خىتاي چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار نىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشنى كۈچەيتمەكتە

خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چەتئەللەرگە چىقىپ، ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئىشىنى كۈچەيتكەن. خەۋەردە بۇ قېتىمقى ئېنىقلاش خىزمىتىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، "بۇ قېتىملىق ئېنىقلاش خىزمىتى مۇھاجىرلار خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، رايوندىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاش" دېيىلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010-04-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺟﺎﺳﯘﺱ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﻯ ﺑﺎﺑﯘﺭ ﻣﻪﺧﺴﯘﺗﻨﯩﯔ 2009 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﺎﻱ ﺋﯧﻴﯩﺪﺍ ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻧﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻧﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﻴﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯜﺭﯛﻧﯜﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺟﺎﺳﯘﺱ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﻯ ﺑﺎﺑﯘﺭ ﻣﻪﺧﺴﯘﺕ ﺋﻮﯕﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻛﯩﺸﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺟﺎﺳﯘﺱ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﻯ ﺑﺎﺑﯘﺭ ﻣﻪﺧﺴﯘﺗﻨﯩﯔ 2009 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﺎﻱ ﺋﯧﻴﯩﺪﺍ ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻧﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻧﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﻴﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯜﺭﯛﻧﯜﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺟﺎﺳﯘﺱ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﻯ ﺑﺎﺑﯘﺭ ﻣﻪﺧﺴﯘﺕ ﺋﻮﯕﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻛﯩﺸﻰ.
RFA Photo

بۈگۈن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىچكى ئىشلار مۇدىرى ئېلشات ئەپەندى رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتى ھەم چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، خىتاي مۇھاجىرلار كومىتېتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېنىقلاشنى يولغا قويغان بولۇپ، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىمى ھەيئىتى، خىتاي مۇھاجىرلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، لىن جاۋشۇ مەخسۇس خىزمەت ئۆمىكىنى باشلاپ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن.

4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ئەسقەت كېرىمباينىڭ رىياسەتچىلىكىدە سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن چەتئەللەرگە چىقىپ، ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى يىلدىن - يىلغا ئېشىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھازىر رايون تەۋەسىدىن چەتئەللەرگە چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلارنىڭ سانى 1 مىليوندىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر، قازاق، تۇنگان، ئۆزبېك، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ نىسبىتى 90%تىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ھەم غەرب دۆلەتلىرىگە چىقىپ شۇ يەرلەردە يەرلىشىپ قالغانلار ئىكەن.

يىغىندا ئەسقەت كېرىمباي ھەم لىن جاۋشۇلار سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىم تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش، رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ ئىناق - ئىتتىپاقلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇھاجىرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ھەم ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردىن چەتئەللەرگە چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا بولغان نازارەتنى كۈچەيتىپ، ئۇلارغا پاسپورت ئىشلەپ بېرىش ياكى پاسپورتنى ئۇزارتىپ بېرىش ئىشلىرىنى بارغانچە تەسلەشتۈرۈۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چەتئەل پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى يوقلاش ئۈچۈن ۋەتەنگە بېرىشىغا قارىتا ۋىزا بېجىرىشنى قىيىنلاشتۇرۇش ھەتتا بېجىرىپ بەرمەسلىك ئۇسۇللىرىنى قوللانماقتا ئىكەن.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم ئېلىپ بارماقچى بولغان يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چەتئەللەرگە چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئىشىغا قارىتا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

تولۇق بەت