خىتايلار 'قەدىمقى قەشقەر شەھرىنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلۇشى' تېمىسىدا ۋىدىئو پلاستىنكىسى تارقاتتى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەر شەھىرىدىكى تارىخىي ئۆيلەرنى چېقىش قارارى چىقارغاندىن كېيىن، دۇنيادىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010-01-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ ﭘﺎﺋﯘﻝ ﻣﻮﺯﻭﺭﻧﯩﯔ 15 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ "ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻳﻮﻗﺎﺗﻤﺎﻗﭽﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ ﭘﺎﺋﯘﻝ ﻣﻮﺯﻭﺭﻧﯩﯔ 15 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ "ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻳﻮﻗﺎﺗﻤﺎﻗﭽﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
www.asiasentinel.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بولۇپمۇ تۈركىيە مەتبۇئاتلىرى "قەشقەر چېقىلمىسۇن، قەشقەرنى يوق قىلىۋېتىشتىن بۇرۇن" دېگەن تېمىلاردا ئوبزورلار ئېلان قىلغان ئىدى. بۇنىڭدىن  بىئارام بولغان خىتاي دائىرىلىرى  تۈرك تىلىدا مەخسۇس ۋىدىئو ئىشلەپ تارقىتىپ، قەشقەرنى چېقىشتىكى سەۋەبلەرنى ئاڭلاتقان.

بۇنى ۋىدىئونى كۆرگەن ئۇيغۇرلار بۇنىڭ پەقەتلا كىشىلەرنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن ئىشلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بۇ ۋىدىئودا خىتايلار قەشقەرنى چېقىشنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختىلىپ نېمىلەرنى دېگەن؟ ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇردى؟

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت