ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ چىقىش نۇقتىسى - يىپەك يولىنى قايتا قۇرۇش

2007-07-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

نۆۋەتتە، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئاستىدا بارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئورتاق گۈللىنىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدىيىسى كەڭ مۇنازىرە قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە يەنە بىر يېڭى تېما يەنى ئوتتۇرا ئاسىيادا يېڭى يىپەك يولى قۇرۇپ، غەرب بىلەن شەرقنىڭ ئىقتىساد ئالماشتۇرۇشىدا ۋاسىتىچىلىك قىلىش ئارقىلىق رايوننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا جەھەتلەردىن تەرەققى قىلىپ روناق تېپىشىنى تەمىنلەش مەسىلىسى مۇنازىرە قوزغىماقتا.

قاتناش راۋانلاشسا، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سودا مىقدارى ئاشىدۇ

سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن يىپەك يولىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەم ئۇنى زامانغا لايىق يېڭىچە ئاساستا قۇرۇپ چىقىش مۇمكىنچىلىكى پەيدا بولدى. چۈنكى، مەركىزىي ئاسىيا رايونىنىڭ شەرقتە خىتاي، جەنۇبتا ئىران ۋە تۈركىيە بىلەن بولغان سودا -ئالاقە يوللىرى ئېچىلغان بولۇپ، چار رۇسىيە ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قامال قىلىۋېلىشىغا خاتىمە بېرىلدى.

ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سودا ۋە قاتناش يولى ئۈستىگە جايلاشقانلىقى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ بارغانسىرى دىققىتىگە سازاۋەر بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزلىرىلا ئەمەس بەلكى، خەلقئارا جەمىيەت رايوننىڭ سودا ۋە قاتناش يوللىرىنى قۇرۇپ چىقىش ھەم ياخشىلاش شۇنىڭدەك راۋانلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى تونۇپ يەتمەكتە.

بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلغان ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، ئەگەر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئافغانىستان بىلەن بولغان قاتناش يوللىرىنى ياخشىلانسا، رايوننىڭ سودىسى% 80 ئېشىپ، يىللىق سودىسى 12 مىليارد دوللارغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ، ھىندىستان، ياۋروپا، رۇسىيە ۋە يېقىن شەرقنى بىر-بىرىگە باغلايدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرلىق سودا يوللىرى ئېچىلسا، بۇ يوللارنى كېسىپ ئۆتىدىغان مەركىزىي ئاسىيانىڭ مەزكۇر سودىدىن تېخىمۇ زور پايدىلارغا ئېرىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ھەمكارلاشماسلىقى تىجارەتكە قىيىنچىلىق پەيدا قىلماقتا

لېكىن، ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى سودا ئالاقىلىرى ۋە قاتناش مەسىلىسى يىلدىن يىلغا كۆپ قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراشقا باشلىغان بولۇپ، قاتناش ئۆتكەللىرىنى قاتتىق كونترول قىلىش ھەم تۈرلۈك توسالغۇلارنى پەيدا قىلىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلمەكتە، تاجىكىستان بىلەن ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ھەم ئۆزبېكىستان بىلەن قازاقىستان ئارىسىدىكى چېگرا ئۆتكەللىرىنىڭ يۈك ماشىنىلىرىدىن ھەر خىل ۋە كۆپ خىل ھۆججەتلەرنى تەلەپ قىلغانلىقى سودا -ئالاقىلىرىغا نىسبەتەن پايدىسىز ئەھۋاللارنى پەيدا قىلغان.

ھەتتا خۇسۇسىي تىجارەتچىلەرنىڭمۇ ئۆزارا بېرىپ مال ئۆتكۈزۈپ سودا قىلىشىغىمۇ ھەر خىل توسالغۇلار پەيدا قىلىنغان. مەسىلەن، ئىلگىرى قىرغىزىستان بىلەن قازاقىستان ئارىسىدا تىجارەتچىلەرنىڭ ئۆزارا بېرىپ كېلىپ سودا قىلىش ھەمدە قازاقىستان ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلى بىلەن سودا قىلىش ئىشلىرى بىراز ياخشى تاموژنا قاماللىقىنى كۈچەيتكەن. بۇ تىجارەتچىلەرگە قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىمۇ قوشنا دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش ئۈچۈن چېگرا ئۆتكەللىرىدە بەزى قانۇنىي -تۈزۈملەرنى بېكىتكەن . ئاھالىلارنىڭ ئەركىن سودا ئالاقىلىرىغا چەك قويۇلغانلىق ئۈچۈن خەلق قىممەت چۈشىدىغان يوللارنى تاللاشقا مەجبۇر بولغان.

ئەلۋەتتە، كۆپلىگەن سىياسىيونلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر مەركىزىي ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۆز ئىچىدىكى قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش شۇنىڭدەك خەلقئارالىق قاتناشنى باغلاش رولىنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ، تۈرلۈك كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. يېقىندا ، ۋاشىنگتوندىكى جوھن خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى پروفېسسور فرېد ستارنىڭ باش تەھرىرلىكىدە "يېڭى يىپەك يوللىرى" ناملىق تەتقىقات كىتابى نەشىر قىلىندى. كىتاب باش مۇھەررىرى فرېد ستار بۇ يوللارنى ئېچىش ۋە راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز سىياسىي مەنپەئەتلىرىنى بىر چەتكە قويۇشى لازىملىقىنى كۆرسىتىپ،" يىپەك يوللىرى لايىھىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىر دۆلەت ياكى خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ قولىدىكى ئىش ئەمەس، بەلكى بارلىق مەملىكەتلەرنىڭ سىياسىي ئىرادىسىگە باغلىق "دەيدۇ.

ب د ت مۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۆزارا ھەمكارلىشىپ، سودىغا كۆڭۈل بۆلسە، ھەر بىر مەملىكەتنىڭ دۆلەت مەھسۇلاتى 10 يىل ئىچىدە %50 ئۆسىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان.

بۇنىڭدىن تۆت يىل ئىلگىرى جوھن خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ "شىنجاڭ تەتقىقات لايىھىسى" دەپ ئاتالغان چوڭ ھەجىملىك تەتقىقات پىلانىغا رەھبەرلىك قىلىپ، " شىنجاڭ خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار چېگرىسى "دەپ ئاتالغان كىتابنى باش بولۇپ نەشىر قىلدۇرغان پروفېسسور فرېد ستار ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ قاتناش يوللىرىنى ياخشىلاش مەسىلىسىدە ھەمكارلىشالماسلىقىدىكى ئاساسىي سەۋەبنىڭ " بىخەتەرلىك ۋە شارائىت مەسىلىسى ھەم ئەمەس بەلكى، ئىچكى مەسىلىلەر ھەم چەكلىمىلەر ، ئەڭ زور توساقلارنىڭ بىيوكراتىيە ۋە قەغەزۋازلىق ئىكەنلىكى" نى چۈشەندۈرىدۇ.

بىراق، قىرغىزىستان دىپلوماتى جىنبېك قۇلىبايېف بولسا، ئوتتۇرا ئاسىيا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەسىلىلەرنى چۈشىنىدىغانلىقى، ئەگەردە تاموژنا تەكشۈرۈشلىرى ئاسانلاشتۇرىۋېتىلسە ۋە ياكى ئەركىنلەشتۈرىۋېتىلسە، زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى ھەم بىخەتەرلىك مەسىلىسى كۈچىيىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەمكارلىقى گۈللىنىشنىڭ ئاساسى

قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، بىر گەۋدىگە ئايلىنىشنىڭ رايوننىڭ سىياسىي، سودا- ئىقتىسادىي جەھەتتىن گۈللىنىشىنى ھەم بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي يوسۇندا كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى شەرھلىگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھازىرقىدەك پارچىلىنىپ تۇرۇش ۋە ئۆزارا ئايرىمىلىقنى كېڭەيتىش ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە خەلقىنى گۈللەندۈرۈشكە پايدىسىز ئامىللاردىن ئىبارەت.

ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يېڭى يىپەك يولىنىڭ ئۆتكىلى بولۇپ، غەرب بىلەن شەرقنى سودا-ئىقتىسادىي جەھەتتىن باغلاپ، پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاتماي ھەتتا بىرلەشمەي مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا غەرب ئىستراتېگىيىچىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ، يېڭى يىپەك يولىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان.(ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت