خىتاينىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم ھەققىدىكى باياناتى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يېڭى مۇلاھىزىلەرگە يول ئاچتى

2008-03-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم پىلانى ھەققىدىكى باياناتىغا گۇمان بىلەن قارىغان سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان ماقالە ۋە مۇلاھىزىلىرىدە، ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ئۇلارنىڭ نىشانى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بەزى مۇلاھىزىلەردە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن چېتىشلىقىنىڭ بار-يوقلۇقى قايتىدىن مۇنازىرە قىلىنغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان مۇلاھىزىچىلەر، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراق مەسىلىسىدە بېيجىڭ رەھبەرلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

"خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە تىبەتنى خىتاي جەمئىيىتىنىڭ بىر قىسىمى قىلىش نىشانىغا يېتەلمىگەن"

ستراتفور ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە،"خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، ئايروپىلان ۋەقەسى ۋە يانۋار ئېيىدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلارنى، شىئەندە ئاۋستىرالىيىلىك ساياھەت يېتەكچىلىرىنىڭ گۆرۈگە ئېلىنىش ۋەقەسىنىڭ ئارقىسىدا ئاشكارىلىغانلىقى، كىشىنىڭ گۇمانىنى قوزغايدۇ" دېيىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ۋە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە قاراتقان تەنقىدلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رادىكال ئىسلام تەھدىتى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى سۈيئىستىمال قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن مۇلاھىزىدە، خىتايدا قۇرۇلغان دۆلەتلەرنىڭ ئۆز مىللىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تارىختىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان، تىبەت قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى، لېكىن بۇ رايونلارنىڭ ئىشغالى خىتاي ئۈچۈن يېڭى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى پەيدا قىلغانلىقى، ئەسكەرتىلگەن.

ستراتفور ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە، گەرچە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى ھاكىمىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن، نۇرغۇن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن رايون خەلقلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۆزلۈكسىز داۋاملاشقانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقاچان ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقلىرىنى خىتاي جەمئىيىتىنىڭ بىر قىسىمى قىلىش نىشانىغا يېتەلمىگەنلىكى، تەكىتلەنگەن.

" شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن "

يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان دەپ ئەيىبلىشى، خەلقئارا مەتبۇئاتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىغا گۇمان بىلەن قارىشى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى جىددىي بىر مۇنازىرىنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولدى. ھەتتا خىتاي تەرىپىدىن ئەلقائىدە قاتارلىق خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ ئەيىبلەنگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن چېتىشلىقىنىڭ بار ياكى يوقلۇقى قايتىدىن مۇنازىرە قىلىنىشقا باشلىغان.

ئامېرىكىدىكى داڭلىق تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ بېرى ھېسابلانغان تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتى، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەلقائىدە بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بار-يوقلۇقى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇشنى قارار قىلغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىلگەن.

"شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى ھەققىدە يېتەرلىك دەلىل- ئىسپات ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان"

ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، بېيجىڭ كوممۇنىست ھاكىمىيىتى، ئۇيغۇر مۇستەقىلچى ھەرىكەتلىرىنى ئۆز تۇپراق پۈتۈنلۈكىگە تەھدىت دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى ناملىق تەشكىلاتنى تېررورچى تەشكىلات دەپ جاكارلىغان.

غەرب مۇتەخەسسىسلىرى ۋە سىياسىي مۇلاھىزىچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىغا ئانچىلا ئىشەنمەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن " پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر نەچچە ئاي داۋاملاشقان قاتتىق بېسىمى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. لېكىن مۇتەخەسسىسلەر، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە يېتەرلىك دەلىل-ئىسپات ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە ھەمدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ كەڭ كۆلەملىك تېررورلۇق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغانلىقى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى توغرىسىدىكى پىكىرلەرنى رەت قىلماقتا."

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، گەرچە، ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى ھەققىدە ئۆزلىرى قولغا چۈشۈرگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئامېرىكىدىكى مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر، ئامېرىكا، ئىراققا ھۇجۇم قوزغاش قارار لايىھىسىنىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە قوبۇل قىلىنىشى مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى قوبۇل قىلغان. (ئۆمەر قانات)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت