خىتاينىڭ ئوساكادا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىغا ئۇيغۇر تەيىنلەندى

يېقىندا خىتاي ياپونىيىنىڭ ئوساكا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىغا قۇندۇز يۈسۈپ ئىسىملىق بىر ئايالنى مۇئاۋىن كونسۇل قىلىپ ئەۋەتكەن. بۇ ئايالنى ياخشى تونۇيدىغان كىشىلەردىن ئالغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، قۇندۇز يۈسۈپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ خادىمى ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010-11-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قۇندۇز يۈسۈپ ئىسىملىق بۇ ئايال ۋاڭ لېچۈەنگە يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان بىر ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ ياپونىيىنىڭ ئوساكا شەھىرىگە كونسۇل قىلىپ ئەۋەتىلىشى ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئويغا سالغان.

ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە،  خىتاي 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىش باسقۇچىنىڭ تېزلىشىپ كەتكەنلىكىدىن ئەنسىرەپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا `خىتاينى  چۈشىنىش` پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشتىن باشقا يەنە، ئۇيغۇرلار بىر قەدەر زىچ ئولتۇراقلاشقان ۋە ئۇيغۇر داۋاسى كۆزگە كۆرۈنگەن دۆلەتلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىگە سادىق بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى خىزمەتكە تەيىنلەپ، ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بېرىش ۋە بۇ ئارقىلىق شۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش، ئۇيغۇر دەۋاسىغا توسالغۇ يارىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

قۇندۇز يۈسۈپ خانىمنى  ياپونىيىنىڭ ئوساكا شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا  ئەۋەتىشتىكى مەقسىتى نېمە؟ بۇرۇن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرىدا ئىشلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا نېمە پايدىسى بولغان دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشلىقى ئىلھام مەھمۇت ۋە كاگوشىما خەلقئارا  ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.  

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت