خىتاينىڭ 'زەھەرلىك يىڭنە' ھۇجۇمىغا دائىر بايانى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا گۇمان قوزغىدى

ئۈرۈمچىدىكى خىتايلار 4 ‏ۋە 5 ‏- سىنتەبىر كۈنلىرىدە نامايىش قىلىپ، ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-09-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 'ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﯕﻠﯩﻘﻼﺭ' ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﺭﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 2009 - ﻳﯩﻠﻰ 3 - ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ "ﻳﯩﯖﻨﻪ ﻫﯘﺟﯘﻣﭽﯩﻠﯩﺮﻯ" ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 'ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﯕﻠﯩﻘﻼﺭ' ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﺭﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 2009 - ﻳﯩﻠﻰ 3 - ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ "ﻳﯩﯖﻨﻪ ﻫﯘﺟﯘﻣﭽﯩﻠﯩﺮﻯ" ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
Youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نامايىش قىلىشىىغا "زەھەرلىك يىڭنە ۋەقەسى"نىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى، "مىللىي بۆلگۈنچىلەر"نىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا "زەھەرلىك يىڭنە" بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، پۇقرالاردا ئەنسىزلىك پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن دائىرىلەرنىڭ "زەھەرلىك يىڭنە" توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا گۇمان قوزغىدى.

خىتاي ج خ مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇ يېقىندا ئۈرۈمچىدە بايانات ئېلان قىلىپ، "زەھەرلىك يىڭنە ۋەقەسى"نى ئۇيغۇرلارغا ئارتقان. بۇ ۋەقەنى 5" ‏- ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ داۋامى" دەپ تەكىتلىگەن مېڭ، زەھەرلىك يىڭنە بىلەن ھۇجۇم قىلىشنىڭ "بۆلگۈنچى كۈچلەر جەمئىيەتكە ئەنسىزلىك سېلىش ئۈچۈن پەيدا قىلغان قىلمىش" ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى ئاساس قىلىپ بەرگەن خەۋەرلىرىدە بولسا، ئۇرۈمچىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ "زەھەرلىك يىڭنە" ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئۆچ ئېلىش ئوبىكتى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تىرىشقان.

لېكىن چېگرا سىرتىدىكى مەتبۇئاتلارنىڭ بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "يىڭنە ۋەقەسى" گە بەرگەن چۈشەندۈرۈشى ۋە خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ۋەقەدىكى بىر تەرەپلىمىلىك خەۋەرلىرىدە نۇرغۇن گۇمانى نۇقتىلارنىڭ بارلىقىنى، خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە تەپسىلىي دىتاللارنىڭ تىلغا ئېلىنمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى كرىشتايىن ۋە ياڭ قانۇن مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ئادۋوكاتى نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى يۇمشىتىشتىكى زۆرۈر تەدبىرلەرنىڭ بىرى ئۇچۇر ئەركىنلىكى، پۇقرالارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى "يىڭنە ۋەقەسى"نى ئۇيغۇر " بۆلگۈنچىلەر"نىڭ پەيدا قىلغانلىقىغا دائىر تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، "زەھەرلىك يىڭنە ۋەقەسى" دە قولغا ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارغا ئائىت بەزى رەسىم ۋە سۈرەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى تارقاتقان. سۈرەتلىك كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرىدە خىتايلارغا يىڭنە سانجىپ تۇتۇلۇپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر ئۇيغۇر بالا بار. خىتاي تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا بۇ ئۇيغۇر بالىنىڭ يىڭنە ۋە ئوكۇللارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلغانلىقىنى ئاڭلاتقان.

خوڭكوڭدىكى "جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى" نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا "بۇ بالىنىڭ يىڭنە - ئوكۇللارنى قەيەردىن ئالغانلىقى ياكى بۇ بالىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە ئادەتلەنگەن بىرسى" ئىكەنلىكىگە دائىر تەپسىلىي دىتاللارنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى، "زەھەرلىك يىڭنە ۋەقەسى"گە دائىر بۇ دىلولارنىڭ تەپسىلىي دىتاللىرىنى تەرەپسىز ئېنىقلاشنىڭ قىيىنغا توختايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
 
شىنخۇا ئاگېنتلىقى بولسا "زەھەرلىك يىڭنە"دە يارىلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر بىمار بىلەن دوختۇرلار داۋالاۋاتقان بىر ئۆسمۈر بالىنىڭ رەسىمىنى تارقاتقان. "جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك گېزىتى" ئۇيغۇر ئىلىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋەزىيەتنى تىنجىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ تۈردىكى رەسىملەرنى ئېلان قىلىشى ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە زىت ھەرىكەت، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۇرى تۈركەل بولسا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك خەۋەر تارقىتىپ، رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر توقۇنۇشنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك گېزىتى" ئۇيغۇر ئىلىدە ئۇچۇرنى قامال قىلىش مىللەتلەر ئارىسىدىكى نەپرەت، قورقۇنچ ۋە ئۆسەك سۆزلەرنىڭ كەڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. كرىشتايىن ۋە ياڭ قانۇن مۇكلازىمەت شىركىتىدىكى نۇرى تۈركەل خىتاي ۋەزىيەتنى يۇمشاتماقچى بولسا، بىر تەرەپلىمىلىك خەۋەر تارقىتىشنى توختىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ئىززەت ھۆرمىتىگە دەخلى تەرۇز قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.

"جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى" دىكى خەۋەردە يەنە " ئۇچۇر كونترولى شىنجاڭدا نەپرەت، قورقۇنچ ۋە ئىغۋالارنىڭ كەڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمەلدارلارنىڭ ئەمىلىنى بىكار قىلىش، قولغا ئېلىش، ئاتالمىش گۇماندارلارنى سوتلاش زىددىيەتنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى، "ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكى" نى ئىلگىرى سۈرگەن.
 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت