گۇاڭدۇڭدىكى يەر داۋاسى ۋەقەسىدە نېمە ئۈچۈن ئۆزگىرىش بولدى؟

2005-09-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تەيشى كەنتىدىكى يەر ماجراسى ئەسلىدە 7 - ئايدا باشلانغان بولۇپ، كەنتتىكى 400 دىن ئارتۇق ئاھالىلەر ئىلگىرى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارغا كەنت باشلىقىنىڭ پارىخورلىقى ۋە قانۇنسىز ھالدا يەرلىرىنى سېتىۋەتكەنلىكى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان ھەمدە كەنت باشلىقىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ كەنتتىكىلەرنىڭ بۇ ئەرزىنى قۇبۇل قىلغان ئىدى.

كۈتۈلمىگەن تۇتقۇن قىلىش

ھالبۇكى 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەچچە يۈزلىگەن توپىلاڭنى باستۇرۇش ساقچىلىرى كەنتتكە كېلىپ، 50 دەك كىشىلىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان ھەمدە بۇ ئەرزنى سۇنۇشقا مەسئۇل بولغان يەتتە كىشىنى تۇتۇپ كەتكەن. ئىككى ھەپتىدىن كىيىن، كەنتتىكىلەر ئاچلىق ئېلان قىلىشقا باشلىغان. 5 - سېنتەبىر كۈنى، تەيشى كەنتىدىكى بەش كىشى ۋاكالىتەن كەنت پۇقرالىرىنىڭ بىرلىكتە ئىمزالىغان كەنت باشلىقىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ھەققىدىكى قارار خېتىنى پەنيى رايونلۇق خەلق ئىشلار نازارىتىگە تاپشۇرغان. مۇشۇنداق شارائىتتا پەنيى رايونلۇق ھۆكۈمەت 10 - سېنتەبىر كۈنى ئاھالىلەر ئىمزا قويغان بۇ ئەرزنى قۇبۇل قىلغان.

يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ رادىئويىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، پەنيى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 14 - سېنتەبىر كۈنى كەچتە تۇيۇقسىز "تەيشى كەنتىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر كەنتتە ھەرىكەت قوزغاپ، ئاھالىلەرنى يىغىپ، قانۇنسىز يىغىلىش ئۆتكۈزدى. يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، مۇقىملىقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. شۇڭا ھۆكۈمەت بۇ ۋەقەنى بېسىقتۇردى" دەپ خەۋەر بەرگەن.

فىن ئىسىملىك بىر كەنت ئاھالىسى ئەھۋالنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: "خەۋەردە 12 - چىسلا يەرلىك ساقچىلارنىڭ كەنتكە بېرىپ ئادەم تۇتقانلىقى تىلغا ئېلىندى. ئەمما جەريانى كۆرسىتىلمىدى. پەقەت ۋەقەدىن كىيىن مەيداننى يوغۇشتۇرغان بەزى كۆرۈنۈشلەر قويۇلدى. ئەينى ۋاقىتتا ساقچىلار ئاھالىلەرنى تۇتقۇن قىلغاندا، نەق مەيداندا نەچچە مىڭ كىشى بار ئىدى. ئەمما تېلېۋېزوردا پەقەت ساقچىلارنىڭ بىر نەچچە كىشىنى تۇتۇپ كەتكەن كۆرىنىشى قويۇلغان ھەمدە ئاز سانلىق ئادەم ۋەقە تۇغدۇردى دېدى".

ھۆكۈمەت گېپىدىن يېنىۋالدى

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، دۈشەنبە كۈنى ساقچىلار كەنتتىن 48 كىشىنى تۇتۇپ كەتكەن ھەمدە كەنتتىكىلەر قولغا چۈشۈرگەن كەنت باشلىقىنىڭ پارىخورلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلار بار ھىسابات دەپتىرىنى تارتىۋالغان.

فىن يەنە كەنتتىكىلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ۋەقەگە قايتىدىن بەرگەن باھاسىدىن ئىنتايىن نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: "ھۆكۈمەت گېپىدىن يېنىۋالدى، بىزنىڭ ھېسسىياتى بىلەن ئازراقمۇ ھېسابلاشمىدۇق. بىزمۇ قانداق قېلىشنى بىلەلمەي قالدۇق. بىز تېخى كەنت باشلىقىنى ئاغدۇرۇش يىغىنىنى ئاچمىغانتۇق. ئەمدى قاچان ئاچالايدىغانلىقىمىزنىمۇ بىلمەيمىز. ھۆكۈمەت ئارقا ئارقىدىن ئادەم تۇتىۋاتىدۇ. بۇنداق تۇتىۋەرسە يىغىن ئاچقان تەغدىردىمۇ كۆپ كىشىلەر كىلەلمەمدىكىن دەيمەن. دېھقانلار ھەممىسى قورقتى. ئەسلىدە ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەكچى بولغانتۇق. ھازىر پەقەتلا ئىشەنمەيمىز" .

كەنت ئاھالىسى فىننىڭ ئېيتىشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى يەنە كەنت باشلىقىنى ئاغدۇرۇش خېتىگە ئىمزا قويغان، كارخانىلاردا ئىشلەيدىغان ئاھالىلەرنى مۇشۇ ئىككى- ئۈچ كۈن ئىچىدە ئىشتىن بوشىتىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىد سالغان.

خىتايدىكى ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۈزىتىۋاتقان ئامېرىكىدا قانۇن ئىلمىدە ئوقۇۋاتقان ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيشىدىكى ۋەقەگە تۇتقان پۇزىتسىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشىدە، خىتاينىڭ باشقا جايدىكى ئاھالىلەرنىڭمۇ مۇشۇنداق قوزغىلىپ، چىرىك ئەمەلدارلارنى ئاغدۇرىشىدىغان ئەنسىرىگەنلىكىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇئاڭجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى چارشەنبە كۈنى تەيشى كەنتىدىكى يەر ماجراسىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بېيجىڭدىن گۇئاڭدۇڭدىكى يەر ماجرالىرىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كەلگەن ياڭ پەمىلىلىك بىر ئادۋۇكاتنى تۇتۇپ، ئۇنىڭغا يەر ماجرالىرىغا ئارىلاشماسلىق ھەققىدە تەھدىد سالغان.

ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، بۇ ئەھۋاللارنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنى پۈتۈنلەي قانۇن بىلەن باشقۇرۇش نىيىتىنىڭ يوقلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. (ئارزۇ)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت