رەسمىي پروگرامما تارقىتىشقا باشلىغانلىقى خىتاينىڭ قىرغىزىستاندا ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىشكە باشلىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قاراشماقتا. تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىكى ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك پىكىر - چۈشەنچىلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، تېلېۋىزىيە قانىلى خىتاينىڭ رايوندا مەدەنىيەت تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رۇس تىلى قانىلى قىرغىزىستاندا ئوخشىمىغان ئىنكاس قوزغىغان. ب ب س نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ پروگرامما بەزىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بولسا، يەنە بەزىلەر بۇنىڭغا گۇمانى پوزىتسىيە تۇتقان. بۇ پروگراممىنى قارشى ئالغانلارنىڭ كۆپ قىسىمى ھۆكۈمەتتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋە ياكى ھۆكۈمەت بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتىكى تەتقىقاتچىلاردۇر.

قىرغىزىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى نىيازوف، خىتاي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ قىرغىزىستاندا پروگرامما تارقىتىشى قىرغىزىستان دۆلەت مەنپەئەتى بىلەن توقۇنۇشمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، ب ب س غا بەرگەن بۇ ھەققىدىكى باياناتىدا، بۇ بۇ مەسىلىگە سىياسى نۇقتىنەزەرنى چىقىش قىلماي، ئىقتىسادى مەسىلە سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشنى تەكىتلىگەن بولۇپ، تېلېۋىزىيىنىڭ ئېلان سەنئەت سودىسى ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلى خىتاي ماللىرىنى تونۇشتۇرۇپ، زور پايدا تېپىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن قىرغىزىستاندىكى بەزى سىياسىي پارتىيە-گۇرۇھلار خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قىرغىزىستاندا كېڭىيىتىۋاتقانلىقىغا سەگەك بولۇشنى ئاگاھلاندۇرۈپ، خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قىرغىزىستاندا پروگرامما تارقىتىشىغا قارشى چىققان.

ب ب س غا بۇ ئەھۋالنى "ياخشى ئىش ئەمەس" دەپ تەكىتلىگەن قىرغىزىستان ئەركىنلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى توپچۇبېك تۇرغانئەلىيېف ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى بېرژىژىنىسكىينىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، 21" ‏- ئەسىر ئۇچۇر دەۋرى. ئۇچۇرنىڭ تارقىلىشىنى كىم ئىگىلىسە، دۇنيانى شۇ كونترول قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ئىمپىرىيالىستىك غەرىزى بار. قىرغىزىستانغا كېلىدىغان خەۋپ ئىستىبدات ياكى يېرىم ئىستىبدات دۆلەتلەردىن كېلىدۇ" دېگەن.

ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئەركىن ئەكرەم بولسا، قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى نىيازوفنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قېتىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ قىرغىزىستانغا سىڭىپ كىرىشكە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى يېڭى ۋەقە ئەمەس. خىتاي قىرغىزلار بىلەن بولغان ئاخبارات ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىلا باشلىۋەتكەن. خىتاي - قىرغىزىستان ئارىسىدىكى كېلىشىمگە ئاساسەن، "شىنجاڭ تېلېرۋىزىيە ئىستانسىسى" قىرغىزىستان دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا بەزى پروگراممىلارنى ئىشلەپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم، خىتاينىڭ قىرغىزىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئالاھىدە ئويلىشىدىغان ئىككى نۇقتا بارلىقىنى، بۇنىڭ بىرى ئېنىرگىيە، يەنە بىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

خىتاي مەركىزى تېلېۋزىيە ئىستانسىسىنىڭ رۇس تىلى پروگراممىسى قىرغىزىستان پۇقرالىرىدا قانداق ئىنكاس قوزغاۋاتىدۇ ؟ قىرغىز خەلقى خىتاي تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنى كۆرۈۋاتامدۇ؟

ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، "قىرغىزىستان خەلقىنىڭ ئەڭ ياقتۇرمايدىغان تەرىپى خىتاينىڭ سىياسىتى، قىرغىز خەلقى ئەڭ يىرگىنىدىغان نەرسە سىياسىي تەشۋىقاتتۇر" دەيدۇ.

ب ب س ئوتتۇرا ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ تەھرىرى روبىنسون خانىم بولسا "قىرغىز خەلقى قىپ-يالىڭاچ سىياسى تەشۋىقاتنى ئاڭلىماسلىقى مۇمكىن. جۇڭگو بىر پارتىيە ئىستىبداتلىقىدىكى دۆلەت، قىرغىزىستان بولسا ئىقتىسادىي ۋە سىياسى جەھەتلەردە تاشقىرىغا ئېچىلىۋاتقان ئەلدۇر. شۇڭا خىتاينىڭ تەسىرى يەنىلا كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالىدۇ،" دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت