مەركىزىي ياۋرو - ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى

ھەر يىلى بىر قېتىم ئوتكۈزۈلىدىغان مەركىزىي ياۋرو - ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ خەلقئارالىق يىللىق مۇھاكىمە يىغىنى ئامېرىكىنىڭ مىچىگان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا داۋاملاشماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010-10-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﯨﺴﻴﺎ ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﺴﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﯨﺴﻴﺎ ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﺴﻰ.
http://maps.google.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلار تېمىسىغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، 20 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر تارىخى مەسىلىلىرى ھەققىدە بىر مۇھاكىمە مەيدانى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى مىللەتپەرۋەرلىك، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرى بويىچە يەنە بىر مۇھاكىمە مەيدانى تەسىس قىلىنغاندىن باشقا يەنە ئۈچ نەپەر مۇتەخەسسىسى ھەر خىل مۇھاكىمە سورۇنلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

29 - ئۆكتەبىر كۇنى كەچ سائەت 4 تىن 6 غىچە بولغان ئارىلىقتا مەخسۇس ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي كىملىك، مەدەنىيەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبۇئاتلاردىكى ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك بىر مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدا مۇستەقىل تەتقىقاتچى كارا ئابرامسون خانىم ئۇيغۇرلاردىكى ئەر - ئاياللار پەرقى، نوزۇگۇم ھېكايىسىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىدىكى ئورنى ۋە كۆرسەتكەن تەسىرى مەسىلىلىرى، كانادادىكى برىتىش كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتور ئاشتى ئەلەنا كاپرونى خىتاي سوتسىيالىستىك كوپ مەدەنىيىتى چۈشەنچىسى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېڭى ئەۋلادلار، بولۇپمۇ خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى پەرق ۋە ئىختىلاپلار ھەم ئۇنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرىنىش مەسىلىلىرى، كولورودا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي مىللىتىدىن بولغان دوكتور كاندىداتى لياڭجەڭ خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ 11 - سېنتەبىردىن كىيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرى مەسىلىسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

مەزكۇر مۇھاكىمە سورۇنىغا قاتناشقانلارنى ئەڭ قىزىقتۇرغان نۇقتا كارا ئابرومسون خانىمنىڭ نوزۇگۇم ھېكايىسى ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ھەمدە نوزۇگۇمنىڭ ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىكىگە كۆرسەتكەن تەسىرى مەسىلىسىگە ئائىت بايانلىرى ۋە كۆز قاراشلىرى بولۇپ، جورجىتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جەمىس مىللىۋارد بىلەن جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شون روبېرتس مەزكۇر تەتقىقاتقا ياخشى باھا بېرىش بىلەن بىر قانچە تولۇقلىما تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كارا ئابرومسون خانىم ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، موللا بىلال نازىم يازغان "نوزۇگۇم " داستانىدىن تارتىپ، 1920 - يىلى ئېلان قىلغان نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوفنىڭ نۇزۇكۇم پوۋەستىغىچە، ھەمدە ھازىرقى زامان يازغۇچىلىرىدىن مەمتىمىن ھوشۇر، تۇرغان توختەموۋ قاتارلىق نوزۇگۇمغا ئائىت رومانلىرىنى تولۇق ئوقۇپ چىققان. ئۇ، يەنە نوزۇگۇم ھەققىدە يېزىلغان ئۇيغۇرچە، رۇسچە ۋە باشقا تىللاردىكى ماقالىلارنى ھەممىسىنى دېگۈدەك ئوقۇپ ئۆزىنىڭ بۇ ماقالىسىنى يېزىش ئۇچۇن پايدىلانغان.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ئوز ئاياللىرىنى قەدىرلەيدىغان، ئاياللارنىڭ قەھرىمانلىق ۋە مەرتلىكلىرىنى ئۇيغۇر روھىيىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى دەپ ھېسابلايدىغان مىللەت. شۇ ۋەجىدىن نۇزۇكۇم رىۋايىتى ۋە نۇزۇكۇم ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئاياللارنىڭ رولى كۆرىنەرلىك بولۇپ، بۇگۈنكى كۈندە رابىيە قادىر ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئوز رەھبىرى دەپ تونۇلغان.

ئاياللار مەسىلىسى بەك نازۇك مەسىلە بولۇپ، 2009 - يىلىدىكى شياۋگۇئەن ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەشكە مۇناسىۋەتلىك نازۇك مەسىلىلەر مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى مۇھىم غۇل - غۇلىلىق مەسىلىدۇر.

بىرىتىش كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاشتىسى ئەلەنا كاپرونىنىڭ تەتقىقاتى تولۇق جەمئىيەتسۇناسلىق ساھەسىگە مەنسۇپ ئەمگەك بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلار ئارىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇ ئىككى مىللەت ئارىسىدا كېلىشىش قىيىن بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرى ھەم توقۇنۇشلىرى مەۋجۇت ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھامان ئۆزلىرىنى ئېزىلىۋاتقان خەلق دەپ قاراپ ۋە ئۆزلىرىگە سىياسىي ھوقۇقلارنىڭ بېرىلمىگەنلىكىدىن نارازىلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ تەتقىقاتى قويۇق سېلىشتۇرۇش تۈسىنى ئالغان بولۇپ، ئاڭلىغۇچىلاردا ياخشى ئىنكاسلارنى قوزغىدى.
 
ياش تەتقىقاتچى لياڭجېڭ بولسا، 11 - سېنتەبىردىن كىيىن خىتاينىڭ دۆلەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ بەختىيار ياشاۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلاردىكى بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورچىلىق ئۇچۇرلىرىنى كۆپلەپ ئېلان قىلدى. بۇ مۇھىم سالماقنى ئىگىلىدى. ئۇ، يەنە 5 - ئىيۇلدىن كىيىن ئاساسلىق تۆت ھۆكۈمەت مەتبۇئاتىنىڭ ئۇيغۇر ئەلى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، خەنزۇلارنىڭ ۋەقەدە ئازاپ چەككەنلىكى ھەمدە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇلارنى قۇتۇلدۇرغانلىقى ۋە باشقا مەسىلىلەرنى تەشۋىق قىلىشقا كۈچىگەنلىكى، بىراق 7 - ئىيۇلدىكى خەنزۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ ھېچنېمە يازمىغانلىقى، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ پەقەت چەتئەل مەتبۇئاتلىرى ئارقىلىق يورۇتۇلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇمكىن قەدەر ئامېرىكىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇلى بويىچە بىتەرەپ بايان قىلىشقا تىرىشتى. ئۇنىڭ بەزى يۈزەكى قاراشلىرى ئاڭلىغۇچى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن رەت قىلىندى ۋە تۈزۈتۈش بېرىلدى.

29 - ئۆكتەبىردىكى پائالىيەتلەرنىڭ يەنە بىر مۇھىم نۇقتىسى قىرغىزىستاندىكى ئوش ۋەقەسىگە قارىتىلغان بولۇپ، سابىق قىرغىزىستان دىپلوماتى بەخىتبەك ئەشىمبايەۋ مەخسۇس ئوش ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ھەققىدە يېرىم سائەتتىن ئارتۇق دوكلات بېرىپ، پۈتۈن ئاڭلىغۇچىلارغا ئوش ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى تۇپ سەۋەبلەرنىڭ ئۇيغۇر ۋە ئۆزبەكلەردىكى ئايرىم مىللەتچىلىكنىڭ كۈچىيىشىنىڭ رول ئوينىغانلىقى، بۇنىڭغا ھەر ئىككى تەرەپ تەڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە قىرغىزىستاندا ئەسقەر ئاقايېف دەۋرىدىن تارتىپ، ھازىرغىچە بولغان توقۇنۇشلارنى ساناپ كېلىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن قىرغىزلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. 19 يىل ئىچىدە ئاساسلىق توقۇنۇش قىرغىزلار بىلە ئۆزبېكلەر، قىرغىزلار بىلەن تۇڭگانلار، قىرغىزلار بىلەن تۈركلەر ۋە تاجىكلار ئارىسىدا بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۈگۈن 30 - ئۆكتەبىر كۈنىدىكى مۇھاكىمە سورۇنلىرىنىڭ مۇھىم بىرى قازاقىستاننىڭ بۇگۈنكى ۋە نۇرسۇلتان نازاربايېفتىن كېيىنكى ۋەزىيىتىگە بېغىشلانغان بولۇپ، جورجىتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس شون روبېرت قازاقىستاندىكى تۈرلۈك مەسىلىلەر ۋە نازاربايېفتىن كېيىنكى قازاقىستاننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئانالىزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ يىغىننىڭ بەزى سورۇنلىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى رايون خاراكتېرلىق مۇناسىۋەتلەر، ئېتنىك مۇناسىۋەتلەر ۋە باشقا مەسىلىلەردىكى مۇھاكىمىلەردە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ دائىم تىلغا ئېلىنىپ تۇردى.

يىغىن مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كېللوگ مۇھاكىمە يىغىنلىرى مەركىزىدە باشلانغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ياۋروپا، رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيە، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ھەم باشقا ئەللەردىن كەلگەن مەخسۇس ياۋرو - ئاسىيا مەسىلىلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار ئىشتىراك قىلدى.

بۇ يىلقى مەركىزىي ياۋرو - ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۆلىمى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، 45 مۇھاكىمە مەيدان تەسىس قىلىنغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت