خىتاي، خوتەندە 'يوشۇرۇن توسالغۇلار' نى قومۇرۇپ تاشلاش ھەرىكىتى باشلىغان

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە ئۆكتىچى پىكىردىكى كىشىلەرگە قارىتا يېڭى باستۇرۇش ھەرىكىتى قوزغىغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا دائىرىلەر ھەرىكەتنىڭ جەمئىيەتتىكى "يوشۇرۇن توسالغۇلار" نى قومۇرۇپ تاشلاشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ھەرىكەتكە "مىخ قومۇرۇش" دەپ نام بېرىلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-03-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻛﯜﭼﻪﻳﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭼﺎﺭﻻﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻛﯜﭼﻪﻳﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭼﺎﺭﻻﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ.
AFP Photo

لېكىن مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا بۇ ھەرىكەتتە تىزىمغا ئالدۇرمىغان دىنىي مەكتەپلەرنىڭ پىچەتلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۆكتىچى پىكىردىكى زاتلارنىڭ "يوشۇرۇن تەھدىت ئامىلى"  دېگەن نامدا تۇتقۇنغا ئۇچۇراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، دائىرىلەر "مىخ قومۇرۇش ھەرىكىتى" دەپ ئاتالغان بۇ ھەرىكەتنىڭ جەمئىيەتتىكى يوشۇرۇن توسالغۇلارنى قومۇرۇپ تاشلاشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقى بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا بەرگەن بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە خوتەندىكى ھەرىكەتنىڭ ئوبيېكتى "قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت" لەرگە قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكى، 2 ‏ - ئاينىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر ھەرىكەتنىڭ "دەسلەپكى بەزى نەتىجىلەر" گە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، شىنخۇئا ئاگېنتلىقى قانچىلىك كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان ئىدى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي تور بەتلىرىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە ھەرىكەتنىڭ كۆلىمى خوتەندىكى 78 يېزا - بازار، 219 كەنت ۋە ئاھالىلار رايونىنى قاپلايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىگەن.

لېكىن مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا 39 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ئاز دېگەندە 7 دىنىي مەكتەپنىڭ تاقالغانلىقىنى، بىر مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ تەكشۈرۈلۈش ئوبيېكتىغا ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ھەرىكەتنىڭ زەربە بېرىش ئوبيېكتىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرمىغان دىنىي مەكتەپلەر، يوشۇرۇن تەھدىت ئامىلى، دەپ قارالغان ئائىلە ۋە شەخسلەر، پۇقرالار ئىچىدىكى ئۆكتىچى پىكىرلەر شۇنداقلا ئاۋام خەلقنى قورقۇتۇش بولۇپ قالغانلىقىنى، باستۇرۇشنىڭ تۈرلەر، نۇقتىلارنى ئاساس قىلىپ ئومۇمى يۈزلۈك ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، قانۇنى رەسمىيەتلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل خىتاي كومۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2009 ‏ - يىلدىكى ۋەزىيىتى "ئەنسىز" ئۆتۈدىغانلىقىنى، ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىل 2 ‏ - ئايدىكى مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنى مەزگىلىدە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قوشۇن كۆپەيتىشىنى تەلەپ قىلغان نۇر بەكرى، قوشۇن كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلىشتىكى سەۋەب ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چېگرا ئامانلىقىنى قوغداش، ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇقنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دېگەن. لېكىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بولسا خىتاينىڭ "خەلقئارا ئىقتىسادى كرىزىس ئۇيغۇرلارنى ئىلگىرلىگەن ھالدا باستۇرۇشتىكى تېپىلغۇسىز پۇرسەت،" دېگەن مەنتىقىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، خوتەندىكى كەڭ كۆلەملىك تازىلاش بۇنىڭ مىسالى بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خوتەندىكى باستۇرۇش ھەرىكىتى توغرىسىدا بەرگەن خەۋىرى بىلەن يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ھەرىكەت توغرىسىدىكى باياناتىدا ئېنىق زىتلىكلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خوتەندىكى ھەرىكەت توغرىسىدا ئىلگىرى بەرگەن بىر خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن ئىدى: "دائىرىلەر بەزى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى پاش قىلىپ، زور مىقداردا قانۇنسىز دىنىي كىتاب، يازما ماتېرىياللار، كومپيۇتېر ئۆزىكى، ئۈنئالغۇ لېنتىسى، تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى، جۈملىدىن ئوق، پىلتا، پارتلاتقۇچ بۇيۇمى، ئوت ئالغۇچى ماتېرىياللار ۋە باشقا قوراللارنى قولغا چۈشۈرگەن".

لېكىن خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى دۈشەنبە كۈنى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا دىنىي مەكتەپلەرنىڭ تاقالغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ئوق - دورا ۋە باشقا ماتېرىياللارنىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى رەت قىلىپ، لېكىن بەزى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ توختىتىلغانلىقىنى، قانۇنسىز كىتاب، يازما ماتېرىياللار، كومپيۇتېر ئۆزىكى ۋە ئۈنئالغۇ لىنتىلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
 
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۇرغۇن ئورگانلارنى سەپەرۋەر قىلغانلىقىنى، ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنى قايسى ئورگاننىڭ تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى ئىزدەپ تېپىشنىڭ ئۆزى بىر مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا دائىرىلەر خوتەندىكى تازىلاش ھەرىكىتىگە 1760 نەپەر خىزمەتچى خادىم ئاجراتقان. دىلشات رىشىت تەكشۈرۈشنى رەت قىلغانلار، ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلاشمىغانلار ۋە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ تاياق يەيدىغانلىقىنى، بۇ ئەھۋاللار خوتەندىكى ئاۋام خەلق ئارىسىدا ئەنسىزلىك يارىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت