«تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى ئەسلەتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-06-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
4 ‏ - ﺋﯩﻴﯘﻥ ﺗﻴﻪﻧﺌﻪﻧﻤﯧﻦ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻟﻮﮔﻮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
4 ‏ - ﺋﯩﻴﯘﻥ ﺗﻴﻪﻧﺌﻪﻧﻤﯧﻦ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻟﻮﮔﻮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA

«تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نىڭ 30 يىللىقى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 31-34 يىللىقىنى ئەسلەتتى.

1989-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسىي جايلىرىدا ئوخشىمىغان شەكىللەردە خاتىرىلىنىۋاتقانلىقى، ھەتتا خىتايدا قاتتىق قامالغا قارىماي 60 تىن ئارتۇق شەھەردە بۈگۈن خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكى مەتبۇئاتلاردا ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇندىن 30 يىل ئىلگىرى «تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن چەتئەلگە قېچىپ چىققان 400 دىن ئارتۇق خىتاي زىيالىيلىرى بۇنىڭ «قانلىق قىرغىنچىلىق» بولغانلىقىنى ئۆز زامانىدا ئىسپاتلىغان ئىدى. بۇ ۋەقە سەۋەبلىك غەرب ئەللىرى خىتايغا قارىتا «قورال-ياراغ ۋە يۇقىرى تېخنىكا ئېمبارگوسى» يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، خىتاي ھاكىمىيىتى تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئوقۇغۇچىلار ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىزچىل يوشۇرۇپ كەلگەن ئىدى. بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ باستۇرۇشتا ئۆزىنى ھەقلىق كۆرسىتىدىغان تەلەپپۇزدا مەيدانىنى ئىپادە قىلدى.

2-ئىيۇن كۈنى خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې سىڭاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن «ئاسىيا خەۋپسىزلىك يىغىنى» دا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى ئاقلاپلا قالماي، «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» گە قارىتا «مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ قالايمىقانچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرى توغرا، بۇ خىتاينى مۇقىم تەرەققىيات بىلەن تەمىنلىدى» دېيىش ئارقىلىق تيەنئەنمىندىكى قىرغىنچىلىقنى ئاقلىدى.

3-ئىيۇل خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بېيجىڭدا «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر قالغاندا «خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغان 70 يىلدا قولغا كەلتۈرگەن بۈيۈك نەتىجىلەر خىتاي تاللىۋالغان تەرەققىيات يولىنىڭ تامامەن توغرىلىقىنى دەلىللەيدۇ» دېيىش ئارقىلىق بۇ باستۇرۇشنى ھەقلىق كۆرسەتتى.

تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن 3-ئىيۇن تەيبېيدا «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە قىلغان سۆزىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» گە بولغان سەلبىي قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، خىتايدا دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قەدىمىنى بېسىشقا، شۇندىلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقئارادا قىلغان سۆزىنىڭ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ئۆركەش دۆلەت بولسا بىرقانچە كۈندىن بۇيان مەتبۇئاتلارغا قىلغان سۆزىدە شۇ قېتىمقى قانلىق قىرغىنچىلىقتا جېنىدىن ئايرىلغان ئوقۇغۇچىلارنى ھەرگىز ئۇنتالمايدىغانلىقىنى، خىتاي خەلقىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىدىن بۇ تۆكۈلگەن قانلارنىڭ ھېسابىنى ئالىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ كەلدى.

ھالبۇكى، «تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» ھەرگىزمۇ چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى تىلغا ئېلىۋاتقاندەك خىتايدىكى «يېڭى دېموكراتىك ھەرىكەتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى» ئەمەس، بەلكى داۋامىدۇر. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ۋە شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيەلەرنى ئىستىلا قىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى خىتايدا ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1985-يىلى 12-دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچىدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەبىت سىياسىتىگە قارشى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىنى سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشكە مەجبۇرلىغان. بۇ ھەرىكەت خىتاي ۋە ئۇنىڭ مۇستەملىكە رايونلاردا بارلىققا كەلگەن تۇنجى دېموكراتىك ھەرىكەت بولۇپ، ئۇنىڭ تەسىرى پۈتۈن خىتايغا يېتىپ بارغان.

1988-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچىدە 2-قېتىملىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ زور نامايىشى يۈز بەرگەن. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا قۇرۇلغان، د ئۇ ق نىڭ بۈگۈنكى رەئىسى دولقۇن ئەيسا رەئىسلىكىدىكى «ئىستۇدېنتلار پەن-مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى» تەشكىللەنگەن بۇ قېتىمقى نامايىشمۇ يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى سۆھبەت ئۈستىلىگە قىستىغان ھەمدە پۈتۈن خىتايغا تەسىر كۆرسەتكەن. مەزكۇر نامايىش 1989-يىلى 6-ئايدا باشلانغان «تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» دىن بىر يىل ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، نامايىشنىڭ تەسىرى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە قەدەر يېتىپ بېرىپ، ئىچكىرى خىتايدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ماسلىشىپ نامايىش ئېلىپ بارغان.

گېرمانىيەدە ياشايدىغان جەنۇبىي موڭغۇلىيە مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىلى تەمسىلتو ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيەلەردە دۆلەت تېررورى سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان بولۇپ، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» باھانىسىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرى بۇ ھاكىمىيەتنىڭ چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى ئېيتقاندەك دېموكراتىك ھەرىكەت ئارقىلىق ئاغدۇرۇلۇشى مۇمكىن ئەمەسكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي دېموكراتلىرى خىتايدىكى مەسىلىلەرنى تىنچلىق ۋاسىتىلىرىگە تايىنىپ ھەل قىلىشنى تەكىتلەشمەكتە. بىزمۇ زوراۋانلىقنى تەۋسىيە قىلمايمىز. ئەمما زوراۋانلىق بىزلەردىن، يەنى موڭغۇللاردىن ئۇيغۇرلاردىن، تىبەتلەردىن ئەمەس، بەلكى خىتاي ھاكىمىيىتىدىن كېلىۋاتىدۇ. تىبەتتە قانچىلىغان ئادەملەر دۈشمىنىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈردى. ئەپسۇسكى، بۇنىڭ ھېچنېمىگە پايدىسى بولمىدى. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، موڭغۇلللار ئۈستىدىكى زۇلۇمنى بارغانسېرى ئاشۇرماقتا، ھەتتا مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىپ تاشلاش قەدىمىنى باسماقتا. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ‹تيەنئەنمېن ۋەقەسى› گە ئوخشاش دېموكراتىك ھەرىكەتلەردىن نەتىجە كۈتۈش بىھۇدە قۇربان بېرىش ھېسابلىنىدۇ.»

1988-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىغا ئىشتىراك قىلغان، ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى 2018-يىلى 6-ئايدا گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە جەم بولۇپ، شۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ 30 يىللىقنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن «سەپداشلار ئۇچرىشىشى» پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت