23 - مارت خوتەن ئاياللار نامايىشى: يېڭى مەلۇماتلار

2008-03-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

xoten-ayalliri-200.jpg
خوتەن ئاياللىرى. سۈرەت Youtube تىن ئېلىندى. Source: Youtube

ئالدىنقى كۈندىكى پروگراممىمىزدا، 23 ‏ - ۋە 24 ‏ - مارت كۈنلىرى خوتەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن رادىئو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئىنكاسى ۋە تېلېفون زىيارەتلىرى ئارقىلىق يەنە بىر قاتار تولۇقلىما مەلۇماتلارغا ئېرىشتۇق. خوتەندىن يېڭىلا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىسىگە كەلگەن بىر تىجارەتچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىش، خوتەن شەھىرىنىڭ لوپ ئاپتوۋۇز بېكىتىدىن باشلانغان. بۇ بېكەت، خوتەن شەھىرىگە، خوتەندىكى، چىرىيە، كىرىيە، لوپ قاتارلىق ناھىيىدىن يولۇچى كېلىدىغان ئاۋات بىر قاتناش بېكىتى بولۇپ، 600 نەپەر ئايال شۇ كۈنى سائەت 10 دا بۇ بېكەتكە توپلانغان.

نامايىشچىلار قوشۇنى 1000 دىن ئېشىپ كەتكەن

باشلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىم - كېچەكلىرىدىن بولغان رومال ئارتقان نامايىشچىلار، لوپ بېكىتىدىن شۇئار توۋلاپ شەھەر مەركىزىگە قاراپ يولغا چىققان، يول ئۈستىدە نامايىشچىلار قوشۇنى كۆپىيىپ، شەھەر مەركىزىدىكى چوڭ بازار دەپ ئاتىلىدىغان جايغا كەلگەندە، نامايىشچىلار قوشۇنى 1000 دىن ئېشىپ كەتكەن.

نامايىشچىلار قوشۇنى چوڭ بازارغا كەلگەندە، ساقچىلارنىڭ پۈتۈنلەي قورشاۋىدا قالغان. ساقچىلار نامايىشچىلارنىڭ داۋاملىق ئىلگىرىلىشىگە يول قويمىغان. ساقچىلار دەسلەپ يۇمشاق ۋاستە قوللىنىپ، نامايىشچىلارنى تېنچ تارقىلىپ كېتىشكە چاقىرغان. ئەمما نامايىشچىلار تارقىلىشنى رەت قىلغان.

ساقچىلار تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغاندا، ۋەقەنى كۆزىتىپ تۇرغان خەلق نامايىشچىلار سېپىگە قېتىلىپ ساقچىلارغا نارازىلىق بىلدۈرگەن، بۇنىڭ بىلەن نامايىشچىلار ۋە نامايىشنى قوللىغۇچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان. بۇنىڭ بىلەن نامايىشقا قاتناشقان ۋە نامايىشنى قوللىغۇچىلار بولۇپ، ۋەقەگە شاھىد بولغۇچىلارنىڭ سانى 2000 دىن ئاشقان.

ساقچىلار، كۆپىنچىسى ئاياللاردىن تەشكىل تاپقان 400 كىشىنى قولغا ئالغان

ساقچىلار شۇ كۈنى، كۆپىنچىسى ئاياللاردىن تەشكىل تاپقان 400 كىشىنى قولغا ئالغان. توقۇنۇشتا بىر قىسىم خىتاي تىجارەتچىلەرنىڭ دۇكىنى ئۇرۇپ چېقىلغان. بۇنىڭ بىلەن شەھەردىكى بىر قىسىم خىتاي تىجارەتچىلىرى دۇكانلىرىنى تاقىغان. بىر تىجارەتچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تىجارەتچىلەر دۇكىنىنى ئىككى كۇن تاقىغان، يەنە بىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۈمە كۈنىگە قەدەر بىر قىسىم خىتاي تىجارەتچىلىرى دۇكانلىرىنى تاقىغان.

xoten-ayalliri2-200.jpg
خوتەن ئاياللىرى. سۈرەت Youtube تىن ئېلىندى. Source: Youtube

نامايىش ئىككىنچى كۈنى ئوخشاش شەكىلدە يەنە داۋام قىلغان، بۇ قېتىم 200 كىشى قولغا ئېلىنغان. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نامايىشچىلار قوشۇنىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، شەھەر ئىچىدىكى ئاساسى قاتلاملاردا، كىشىلەرگە ئۆيدىن تالاغا چىقماسلىق بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.

نامايىش قوزغىدى ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلدى دەپ قارىغانلارنى قاچۇرۇپ قويماسلىق ئۇچۇن، ھەم شەھەر خەلقىنىڭ نامايىشچىلارغا قېتىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ساقچىلار شەھەر كوچىلىرىغا توساقلارنى قۇرۇپ قاتناش ‏ - ترانسپورت ۋە ئۇچۇر ئالاقىنى قامال قىلغان.

23 ‏ - مارت نامايىشىنى باشلىغان 600 ئايال بېشىغا "رومال" ئارتقان

خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىلىك ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېتىدە 26 ‏ - مارت كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خوتەندە يېقىنقى ئايلاردىن بېرى 4نى بىرلەشتۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلغان. بۇنىڭ بىرى ئولىمپىكنى كۈتىۋېلىش بىلەن مۇقىملىقنى ساقلاشنى بىرلەشتۈرۈش بولۇپ، مەزكۇر خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، ئولىمپىكنى كۈتىۋېلىش بىلەن مۇقىملىقنى بىرلەشتۈرۈشتە ئالاھىدە نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلگەن. ھۆكۈمەت تور بېتىدىكى بۇ بايانلار، بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق كەلگەن بىر قىسىم ئىنكاسلارنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.

ئىنكاسلاردا بىلدۈرۈلۈشىچە، خوتەن شەھىرىدە، مۇقىملىقنى ساقلاش ھەرىكىتىدە، ئاياللارنىڭ بېشىغا رومال ئارتىشى دىنىي رادىكاللىق دەپ قارالغان ۋە رومال ئارتماسلىق تەرغىباتى ئېلىپ بېرىلغان. بۇ سەۋەبتىن، 23 ‏ - مارت نامايىشىنى باشلىغان 600 ئايال بېشىغا رومال ئارتقان.

ئۇلار نامايىشتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆرۈپ ‏ - ئادەتكە قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىشىنى ئەيىبلەش بىلەن بىللە، بۇ يىل 3 ‏ - مارت كۈنى ساقچىلار تەرىپىدىن جەسىتى ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان مۇتەللىپ ھاجى ئىسىملىك تىجارەتچىنىڭ ئۆلۈمىگە قارىتا نارازىلىقىنىمۇ ئىپادىلەنگەن. مەھبۇسلارغا قارىتىلغان قىيىن - قىستاققا خاتىمە بېرىلىشى ۋە سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 23 ‏ - ۋە 24 ‏ - مارت ۋەقەسىدە 6 كىشى ئۆلگەن، قولغا ئېلىنغان 600 ئايالنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى قويۇپ بېرىلگەن. ئەمما بۇ ۋەزىيەتنى ئىسپاتلىغۇدەك پاكىت تېخى مەۋجۇت ئەمەس. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت