ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىدا مائارىپنىڭ خىتايچىلىشىشىغا ئەگىشىپ شەكىلۋازلىق ھالەتلىرى پەيدا بولماقتا

2007-02-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

qosh-til-xoten-mektep.jpg
2006 – يىلى 13- ئۆكتەبىر كۈنى خوتەندىكى بىر قوش تىللىق مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ مەيدانىدا. گەرچە ئاپتونومىيە قانۇنىدا ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىككى ھۆكۈمەت تىلىنىڭ بىرى، دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرى چىقارغان قانۇنغا رىئايە قىلماي، "قوش تىل" سىياسىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىستىمالدىكى ئورنىنى يوقاتماقتا. AFP

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، 2000 - يىلىدىن باشلاپ خىتاي ئۆلكىلىرىدە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى نامىدا ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى پۈتۈنلەي خىتايچە ئوقۇتىدىغان سىنىپلار مەيدانغا كەلدى. ئۇنىڭ كەينىدىن يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ ئەندىزىسى بويىچە -2004 يىلى ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى سەككىز شەھەردە يەنە خىتايچە ئوقۇتۇلىدىغان تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى قۇردى. يېقىندا يەنە، خىتاي دائىرىلىرى مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەككىز شەھەردە شىنجاڭ ئىچىدىكى خىتايچە تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى. ئۇيغۇر ئېلى ھەم خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئېچىلغان بۇ خىل خىتايچە ئوقۇتۇلىدىغان سىنىپلارغا يىلدا نەچچە مىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئۇزىتىلماقتا.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى شىنجاڭ سىنىپلىرىنى ئېچىش قوش تىللىق مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈپ ئۇيغۇر ئېلىگە تېخىمۇ كۆپ ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلغان دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار بولۇپمۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇنى خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بىر ۋاسىتىسى دەپ نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.

"شىنجاڭ سىنىپى" ئۈچۈن مەخسۇس تەربىيىلەش كۇرسلىرى كۆپەيمەكتە

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر مائارىپىدا كۆرۈلۈۋاتقان بەزى ئەگەشمە مەسىلىلەر، ئەزەلدىن قوش تىللىق مائارىپ نامىدىكى خىتايچىلاشتۇرۇش مائارىپىنىڭ تەسىرلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان زىيالىلار ئارىسىدا يەنىمۇ غۇلغۇلا قوزغىماقتا.

بەزى ئۇيغۇر مۇلاھىزە تور بەتلىرىدە بىر قىسىم پېشقەدەم مائارىپچى ھەمدە زىيالىيلارنىڭ ئېلان قىلغان مۇلاھىزىلىرىدىن مەلۇمكى، گەرچە خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆتكەن يىلىلا ھەر قانداق نام بىلەن نۇقتىلىق سىنىپ، تەجرىبە سىنىپلىرىنى ئېچىش، ئوقۇغۇچىلارنى نەتىجىسىگە قاراپ دەرىجىگە ئايرىش دېگەنلەرگە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى مائارىپ قانۇنىغا كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ سىنىپلىرىنى ئېچىشى بىلەن بەزى ئاساسىي قاتلام يەنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەلۇم يېزا‏- كەنتلەردىكى باشلانغۇچ ھەمدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە "شىنجاڭ سىنىپىغا ئۆتكۈزۈلىدىغان بالىلار سىنىپى"، " خىتايچىدا ياخشى ئوقۇغۇچىلار سىنىپى" دېگەنگە ئوخشاش ناملاردا ئالاھىدە سىنىپلارنى قۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنى ئايرىپ ئوقۇتىدىغان ھالەتلەر يەنىلا ئەۋج ئالماقتا ئىكەن.

بۇنىڭ بىلەن مەكتەپلەردە بۇ خىل سىنىپلارغا تاللانغان ئون، يىگىرمە پىرسەنت بالا ئوقۇتقۇچى ھەم مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشىپ، ئادەتتىكى سىنىپلاردا ئوقۇۋاتقان ئاساسلىق ساندىكى بالىلار بولسا روھىي زەربىگە ئۇچراپ، ئۇلاردا دەرسكە قىزىقماسلىق، ئىشەنچىسىنى يوقىتىش، چۈشكۈنلىشىش ھەتتا ئۇنىڭدىن ئېغىر پىسخىكىلىق ھالەتلەر ھەم سەلبىي نەتىجىلەر كۆرۈلمەكتە ئىكەن.

ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قاراشلىرى

ئەۋلاد تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بەزى مائارىپ ئورۇنلىرى ھەم مائارىپچىلارنىڭ، پەقەت بالىلارنى كۆپرەك مۇشۇنداق شىنجاڭ سىنىپلىرىغا ئۆتكۈزۈپ مۇكاپات ئېلىشنى، ۋەزىپىنى توشقۇزۇشنىلا ئويلاپ، ھەقىقىي ئەۋلاد تەربىيىلەش، ئوقۇغۇچىلارنى مەركەز قىلىشنى ئۇنتۇپ ھەتتا ئۇلار ئارىسىدا شاللاش ئېلىپ بېرىشى بەزى ئاتا ‏- ئانىلار ھەمدە زىيالىيلاردا كۈچلۈك قارشى پىكىرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە.

ئۇيغۇر مىللي مائارىپىدا كۆرۈلۈۋاتقان بۇنداق شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنىڭ ئەۋلاد تەربىيىلەشكە كۆرسىتىدىغان كۈچلۈك سەلبىي تەسىرلىرى ھەققىدە ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇزۇن يىل ئوقۇتقۇچى بولغان، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئېلشات ئەپەندى ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمەت توختى ئەپەندى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىچىكىدىنلا شاللىنىشقا ئۇچرىشىدەك مەسىلىنىڭ سەۋەب، نەتىجىسى ھەققىدە مۇلاھىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت