يېشىل مەيداندىكى ئۈمىدلىك سادا «ئۆزىمىزنىڭ مۇستەقىل كەسپىي پۇتبول كوماندىسىنى قۇرساق»

دەنھاختىكى يېشىل مەيداندا ئۆتكۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش خەلقئارالىق پۇتبول مۇسابىقىسى ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى.
مۇخبىرمىز گۈلچېھرە
2011-07-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش خەلقئارالىق پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈش. 2011-يىلى 28-ئىيۇل، گوللاندىيە.
ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش خەلقئارالىق پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈش. 2011-يىلى 28-ئىيۇل، گوللاندىيە.
RFA/Pidaiy

مۇسابىقە پىلان بويىچە ئىنتايىن رەتلىك، قىزىقارلىق، يۇقىرى كەيپىياتتا داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، پۇتبول ھەۋەسكارلىرى، تاماشىبىنلار يامغۇرغىمۇ قارىماي قىزغىن ھالدا مۇسابىقىنى تاماشا قىلماقتا. بىز بۇ ئارىدا مۇسابىقە مەيدانىدىكى ئەزىمەتلەر، تېرىنېر ۋە ھەۋەسكارلارنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدۇق، ئۇلار بىردەك «بىزنىڭمۇ ئۇيغۇر توپچىلاردىن تەشكىللەنگەن بىر كەسپى كوماندىسى قۇرۇلغان بولسا...» دېگەن ئورتاق ئارزۇسىنى بايان قىلىشتى.



JavaScript Slideshow Template

باشلاش  ||   توختاش  ||   ئالدىنقىسى  ||   كېيىنكىسى
Welcome to the slideshow!
Slideshow 

image


چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى كۈندىكى مۇسابىقە ئەھۋالى ۋە توپچىلارنىڭ ئىپادىسى ھەققىدە داۋاملىق ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن، مۇسابىقىنىڭ تەرتىپلىك ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن خالىس خىزمەتتە بولۇۋاتقان مەيدان باشقۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بىلەن ئالاقە باغلىدۇق. تەلىيىمىزگە تېلېفون ئالاقىمىز ئۇلانغاندا ئەزىمەتلەر بۈگۈنكى ئەڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئارىلىقىدىكى تاماق ۋاقتىدا ئىكەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئىزچىل تاماشا قىلىۋاتقان گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان پۇتبول ھەۋەسكارى ھاجىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ مۇسابىقە مەيدانىدا ئۆزىنىڭ، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستاندا ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈۋاتقاندەك ھېس-تۇيغۇلارغا چۆمگەنلىكىدەك ھاياجىنىنى ئىپادە قىلدى.

بىز ئەمدى ئەركىنلىك لوڭقىسىنىڭ ئىككىنچى كۈنى يەنى 28-ئىيۇلدىكى مۇسابىقىگە چۈشكەن كوماندىلارنىڭ نەتىجىلىرىنى بىلىش ئۈچۈن گوللاندىيىدە تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز پىدائىيغا مۇراجىئەت قىلىمىز، پىدائىي ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنى بۈگۈنكى مۇسابىقە ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلسىڭىز.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر ياشلار كوماندىسىنىڭ تېرىنېرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىككى كۈنلۈك مۇسابىقە جەريانىدا ھەر بىر كوماندا ئەزالىرىنىڭ مۇسابىقىدىكى ئىپادىسىنىڭ ئىزچىل ئۈستۈنلۈكى، بەدەن ساپاسىنىڭ ياخشىلىقى ۋە مەيدان ئەخلاقىنىڭ بىردەك يۇقىرىلىقىنى كۆرۈپ بەك مەمنۇن بولغانلىقى شۇنداقلا ئەگەر شارائىت يار بەرسە ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ياۋروپادا بىر كەسپىي پۇتبول كوماندىسى قۇرۇش تامامەن مۇمكىن دەپ ئىشەنچىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت