"خىتاينى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان تىبەتلىكلەر ئەمەس، ئۇيغۇرلار"

ئامېرىكىدىكى خەلقارا ئېنىرگىيە مەسلىھەت شىركىتىنىڭ مۇتەخەسسىسى Michael Lelyveld يېقىندا، خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئېنىرگىيە ئەندىشىسى ناملىق بىر دوكلات تەييارلىغان. دوكلات بۈگۈن رادىئومىزنىڭ ئىنگىلىزچە خەۋەر تورىدا ئېلان قىلىندى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر خەۋىرى
2008-04-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر دىيارى تارىم ۋادىسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئۈستىدىكى نېفىتلىك.
ئۇيغۇر دىيارى تارىم ۋادىسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئۈستىدىكى نېفىتلىك.
AFP Photo
 دوكلاتتا بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە قارىماققا تىبەتتىن ئەندىشە قىلىۋاتقاندەك بىر كۆرۈنۈشتە، ئەمەلىيەتتە بولسا، خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەندىشىسى ئۇيغۇر مەسىلىسى.

خىتاي ئۈچۈن بىر خوش، بىر شۇم خەۋەر

دوكلاتتا ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېنىرگىيە مەنبەسىگە ئايلانغانلىقى كۆرسىتىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: " خىتاي شىنجاڭدا ئۆتكەن يىلى، 26 مىليون 400 مىڭ توننا خام نېفىت ئىشلەپچىقاردى؛ 21 مىليارد 200 مىڭ كۈپ مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقاردى. دېمەك خىتاي غەربنى ئېچىش پىلانىنىڭ مېغىزىنى چېقىۋاتىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە خىتاي ئۈچۈن خوش خەۋەر. ئەمما خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتتا، مەركەزدىن يىراق ۋە مۇقىمسىز بىر رايونغا تايىنىپ قېلىشى خىتاينىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بىر شۇم خەۋەر."

دوكلاتتا، بىر تۈركۈم داڭلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن. بۇ تېمىدا پىكىر بايان قىلغۇچىلاردىن بىرى، ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىس June Dreyer دۇر. درايېر ئامېرىكىدىكى مىئامى ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت پاكۇلتىتىنىڭ پروفېسسورى. ئۇ، خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە تاشقى سىياسىتى، خىتاينىڭ زامانىۋىيلىشىشى ۋە ئەنئەنىچىلىك، 21 ‏-ئەسىردە خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى قاتارلىق يىرىك تەتقىقات ئەسەرلىرىنىڭ ئاپتورى. درايېر يەنە خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى مەدەنىيەت سىياسىتى قاتارلىق ئۇيغۇرلارغا ئائىت كىتاب يازغان مۇتەخەسسىس.

" خىتاينىڭ ئاجىز نۇقتىلىرى: نېفىت-تۇرۇببا لىنىيىلىرى

درايېر، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: " خىتاينىڭ تىبەت مەسىلىسىدە دىيالوگدىن قېچىشى، يەنى تىبەتنىڭ مۇستەقىللىق ئەمەس، ئالىي ئاپتونومىيە تەلىپىگىمۇ يېقىن كەلمەسلىكى، شىنجاڭدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈندۇر. چۈنكى تىبەت قۇرۇق بىر زېمىن، شىنجاڭ بولسا ھەددىدىن تاشقىرى باي بىر زېمىن. خىتاي تىبەت مەسىلىسىدە يول قويسا شىنجاڭلىقلارغىمۇ ئوت تۇتۇشۇپ كېتىشتىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ."

شەرقى تۈركىستاننى ھەددىدىن تاشقىرى باي زېمىن دەپ تەرىپلىگەن بۇ مۇتەخەسسىس، خىتاينىڭ يېقىنقى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ئېنىرگىيە بايلىقى ئىكەنلىكىنى، خىتايغا ئاساسلىق ئېنىرگىيە تەمىناتىنىڭ ئۇيغۇر زېمىنىدىن كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

دوكلاتتا بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر زېمىنىدىكى كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 530000 بارەل بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئىمپورت قىلىۋاتقان نېفىت مىقدارىدىنمۇ ئارتۇق. سەئۇدى ئەرەبىستان بولسا خىتايغا ئەڭ كۆپ نېفىت ئېكىسپورت قىلىۋاتقان دۆلەت. دوكلاتتا بىلدۈرۈلىشىچە يەنە، خىتاي 2002 ‏- يىلى، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن شاڭخەينى تۇتاشتۇرغان 4000 كىلومېتىر مۇساپىدىكى غەرب-شەرق گاز لىنىيىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەنپەئەتى بىر ھەسسە ئاشقان.

خىتاي نۆۋەتتە قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان تۈركمەنىستان گاز لىنىيىسىمۇ، 2000 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، خىتاينىڭ غەرب-شەرق نېفىت يولى پىلانىدىكى مۇھىم بىر ھالقا. درايېر خىتاينىڭ بۇ ئىستراتېگىيىلىك قۇرۇلۇشىنى خىتاينىڭ نازۇك نۇقتىسى دەپ كۆرسەتكەن ۋە " بۇنچىۋالا ئۇزۇنلۇقتىكى گاز يولىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش مۈمكىن ئەمەس " دەپ بىلدۈرگەن.

" ئۇيغۇرلار رازى قىلىنماي تۇرۇپ، شىنجاڭدا مۇقىملىق شەكىللەنمەيدۇ"

ۋاشىنگتوندىكى جون ھوپكىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى Fredrick Starr بۇ تېمىدا مۇنداق دېگەن: " شىنجاڭ خىتاي ئۈچۈن يالغۇز زېمىن بايلىقى بىلەنلا گۆھەر جاي ئەمەس، ئۇ خىتاي بىلەن ياۋروپا ئارىسىدىكى قاتناش ۋە تىجارەت ئىشلىرىدا ئىستراتېگىيىلىك بىر كۆۋرۈك. خىتاينىڭ شىنجاڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى خىتاينىڭ بىر قىسمى دېگىنى كۈلكىلىك بىر سۆز، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ئەندىشىسىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە يېتەرلىك. دەل مۇشۇنىڭ ئۈچۈن شىنجاڭ مەسىلىسى بېيجىڭ ئۈچۈن نازۇك بىر مەسىلە.

فرەدىرىك ستار، جون ھوپكىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسىيا-كافكاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى. ئۇ " خىتاينىڭ مۇسۇلمان چېگرىسى" ناملىق ئۇيغۇر مەسىلىسگە ئائىت كىتابنىڭ ئاپتورى. ئۇ ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: "خىتاي شىنجاڭغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك، ئۇيغۇرلار رازى قىلىنىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، بۇ جايدا مۇقىملىق پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ."

خىتاي، يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان خىتاي خەلقى ئىچىدە دۆلەتچىلىك ۋە مىللەتچىلىك تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىدە تېخىمۇ ئارقىغا چېكىنىشنىڭ جامائەت پىكرى مۇھىتىنى ياراتماقتا. بىر قىسىم چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە دۆلەت ئەربابلىرى بولسا، خىتايغا ئاجىز نۇقتىلىرىنى ئەسلىتىپ، ھۇشيار بولۇشقا، مەسىلىلەرنى تېنچ ۋە ۋاقتىدا ھەل قىلىشقا چاقىرماقتا.   

" ئاسسىمىلاتسىيە يولى ئۇيغۇرلارغا ئىشلىمەيدۇ"

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىنىڭ ياردمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نېگروپونتې، خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلمىسا مۇقىملىقنى كاپالەت ئاستىغا ئالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. يەنە شۇ ھەپتىدە خەلقئارا ساقچى ئورگىنىنىڭ باشلىقى خىتاينىڭ ئاجىز پەيتىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېگەن: " بېيجىڭ ئولىمپىكىغا 18 مىڭ تەنھەرىكەتچى، 25 مىڭ ئاخباراتچى، 500 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى قاتنىشىدۇ، پۈتۈن دۇنيا كۆزىنى بېيجىڭغا تىكىدۇ، دېمەك، دۇنياغا ئاۋازىنى ئاڭلاتماقچى بولغانلار ئۈچۈن بۇ قاچۇرۇپ قويۇشنى خالىمايدىغان بىر پۇرسەت." ئۇ، بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پروفېسسور دارينەر بۇ ھەقتە يەنە مۇنداق دېگەن: "خىتاينىڭ ئۇزۇن لىنىيىلىك تۇرۇببا يوللىرى خىتايغا قارشى ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى. بۇ قۇرۇلۇشنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى كېتىدۇ."
 
خىتاينىڭ مەدەنىيەت سىياسىتىنى تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچى فرەدىرىك ستار ئالدىنقى يىللاردىكى بىر مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇنداق دېگەن. "خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ يوق قىلىۋېتىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار بولسا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى تونۇپ يەتكەن، مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي ھېسسىياتقا ساھىپ بىر مىللەت، مۇنداق بىر مىللەتنى ئاسسىمىلىياتسىيە يولى بىلەن يۇتۇۋېلىش مۇمكىن ئەمەس. خىتاي، ئالجىرىيىنى ئازات قىلغانلارنىڭ، فرانسۇزچە سۆزلەيدىغان ئەرەبلەر ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەك."

تىبەت داھىسى دالاي لامامۇ ئالدىنقى ئايدىكى بىر سۆزىدە، خىتاينىڭ دىيالوگدىن قېچىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى.
 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت