تەيۋەندە ئۇيغۇرلار ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ئاڭلىتىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019-10-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى «سېپىلسىز تۈرمە: ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى» ناملىق كۆرگەزمىدىن كۆرۈنۈش.
«تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى «سېپىلسىز تۈرمە: ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى» ناملىق كۆرگەزمىدىن كۆرۈنۈش.
Social Media

ئۆتكەن ھەپتە «تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ 18-ئۆكتەبىردىن 18-نويابىرغىچە تەيبېي شەھىرىدە بىر ئايلىق «سېپىلسىز تۈرمە: ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى» ناملىق بىر ئايلىق كۆرگەزمە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە رادىيومىزدا خەۋەر بېرىلگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە 20-ئۆكتەبىردىن باشلاپ مەزكۇر تەشكىلات ۋە «تىبەت دوستلار تەشكىلاتى»، «تىبەت پاراۋانلىق تەشكىلاتى» قاتارلىقلارنىڭ ھەمكارلىقىدا يەنە ئۇيغۇرلار ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدە بىرقانچە باسقۇچلۇق دوكلات بېرىش پائالىيەتلىرىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

«تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى بولغان جۇ مېيلى خانىم ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تەيۋەندىكى «تىبەت دوستلار تەشكىلاتى» نىڭمۇ رەھبەرلىرىدىن بىرى.

ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «سېپىلسىز تۈرمە: ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى» ناملىق بىر ئايلىق كۆرگەزمە پائالىيىتى جەريانىدا يەنە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى تەكلىپ قىلىنىپ، مەخسۇس ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئاپتونومىيە سىياسىتى ۋە بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم سىياسىتى تېما قىلىنغان بىرقانچە قېتىملىق دوكلات بېرىش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

«تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئادۋوكات خې چاۋدوڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 20-ئۆكتەبىر باشلانغان بىر ھەپتىلىك دوكلات بېرىش پائالىيىتىدە «ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى» نىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى قاتارلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار 20-ئۆكتەبىر، 22-ئۆكتەبىر، 23-ئۆكتەبىر ۋە 26-ئۆكتەبىر كۈنلىرى مەخسۇس ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ بىر ھەپتىلىك دوكلات بېرىش پائالىيىتىدىكى ئۆزىنىڭ دوكلات تېمىلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە 20-ئۆكتەبىردىكى «خىتايدا بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم ۋە ئاپتونومىيەدىن ئۈمىد بارمۇ؟» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى خوڭكوڭدىكى نامايىش ۋە تەيۋەننىڭ تەقدىرى قاتارلىقلار مۇنازىرە تېمىسى بولغان. ئىلشات ئەپەندى 20-ئۆكتەبىر «ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇر خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ بۈگۈنگە كېلىشى» تېمىسىدا، 22-ئۆكتەبىر كۈنى «ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلام ئېتىقادى ۋە خىتاينىڭ تېررورىزىمنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىۋاتقانلىقى» تېمىسىدا، 23-ئۆكتەبىر «ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە قانداق بولۇپ بۇ ئەھۋالدا قالدى؟» قاتارلىق تېمىلاردا دوكلات بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۆزىنىڭ 20-ئۆكتەبىر ۋە 22-ئۆكتەبىر كۈنلىرى بېرىلگەن دوكلاتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ كۈنلەردىكى دوكلاتىنىڭ يىغىن مەيدانىدىكى ئاساسىي مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغانلىقى ۋە يىغىنغا قاتناشقان تەيۋەنلىك ياشلارنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتالمىش ئاپتونومىيە تۈزۈمى ۋە بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم ۋەدە قىلىنغان خوڭكوڭنىڭ نارازىلىق نامايىشى داۋاملىشىۋاتقان بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنىڭ ئاساسىي مۇنازىرە تېمىسى قىلىنىپ، بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزىدىن كۆپلىگەن سوئاللار سورالغانلىقىنى بىلدۈردى.

«تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئادۋوكات خې چاۋدوڭ ئەپەندى 22-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى دوكلات بېرىش پائالىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلام ئېتىقادى ۋە خىتاينىڭ تېررورىزمنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىۋاتقانلىقى» تېمىسىدا بېرىلگەن دوكلاتىنىڭ يىغىنغا قاتناشقان تەيۋەنلىك ياشلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى دوكلاتقا قاتناشقانلار خېلى كۆپ بولدى دەپ قارايمەن، يىغىن زالىمىزدا ئاساسەن ئورۇن قالمىدى. نۇرغۇنلىغان ياشلار كېلىپ يىغىنغا قاتناشتى. ئۇلار ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ، كۆپ ھاسىلاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. ئۇلار بايانىدا تەيۋەندە ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تەيۋەندە ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغان ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلارنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇلار، ئىلشات ئەپەندىنىڭ دوكلاتىدىن ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە يېڭى تونۇشقا ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئىلشات ئەپەندىمۇ ئۆز بايانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ۋە قىرغىن قىلىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئېتىقادى سەۋەبىدىن ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر بولغانلىقىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مانا بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقانلارنى مەدەنىيەت يوق ئۇتۇش ھەرىكىتى دېيىشكە بولىدۇ. سوئاللارمۇ مۇشۇ نۇقتىدا كۆپ سورالدى.»

«تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى بولغان جۇ مېيلى خانىممۇ ئىككى قېتىملىق دوكلاتتا «ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئاپتونومىيە سىياسىتى» نىڭ ئالدامچىلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. )ئاۋاز(

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت بولدى دەپ قارايمەن. چۈنكى تەيۋەنلىكلەر ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ. چۈنكى بىز ‹سېپىلسىز تۈرمە: بۈگۈنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى› ناملىق كۆرگەزمە پائالىيىتىنى باشلىغاندىن بۇيان نۇرغۇن كىشىلەر كېلىپ كۆرگەزمىنى كۆردى، قىسقىغىنە نەچچە كۈن ئىچىدىلا پائالىيەتنى قوللاپ ئىئانە قىلغانلارمۇ ئىنتايىن كۆپ بولدى. يىغىنغا قاتناشقان تەيۋەنلىك ياشلارمۇ ئىنتايىن كۆپ بولدى. يىغىنغا قاتناشقان تەيۋەنلىك ياشلار بۈگۈن ئىلشات ئەپەندىنىڭ دوكلاتىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقىلا ئەمەس بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا ئوخشىمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقى سەۋەب بولغانلىقى، ئۇيغۇرلارغا ۋەدە قىلىنغان ئاتالمىش ئاپتونومىيە سىياسىتىنىڭ ئالدامچىلىق ئىكەنلىكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلارغا ئېرىشتى. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز خەلقىگە ئەركىنلىك بەرمىگەن ئەھۋالدا قانداقمۇ باشقا مىللەتلەرگە باراۋەرلىك بەرسۇن؟ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى شۇنى ئىسپاتلاپ بەردى دېسەك بولىدۇ.»

جۇ مېيلى خانىم يەنە ئۆزىگە ئوخشاش كۆپلىگەن تەيۋەنلىكلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاتالمىش «بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم» ناملىق ئالدامچىلىق سىياسىتىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ قارىشىمچە ئەمەلىيەتتە خوڭكوڭدا داۋاملىشىۋاتقان نارازىلىق نامايىشى خەلقئاراغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم› سىياسىتىنىڭ ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى تونۇتتى دېيىشكە بولمايدۇ. مېنىڭچە ماڭا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان تەيۋەنلىكلەر ئاتالمىش ‹بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم›، نى قوبۇل قىلمىدى، ھەم بۇندىن كېيىنمۇ قوبۇل قىلمايدۇ. چۈنكى تەيۋەندە گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدىلا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى خىتاي كومپارتىيەسىنى چوڭ قۇرۇقلۇقتىن قوغلاپ چىقىرىشنى نىشان قىلغان، جىياڭ جىنگو دەۋرىدىلا تەيۋەندە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدىكى تونۇش ئېنىق ئىدى. كومپارتىيەنىڭ بۇ خىل ئالدامچىلىق سىياسىتى تەيۋەنلىكلەر ئۈچۈن ئاساسىي مۇنازىرە تېمىسى ئەمەس.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت