خىتاي خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت تۈرلەرگە مەبلەغنى ئاز ئاجرىتىشتا دۇنيا بۇيىچە بىرىنچى

2007-12-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدا چىقىدىغان "جۇڭگو ئىقتىساد گېزىتى" نىڭ 2007 ‏- يىل 12 ‏- ئاينىڭ 14 ‏- كۈنىدىكى سانىدا، خىتايدا خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت تۈرلەرگە ئاجرىتىلغان مەبلەغنىڭ ئازلىقى دۇنيا بۇيىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇدىغانلىقىغا دائىر سانلىق ئۇچۇرلار ئاشكارىلاندى. باش ئورگىنى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى 'كىشىلىك ھوقۇق كۈزۈتۈش تەشكىلاتىنىڭ "كۈزۈتۈش ژۇرنىلى'نىڭ 12 ‏- ئاينىڭ 17 ‏- كۈنىدىكى سانىدا بولسا، نېمە ئۈچۈن يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان خىتايدا دېھقانلارنىڭ يەرگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى جەھەتتە 'ئىنقىلاب' پارتلىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى مۇلاھىزە قىلىندى.

خىتاينىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ئاجراتقان مەبلىغى خەلق ئىگىلىكى ئومۇم مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %25 نى، ئامېرىكىنىڭ بولسا %75نى تەشكىل قىلىدۇ

خىتايدا چىقىدىغان "جۇڭگو ئىقتىساد گېزىتى"دە مەركىزى پارتىيە مەكتىپى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇتيەنيوڭ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن، 2004 ‏- يىلىدىن كېيىنكى ئىككى يىلدا، خىتاي مالىيىسىدىن دۆلەتنىڭ مەمۇرىي خىراجىتى ئۈچۈن قىلىنغان چىقىم خەلق ئىگىلىكى ئومۇم مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %37.5 نى تەشكىل قىلغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ بولسا %12.5 نى تەشكىل قىلغانلىقى، دېمەك خىتايدا دۆلەتنىڭ مەمۇرىي چىقىمى ئامېرىكىدىن 3 ھەسسە كۆپ بولغانلىقى؛ خىتايدا دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا ئاجراتقان مەبلىغى خەلق ئىگىلىكى ئومۇم مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %11.6 نى تەشكىل قىلغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ بولسا %5 نى تەشكىل قىلغانلىقى، بۇ جەھەتتىمۇ خىتاينىڭ سەرپىياتى ئامېرىكىدىن 2 ھەسسە كۆپ بولغانلىقى؛ جامائەت پاراۋانلىقى جەھەتتىكى تۈرلەرگە ئاجرىتىلغان مەبلەغ جەھەتتە خىتاينىڭ سەرپىياتى خەلق ئىگىلىكى ئومۇم مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %25 نى تەشكىل قىلغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ بولسا %75 نى تەشكىل قىلغانلىقى سېلىشتۇرۇپ بايان قىلىندى.

خىتايدا ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ تەننەرخى ھەددىدىن تاشقىرى يۇقىرى

"جۇڭگو ئىقتىساد گېزىتى" نىڭ يازغۇچىسى جۇشۇگۇنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خىتايدا ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرى 'ئۆسمىدەك ئىششىپ' كەتكەن، ئۇنىڭ تەننەرخى ھەددىدىن تاشقىرى يۇقىرى.

خىتايدا دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاجراتقان مەبلەغمۇ ئامېرىكىغا قارىغاندا ھەسسىلەپ كۆپ. ئەمما جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئاجرىتىلغان مەبلەغنىڭ نىسبىتى ئامېرىكىغا سېلىشتۇرغاندا ئىنتايىن تۆۋەن، ھەتتا ئافرىقىدىكى ئەڭ نامرات دۆلەتلەردە جامائەت پاراۋانلىقىغا ئاجرىتىلىدىغان نېسبەتتىنمۇ تۆۋەن.

دېھقاننىڭ نامراتلاشقانلىقىدىن پايدىلىنىپ يەر- زېمىن ۋە تۇرالغۇ سودىسىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتىدۇ

جۇشۇگۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خەلق ئىگىلىكى ئومۇم مەھسۇلات قىممىتىنى خەلق ياراتقان. خەلق مەكتەپتە ئوقۇماقچى بولسا ئوقۇيالىشى، كېسەل بولسا داۋالىنالىشى، زامانغا لايىق ئۆيلەردە ئولتۇرۇپ ياشىيالىشى كېرەك. بۇ ھۆكۈمەت خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن مەبلەغ سالىدىغان ئاساسىي نۇقتىلار. ئەمما خىتايدا خەلق ئىگىلىكى ئومۇم مەھسۇلات قىممىتىدىن جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىغا، يەنى خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت تۈرلەرگە ئاجرىتىلغان مەبلەغنىڭ ئازلىقى دۇنيا بۇيىچە بىرىنچى.

مەسىلە خىتاي رەھبەرلىرى بۇنى چۈشەنمىگەنلىكتىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا قارىغاندا سىياسىي نەتىجە يارىتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقىدىن بولغان. ئۇلار ئادەتتە مائارىپ ئۈچۈن يۇقىرى نىسبەتتە پۇل يىغىش ئارقىلىق ئىچكى ئېھتىياجىنى قوزغىتىۋاتىدۇ. داۋالىنىش بازىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ سېلىقىنى يەڭگىللىتىش چارىسى قىلىۋالدى. دېھقاننىڭ نامراتلاشقانلىقىدىن پايدىلىنىپ يەر-زىمىن ۋە تۇرالغۇ سودىسىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتىدۇ.

خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن پۇل يوق، ئەمما ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن پۇل بار

مەركىزى پارتىيە مەكتىپى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇتيەنيوڭنىڭ بايان قىلىشىچە، بەزى رايونلاردا شەھەر، ناھىيىلەردە مالىيىسى جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى (خەلق تۇرمۇشى) ئۈچۈن ئاجرىتىدىغان پۇل يوق، ئەمما ئىشخانا بىنالىرىنى يېڭىلايدىغان، ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنى سېتىۋالىدىغان، ئەمەلدارلار چەتئەللەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىدىغان، چوڭ مەيدان، تياتېرخانىلارنى سالىدىغان پۇل بار.

بەلكى بۇنداق ئىشلارغا پۇلنى ئايىماي خەجلەيدۇ. گەرچە مالىيە چىقىمىنى خەلق قۇرۇلتايلىرى تەستىقلايدىغان بەلگىلىمە بولسىمۇ، ئەمما كوممۇنىست پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ھوقۇقى ھەددىدىن تاشقىرى ئالاھىدە، ئۇلار ھەرگىز خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئىنكاس قىلمايدۇ.

دېھقانلار ھەرىكىتى كوممۇنىستلارنىڭ بارغانسېرى بېيىپ، دېھقانلارنىڭ بارغانسېرى نامراتلاشقانلىقىدىن كېلىپ چىققان

"كۈزۈتۈش ژۇرنىلى'دا سانىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا 2 ‏- ئاينىڭ 4 ‏- كۈنى گۇاڭدۇڭنىڭ چاۋجۇ شەھىرىدە؛ 3 ‏- ئاينىڭ 7 ‏- كۈنى خۇبېينىڭ سۇيجۇ شەھىرىدە؛ 4 ‏- ئاينىڭ 13 ‏- كۈنى سىچۇەننىڭ ۋېنجاڭ شەھىرىدە؛ 5 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى گۇاڭدۇڭنىڭ سەنتۇ شەھىرىدە؛ 6 ‏- ئاينىڭ 22 ‏- كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى بىر نەچچە شەھەردە؛ 9 ‏- ئاينىڭ 21 ‏- كۈنى يەنە گۇاڭدوڭدا؛ 10 ئاينىڭ 27 ‏- كۈنى يۈننەندە... ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىي يەر ئىگەللىشىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك قارشىلىق ھەرىكەت پارتلىدى. بۇ جەرياندا ھۆكۈمەت 'قانۇنسىز ھەرىكەت' دەپ تۇرغۇزۇلغان دېلو سانى 22 مىڭ 395.

تېخىمۇ ئالاھىدە بولغىنى شۇكى، 12 ‏- ئاينىڭ 12 ‏- كۈنى خېيلۇڭجياڭدا 40 مىڭ دېھقان؛ 16 ‏- كۈنى شەنشى ئۆلكىسىدە 70 مىڭ دېھقان قوزغىلىپ، تارتىۋېلىنغان يەرلەرنى قايتۇرۇپ ئېلىپ دېھقانلارغا قايتىدىن تەقسىم قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا بۇنداق كەڭ كۆلەملىك دېھقانلار ھەرىكىتىنىڭ پارتلىشىغا دېھقانلارنىڭ شەخسىي يەرلىرى 'كوللېكتىپلىشىش' دەپ تارتىۋالغانلىقى، 'كوللېكتىپنىڭ' دېيىلگەن يەرلەر 'دۆلەتنىڭ' دېگەن نام بىلەن ئۆتكۈزۈۋېلىنغانلىقى، 'دۆلەتنىڭ' دېيىلگەن يەرلەر يەنە 'مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىش' دېگەن نام بىلەن كوممۇنىست بايلىرىنىڭ ئېھاتە تاملىرى ئىچىگە ئېلىۋېلىنغانلىقى، بۇ جەرياندا دېھقانلار نامراتلىشىپ، كۈن ئۆتكۈزۈشكە ئامالسىز قالغانلىقى سەۋەبچى بولغان. يەنى دېھقانلار ھەرىكىتى كوممۇنىستلارنىڭ بارغانسىرى بېيىپ، دېھقانلارنىڭ بارغانسىرى نامراتلاشقانلىقىدىن كېلىپ چىققان. (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت