تەيۋەندە «سېپىلسىز تۈرمە: ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى» تېمىسىدا بىر ئايلىق كۆرگەزمە باشلاندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019-10-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» ئورۇنلاشتۇرغان «سېپىلسىز تۈرمە: ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى» ناملىق بىر ئايلىق كۆرگەزمىنىڭ مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنى. 2019-يىلى 16-ئۆكتەبىر. تەيبېي، تەيۋەن.
«تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» ئورۇنلاشتۇرغان «سېپىلسىز تۈرمە: ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى» ناملىق بىر ئايلىق كۆرگەزمىنىڭ مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنى. 2019-يىلى 16-ئۆكتەبىر. تەيبېي، تەيۋەن.
Social Media

يېقىنقى يىللاردا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەركىتىنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم تەيۋەنلىك پائالىيەتچىلەر 2019-يىلى 1-سېنتەبىر كۈنى تەيبېي شەھرىدە «تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان ئىلغان ئىدى.

17-ئۆكتەبىر كۈنى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئادۋوكات خې چاۋدوڭ ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ 18-ئۆكتەبىردىن باشلاپ تەيبىي شەھرىدە «سېپىلسىز تۈرمە: ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى» ناملىق بىر ئايلىق كۆرگەزمە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە 16-ئۆكتەبىر كۈنى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنى ئاچقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

خې چاۋدوڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 18-ئۆكتەبىر كۈنى تەيبېي شەھرىدىكى «28-فېۋرال خاتىرە سارىيى» دا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، مەزكۇر كۆرگەزمە «تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» بۇ يىل 1-سېنتەبىر كۈنى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق چوڭ پائالىيىتى ئىكەن.

خې چاۋدوڭ ئەپەندى سۆزىدە نۇرغۇنلىغان تەيۋەنلىكلەرنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» ۋە «ئۇيغۇر» دېگەن ناملارنىڭ قەيەرنى ۋە كىمنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تېخىچە ياخشى بىلمەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كۆرگەزمىدە «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن ئاتالغۇ ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بىلىشىمىزچە، شەرقىي تۈركىستان ئىلگىرى مۇستەقىل دۆلەت بولغان. يەنى 1933-يىلى ۋە 1944-يىلى ئىككى قېتىم جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان. ئەمما تەيۋەندە ئادەتتىكى كىشىلەر پەقەتلا شىنجاڭ دېگەن ئىسىمنى بىلىدۇ. شۇڭا بىز ئۇلارغا بۇ ئاتالغۇنىڭ ئەسلىدە ‹شەرقىي تۈركىستان› دېگەن جاينى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، بۇ جاينىڭ ئەسلى يەرلىك ئاھالىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېزىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلدۇق.»

ئۇ كۆرگەزمىگە «سېپىلسىز تۈرمە: ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى» دېگەن نامنى ئىشلىتىشتىكى مەقسەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇش ۋەزىيىتىنى بىلدۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆزىنى ھازىر بىر چوڭ تۈرمە دېيىشكە بولىدۇ. بۇ جاي خىتاينىڭ 6 دىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەمما بۇ جاينى ھازىر سېپىلسىز تۈرمىنىڭ ئۆزى دىيىشكە بولىدۇ. ھازىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر لاگېرلارغا قامالدى. لاگېرغا قامالمىغانلارغا قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر مىليوندىن ئارتۇق خىتاي كادىرنى ‹قوشماق تۇغقان› نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئۆيىدىمۇ نازارەت ئاستىغا ئالدى. ‹مەسىلىسى بار› دەپ ئىنكاس قىلىنغانلارنى دۋاملىق لاگېرلارغا قاماۋاتىدۇ. ئاتا-ئانىلىرى لاگېرلارغا قامالغان بالىلار مەكتەپلەردە خىتاي ئوقۇتقۇچىلار ۋە خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ نازارىتىگە تاپشۇرۇلدى. بۇ ھەقتە خەۋەرلەر بېرىلمەكتە. ئۇلار ئاتالمىش ياتاقلىق مەكتەپلەردە مەجبۇرى خىتايلاشتۇرۇلىۋاتىدۇ.»

خې چاۋدوڭ ئەپەندى يەنە تەشكىلاتنىڭ مەزكۇر كۆرگەزمە ھەققىدە ئېچىلغان بايانات بېرىش يىغىنىدا نېمە ئۈچۈن «تەيۋەننىڭ تۆنۈگۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى خوڭكوڭ ۋە تەيۋەننىڭ ئەتىسى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەنلىكى ۋە بىر ئاي داۋاملىشىدىغان كۆرگەزمىنىڭ نېمە ئۈچۈن «تەيۋەن 28-فېۋرال خاتىرە سارىي» دا ئۆتكۈزۈلۈش بەلگىلەنگەنلىكى قاتارلىقلار مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ ئىزاھات بەردى: «بىز تەيۋەننىڭ تۆنۈگۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى دىيىشىمىزدە تەيۋەندە يۈز بەرگەن ‹28-فېۋرال قىرغىنچىلىقى› نى ۋە شۇندىن كېيىن ئاق تېرورلۇق ۋەزىيىتىنىڭ 38 يىل داۋاملاشقانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى بۇ يەردە ئۆتكۈزمەكچى بولدۇق. تەيۋەن 1945-يىلى ئاتالمىش جۇڭخۇا مىنگو تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن ھازىرغا قەدەر 70 نەچچە يىللىق مۇساپىنى باشتىن كەچۈردى. يەنى 1949-يىلدىن 1987-يىل 7-ئاينىڭ 15-كۈنىگە قەدەر تەيۋەن دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ھەربىي ھالەتنى باشتىن كەچۈردى. تەيۋەن خەلقى 38 يىللىق مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئاستىدا ياشىدى. 1947-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى، يەنى بۇندىن 72 يىل ئىلگىرى تەيۋەندە يۈز بەرگەن جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى قانلىق باستۇرۇلدى. ئەينى چاغدىكى ئۆلگەن ئادەملەر سانى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس. بۇ پاجىئە ئەلۋەتتە 2009-يىلدىكى ‹5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى› دىنمۇ ئېغىر. بىز ئەشۇ قىرغىنچىلىق خاتىرىلەنگەن ‹28-فېۋرال سارىيىدا› كۆرگەزمە ئېچىشىمىزدىكى مەقسەت ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئۇچراۋاتقان باستۇرۇلۇش ۋەزىيىتىنىڭ تەيۋەن خەلق ئىلگىرى باشتىن كەچۈرگەن پاجىئەلىك قىسمەتنىڭ تەكرارى ئىكەنلىكىنى تەيۋەن خەلقىگە بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۈگۈنكى پاجىئەنىڭ تەيۋەندە ۋە خوڭكوڭدا يۈز بېرىشى مۈمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر. تەيۋەنلىكلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش ‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم› ۋە ‹ئالىي ئاپتونومىيە› دېگەنلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە ئاقىۋىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر. ھازىر خوڭكوڭدا بولۇۋاتقان ئەھۋالمۇ ‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم› دېگەننىڭ قۇرۇق گەپ بىلدۈردى. ئاتالمىش ‹ئالىي ئاپتونومىيە› نىڭ يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. شۇڭا بىز تەيۋەنلىكلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، پەقەت ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى بولغاندىلا ئاندىن داۋاملىق باستۇرۇلۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلايمىز.»

تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى بولغان جۇ مېيلى خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بىر ئاي داۋاملىشىدىغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت رەسىم كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى تەكلىپ قىلىنىپ، مەخسۇس دوكلات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرىدىكەن شۇنداقلا تەيۋەنلىكلەرگە ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان پاجىئەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئاڭلىتىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت