زىيالىيلار خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا مائارىپى ھەققىدە توختالدى

2005-12-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا بۇندىن كېيىنكى 5 يىل ئىچىدە، يېزا مائارىپى ئۈچۈن 200 مىليارد سومدىن ئارتۇق مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە بۇ پۇلنىڭ 120 مىلياردىنى مەركىزى ھۆكۈمەت، 90 مىليادىنى يەرلىك ھۆكۈمەت چىقىرىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ پۇلنى چىقىرالىشى ناھايىتى تەسكە توختايدىكەن. چۈنكى مائارىپ خىراجىتىنىڭ قالايمىقان ئىشلىتىلگەنلىكى تۈپەيلىدىن، يەرلىك ھۆكۈمەت يېزا مائارىپىنى ياخشىلاش بىر ياقتا تۇرسۇن، ھەتتا يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشىنىمۇ تارقىتىپ بېرەلمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز مېھرىبان ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىدە ئىشلەيدىغان خىتاي زىيالىيسى لياۋ تيەنچى خانىم ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئالدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت