خىتاي خوتەنگە بازا قۇرۇش ئارقىلىق ياڭاق دەرەخلىرىنى ئىگىلىمەكتە

خىتاي دائىرىلىرى خوتەن ناھىيىسىدە خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ياڭاق پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسىنى ماكانلاشتۇرۇلۇشى، يەرلىك دېھقانلارنىڭ يېرى ۋە ياڭاق دەرەخلىرىدىن ئايرىلىپ، زور زىيان تارتىشى بەدىلىگە قوپۇرۇلماقتا.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012-05-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خوتەندىكى 1400 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە ياڭاق دەرىخىنىڭ چۈشەندۈرۈشى. 2011-يىلى ئاۋغۇست.
خوتەندىكى 1400 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە ياڭاق دەرىخىنىڭ چۈشەندۈرۈشى. 2011-يىلى ئاۋغۇست.
RFA

ياڭاق ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ قەدىمىي دەرەخ تۈرلىرىنىڭ بىرى، ئىقلىم شارائىتى بىلەن ياڭاقنىڭ ئەڭ سەرخىل تۈرلىرى ئاساسەن خوتەنگە ماكانلاشقان. شۇ ۋەجىدىن ياڭاق ئۇيغۇر دىيارى باغۋەنچىلىكىدىكى يۇرت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە داڭدار مەھسۇلاتتۇر. خوتەن ياڭىقىنىڭ پوستى نېپىز، دانىسى يوغان، ھۆل ھەم قۇرۇق پېتى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. «خوتەن ياڭىقى» دىن ئىبارەت داڭلىق ماركا جۇغراپىيىۋى ۋە تارىخىي ئاساسقا ئىگىدۇر. ئەسىرلەردىن بېرى خوتەن دېھقانلىرى ياڭاقنى ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى قىلىپ كەلگەن. ياڭاق خوتەن مەدەنىيىتىنىڭمۇ ماددىي ئاساسىي دېيىشكە بولىدۇ.xoten-yangaq-eng-kona-derixi.jpg

ھالبۇكى، خوتەن خەلقى خۇددى ئانا ماكانىدىكى زور بايلىق قاش تېشىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقاندەك، ياڭاق دەرەخلىرىدىنمۇ ئايرىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىدىن بېشارەت سەزمەكتە.

چۈنكى، يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى، خىتاي تۆمۈر يول مىنىستىرلىقىنىڭ 78 مىليون يۈەن مەخسۇس قۇرۇلۇش تۈر مەبلىغى بىلەن خوتەن ناھىيىسىگە 20 مىڭ توننىلىق ياڭاق پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى قۇرغان. تەڭرىتاغ تورىدا بۇ ھەقتە 3-ماي تارقاتقان خەۋىرىگە «دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ياڭاق پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى خوتەنگە ماكانلاشتى» دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، خەۋەرگە قارىغاندا، خوتەن ناھىيىسىدە تېخى يېڭى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بۇ ياڭاق پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسى، مۇشۇ تۈردە خوتەندە باشلىغان ياڭاق پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى بولۇپ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 800 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن.

قارىماققا بۇ خەۋەر خۇددى يەرلىك مەھسۇلاتلارنى ئېچىشنى تېزلىتىپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق قۇرۇلۇشتەك كۆرۈنگىنى بىلەن، يەرلىك دېھقانلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، بۇ خىل قۇرۇلۇشلار ياڭاق بىلەن ئائىلە ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، تۇرمۇشىنى قامداپ كېتىۋاتقان دېھقانلارنى يەرلىرى بىلەن قوشۇپ ياڭاق دەرەخلىرىدىن ئايرىماقتا ئىكەن. خوتەن ناھىيىسىدىكى بىر دېھقان يېرى ۋە ياڭاق دەرەخلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ھەقسىز ھالدا مەجبۇرىي ئىگىلىۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تۆمۈر يول مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە،خوتەن ناھىيىسىگە قۇرۇلغان بۇ ياڭاق ئىشلەپچىقىرىش بازا لىنىيىسىدىكى بىرىنچى زاۋۇتنىڭ ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 350 مو بولۇپ، زاۋۇت، ياڭاق ئايرىش سېخى، ياڭاق خام ئەشيا ئىسكىلاتى، پىششىقلانغان مەھسۇلات ئىسكىلاتى، شاكال ئايرىش سېخى، قۇرۇق مېۋە پىششىقلاپ ئىشلەش سېخى، ياڭاق مېغىزى پىششىقلاپ ئىشلەش سېخى، قاچىلاش سېخى قاتارلىق 10 نەچچە ئىشلەپچىقىرىش سېخىدىن تەركىب تاپىدىكەن.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىلگىرىكى ھۆكۈمەت دوكلاتىغا قارىغاندا، خوتەننى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ياڭاق پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسىغا ئايلاندۇرۇش ھەققىدە بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 12-كۈنى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومدا مەخسۇس يىغىن ئېچىلغان بولۇپ، يىغىندا پارتكوم سېكرېتارى يېن فېنشىن «ئۆزگىچە باغۋەنچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەر بىلەن ياڭاقنى بۇرۇن قېقىۋېتىش، ياڭاق سودىگەرلىرىنىڭ ياڭاقنى يۇيۇپ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز، ۋىلايىتىمىزنى مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك قەغەز ياڭىقى ئىشلەپچىقىرىش پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسىغا ئايلاندۇرىمىز» دېگەن.

دەرۋەقە، بازا قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى لىنىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى خوتەن ناھىيىسىدە يېرىم يىلغا قالماي پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، خوتەن دېھقانلىرىنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا قەغەز ياڭاق مەھسۇلاتى يۇقىرى بولغان قاراقاش ناھىيىسىدىمۇ دائىرىلەرنىڭ ناھىيە بازىرىنى كېڭەيتىش باھانىسىدىكى دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ياڭاق دەرەخلىرى بىلەن قوشۇپ ئىگىلەش ھەرىكىتى بىر قانچە ئاي ئىلگىرى باشلانغان ئىدى، 3-ئايدا بۇ ھەقتە قاراقاش ناھىيىسىدىكى دېھقانلارنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرى ئىستانسىمىزغا يەتكەن ئىدى.

ئۆزى ياشىغان مۇھىتنىڭ ئىقلىم شارائىتىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش قەدىمدىن بۇيان ئۇيغۇر باغۋەنلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئېڭىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. خوتەن ياڭىقى ئۆستۈرگەن ئۇيغۇرلار، ياڭاقنىڭ سۈپىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەيلى ئاز ھوسۇل ئالسىمۇ، ھوسۇلنىڭ تەبىئىيلىكى، زىيانسىزلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۇرۇق سېلىشتىن باشلاپ، ئوغۇتلاش، شاخ پۇتاش ۋە سۇغۇرۇش ھەمدە پىششىقلاپ ئىشلەشكە قەدەر، ھەر قايسى ھالقىلىرىدا ئىمكان قەدەر تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، ھەر قانداق سۈنئىي خىمىيىلىك تالالارنىڭ ئارىلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىدۇ. بۇ خىل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەرلىك مېۋە-چېۋە مەھسۇلاتلىرى گەرچە باشقا جايلارنىڭ ئۆلچەملىك ئىشلەپچىقىرىشتىن ھاسىل قىلىنغان مېۋىلىرىدەك كۆركەم بولمىسىمۇ، ئەمما ئوزۇقلۇق قىممىتى، زىيانسىزلىقى تەرەپتىن ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئورگانىك يېشىل يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.

خوتەن قەغەز ياڭىقى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى خوتەن ياڭاقلىرىغا بەرگەن ئېلانلىرىغا «نېمە ئۈچۈن خوتەندىن ئۆمۈر پادىشاھلىرى كۆپ چىقىدۇ بىلەمسىز ؟ بۇنىڭ سىرى، چۈنكى ئۇلار ئورگانىك خوتەن ياڭىقىنى يەپ چوڭ بولغان» دەپ يازغان.

ياڭاق خوتەن دېھقانلىرىنىڭ ئائىلە ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم ھالقىسى، ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر «ئەگەر خوتەن ياڭىقى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تۈرلۈك زورلۇق بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىنسا، دېھقانلارنىڭ پۈتكۈل تۇرمۇشى خارابىلىككە يۈزلىنىشى بىلەن تەڭ، ئۇزاق تارىخىي باسقۇچ، جاپالىق ئەمگەك بىلەن شەكىللەنگەن ئۆزگىچە يەرلىك ياڭاق سورتلىرىمۇ ئەسلى سۈپىتى ۋە قىممىتىنى يوقىتىپلا قالماي، خوتەننىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىغىمۇ زور ئاپەت يېغىشى مۇمكىن» دەپ ئەندىشە قىلسا، يەنە بېزىلەر «ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى ۋە بارلىق يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئىگىلەش بولماستىن، ئۇيغۇر ئېلى ۋە خەلقىنى بېيىتىش بولغان بولسا، يەرلىك مەھسۇلاتلارنى قوغداش توغرىسىدا مەخسۇس يەرلىك نىزام ۋە قانۇنلارنى بېكىتىپ، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى ۋە ئىقتىسادى كۈچ ئارقىلىق مونوپول قىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك ئىدى» دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت