ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللار بىرلىشىپ نامايىش ئۆتكۈزدى

خىتاينىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللار ئورتاقلىشىپ خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009-09-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 9 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 26 - ﻛﯜﻧﻰ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺗﻮﻛﻴﻮ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﯩﮕﺎﯞﺍﺩﺍﻱ ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﯩﺪﺍ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﺗﯩﺒﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ  ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺗﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﯩﭽﻪ ﺷﯘﺋﺎﺭ ﺗﻮﯞﻻﭖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﻣﺎﺧﻤﯘﺕ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﭽﯩﻼﺭﻏﺎ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻛﺘﻪ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 9 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 26 - ﻛﯜﻧﻰ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺗﻮﻛﻴﻮ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﯩﮕﺎﯞﺍﺩﺍﻱ ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﯩﺪﺍ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﺗﯩﺒﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺗﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﯩﭽﻪ ﺷﯘﺋﺎﺭ ﺗﻮﯞﻻﭖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﻣﺎﺧﻤﯘﺕ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﭽﯩﻼﺭﻏﺎ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻛﺘﻪ.
RFA Photo / Erkin Tarim

9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ياپونىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيو شەھرىدىكى نىگاۋاداي باغچىسىدا يىغىلىپ خىتايغا قارشى نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلغان نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ يېنىغىچە شۇئار توۋلاپ بېرىپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىكى پوچتا ساندۇقىغا نارازىلىق خېتىنى تاشلاپ قويۇپ تارقىلىپ كەتكەن.

بۇ نامايىشقا توكيودا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، موڭغۇللار ۋە ياپونلاردىن بولۇپ، 2 - 3 يۈز ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. قوللىرىدا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە ياپون بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشكەن بۇ نامايىشچىلار، "ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارغا ئەركىنلىك! ئۇيغۇرلارغا تىل، دىن ئەركىنلىكى بېرىلسۇن!" دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلارنى توۋلاشقان.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 9 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 26 - ﻛﯜﻧﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ 60 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﺗﯩﺒﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 9 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 26 - ﻛﯜﻧﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ 60 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﺗﯩﺒﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ. RFA Photo / Erkin Tarim

بۇ نامايىشنى توكيودىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلارمۇ نەق مەيدان خەۋىرى قىلىپ تارقاتقان.

نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشلىقى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بۇ نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بەردى.  

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت