ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ھۆكۈمەتنىڭ ئىتتىپاقلىق تەشۋىقاتى ھەل قىلالامدۇ؟

خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدا ئىزچىل تۈردە "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق ئېيى تەربىيىسى" نامىدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشنى يولغا قويۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلى يەنى 27 ‏- نۆۋەتلىك "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق ئېيى تەربىيىسى" پائالىيىتى باشلىنىپ ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010-04-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
YouTube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯜﺭﻣﯩﺴﯩﺪﻩ، 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭ، ﻳﻪﻧﻰ 7 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺴﻰ، 13 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 2 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻟﯩﻚ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ 6 - ﺋﯩﻴﯘﻟﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ  ﺋﯘﺭﯛﻣﭽﻰ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ "ﺋﻮﯞﻻﭖ" ﻳﯜﺭﯛﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.

YouTube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بۇ يىل خىتاي ھۆكۈمىتى 28 ‏- نۆۋەتلىك "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق ئېيى تەربىيىسى" نى تېخىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلغان.

ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يالغۇز ھۆكۈمەتنىڭ ئىتتىپاقلىق توغرىسىدىكى تەشۋىقاتى ھەل قىلالامدۇ؟ ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى مەۋجۇت ۋەزىيەتنى زادى قانداق قىلغاندا ھەل قىلغىلى بولىدۇ دېگەنگە ئوخشاش بىر قاتار مەسىلىلەرگە چەتئەللەردىكى سىياسىي پائالىيەتچى ۋە زىيالىيلار قانداق قارايدۇ؟

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت