قەيسەر ئابدۇرۇسۇل: خىتاي ئىنتېرنەتتىن قورقىدۇ

خىتاي دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ "يۇتيۇب" تورىنى تاقىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىنگاڭ تۈنۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا دۇچ كەلدى. چىنگاڭ جاۋابىدا، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ خىتاينى ئىنتېرنەتتىن قورقىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا ۋەزىيەتنىڭ ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009-03-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ، ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻜﻰ " ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﻮﺭﺩﺍ " ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺑﻪﺕ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ، ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻜﻰ " ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﻮﺭﺩﺍ " ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺑﻪﺕ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
www.uighurbiz.cn

خەلقارا قەلەمكەشلەر جەمىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ باش كاتىپى قەيسەر ئابدۇرۇسۇل بۈگۈن رادىئومىزغا بەرگەن يازما باياناتىدا، چىنگاڭنىڭ يۇقىرقى سۆزلىرىنى ئىنكار قىلدى.

باياناتچى چىنگاڭ، خىتايدا 300 مىليون ئىنتەرنەت قوللانغۇچىسى بارلىقىنى ۋە 100 مىليون بلوگ ئېچىلغانلىقىنى، مانا بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنەتكە كەڭ قۇچاق ئاچقانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە ئۆزىنىڭ "يۇتيۇب" تورىنىڭ تاقالغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، زىيانلىق ئۇچۇرلاردىن ساقلىنىش ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنتېرنەتنىڭ قانۇن بويىچە ياخشى باشقۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

باش كاتىپ قەيسەر ئابدۇرۇسۇل ئۇيغۇربىز تورىنىڭ تاقىلىشى ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىغا ئاخبارات چەكلىمىسى قويۇلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن رادىيومىزغا بەرگەن باياناتىدا، چىنگاڭ سۆزلىرىنى رەت قىلدى. ئۇ سۆزىدە زىيانلىق ئۇچۇرلارنى توسۇشنىڭ پۈتۈن دۆلەتلەردە بارلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتايدا بولسا بۇ ئىجرائاتنىڭ قانۇنسىز ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ باياناتىدا مۇنداق يازىدۇ: " ئەگەر خىتاي ئىنتېرنەتنى قانۇن بويىچە باشقۇرىۋاتقان بولسا، ئۇيغۇربىز توربېتىنى تاقىمىغان بولاتتى. ئەگەر خىتايدا قانۇن بولغان بولسا، ئىلھام توختىنىڭ يېزىش ۋە سۆزلەش ئەركىنلىكى چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان بولاتتى."

باياناتتا يەنە، ئۇيغۇر ئاخباراتچى مەھبۇبە ئابلەشنىڭ ئىنتېرنەتتىكى يازمىسى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۇيغۇربىز تورىنىڭ 2 يىل ئىچىدە 6 قېتىم تاقالغانلىقىنى، ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇر توربەتلىرىدە خەلق ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ماقالىلارنىڭ ئىزچىل ھالدا ئۆچۈرۈلىدىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار تەنقىد قىلىنغان.

ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا بۆسۈش خارەكتىرلىك تۆھپە قوشقان ئىنتېرنەتنىڭ، دۇنيادا پەقەت دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىلا ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان رېئاللىقتۇر. ئەمما ئىنتېرنەتكە قارشى چەكلىمىلەرنىڭ كۆزلەنگەن نەتىجىنى بەرمەيدىغانلىقى ۋە ئۇزۇن مەزگىل پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقى، كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا ئومۇملاشقان بىر قاراشتۇر.

قەيسەر ئابدۇرۇسۇل باياناتىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق يازىدۇ: "خىتاي ئۇيغۇرلارنى دۇنيادىن خەۋەرسىز قالدۇرۇش، دۇنيانى ئۇيغۇردىن خەۋەرسىز قالدۇرۇشنى، ئۇيغۇر رايونىدىكى ھاكىمىيىتىنى قوغداشتا ئەنەنىۋى تەدبىر سۈپىتىدە قوللىنىپ كەلدى. ئىنتېرنەتتىن ئىبارەت بۇ زامانىۋىي تېخنىكا، خىتاينىڭ بۇ تەدبىرىنى بىتچىت قىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. شۇڭا خىتاي ئىنتېرنەتتىن قورقىدۇ."

قەيسەر ئابدۇرۇسۇل باياناتىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنى قورقۇتۇش يولى بىلەن ھەقنى سۆزلەشتىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدىغانلىقىنى، بۇنى تارىخ ئىسپاتلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. بۇ ھەقتە ئىلھام توختىمۇ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، يۇقىرىدا بىز سىلەرگە، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ باش كاتىپى قەيسەر ئابدۇرۇسۇلنىڭ، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىزغا بەرگەن يازما باياناتى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت