خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن ئەمەلىيىتى بىردەكمۇ ؟

2006-09-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 7 ‏- ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بويىچە يېڭىدىن سېلىنغان، مۈستەھكەملەنگەن ۋە ئۆزگەرتىپ سېلىنغان يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر 415 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بۇ يىللىق پىلاننىڭ 92 % ئورۇنلىنىپ بولغان ۋە بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن 134 مىڭ ئۆي كۆپەيگەن. خەۋەردە يەنە، ھازىر قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن، ئېلى، تارباغاتاي، تۇرپان، ئۈرۈمچى، شىخەنزە قاتارلىق جايلارنىڭ پىلاندىكى ۋەزىپىنى مۈددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلاپ بولغانلىقى قەيت قىلىنغان.

بىراق، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتنىڭ ھەر يىلى ئاپەتكە قارشى يېڭى ئۆي سېلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنى قۇتۇلدۇردۇق دېگەنگە ئوخشاش خەۋەرلەرنى ئارقا ‏- ئارقىدىن ئېلان قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئەمما ئەمەلىي ئەھۋالنىڭ ھېچقاچان بۇنداق بولمايۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلىشماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ۋە ئوزورچى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى زىيارىئوتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت