سەنلۇ بوۋاقلار سۈت پاراشوكىنى ئىستىمال قىلىپ ئۈچ ئايدىن كېيىن ...

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېدىتسىنا ئۇنۋېرسىتىتى قارمىقىدىكى بىرىنچى دوختۇرخانىسى بالىلار بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، مەزكۇر دوختۇرخانىدا سەنلۇ ماركىلىق بوۋاقلار سۈت پاراشوكى ئىستىمال قىلغانلىقى سەۋەبلىك بۆرەك ھەم سۈيدۈك يولى سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولۇپ، ئوپىراتسىيە قىلىپ ساقايتىلغان بوۋاقلار 21 نەپەرگە يەتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008-12-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻕ.
ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻕ.
AFP Photo

شۇنداقلا، ھازىرمۇ بالىلار بۆلىمى بالنىستىدا، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلىنىپ كېسەل بولغان 30 چە بالا داۋالانماقتا ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئارانلا كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان نازۇك مېڭە تومۇرىغا ئاسما ئوكۇل يىڭنىسى كىرگۈزۈلگەن، ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى ئوپېراتسىيە قىلىنغان بولسىمۇ تېخى ساقىيىپ كېتەلمەي داۋاملىق داۋالىنىۋاتقان، توختىماي يىغلاپ ئاۋازلىرىمۇ ئاجىزلاشقان مۇجاھىت ئىسىملىك تېخى توققۇز ئايلىقمۇ بولمىغان بىر بوۋاق بار.

بۇ بوۋاق ئۇيغۇر ئېلىدىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن خىتاي بويىچىمۇ سەنلۇ بوۋاقلار سۈت پاراشوكىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچراپ بۆرىكىدە تاش پەيدا بولغان ھەمدە بۆرەك تاش چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغان بالىلار ئىچىدە ئەڭ كىچىكى ھېسابلىنىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ بوۋاقنىڭ ھازىرقى سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدا مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ دوختۇرخانىدىن ئىگىلىگەن تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت