دۈشەنبە كۈنى تىبەتتىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدار دالاي لامانى خىتاينىڭ دۈشمەنلىرى: ئىسلامچى بۆلگۈنچىلەر ۋە بىدئەت فالۇنگوڭچىلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، بېيجىڭنىڭ تىبەت ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى ئاجىزلاشتۇرماقچى بولدى دەپ ئەيىبلىدى.
شىنخۇا ئاخبارات تورىدا ئاشكارىلىنىشىچە، تىبەت رايونلۇق پارتكومنىڭ باش سېكرېتارى جاڭ چىڭلى ئاگاھلاندۇرۇپ: " تەيۋەنلىك مۇستەقىلچىلار، شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى، دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرى ۋە فالۇنگوڭچىلار بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ، ۋەتەننى پارچىلايدىغان ئىتتىپاق تۈزمەكچى بولدى" دەيدۇ.
جاڭ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "دالاي گۇرۇھى ئېلىمىز تېررىتورىيىسى ئىچىگە سوقۇنۇپ كىرىپ، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەت مەركىزىنى ۋەتەن ئىچىگە يۆتكەشكە ئۇرۇندى".
بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى، خىتاي دائىرىلىرى، باشقا چەتئەل دۆلەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ، دالاي لامانى رەسمىي كۈتۈۋالماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. نەتىجىدە ئۇ بىلگىيەگە قىلغان سەپىرىنى ئەمەلدىن ئالدۇرغان ھەمدە ئۇ كېلەر ئايدا ئاۋسترالىيىدە قىلماقچى بولغان بىر ھەپتىلىك زىيارەتمۇ ئوخشاش بېسىملارغا دۇچ كەلگەن ئىدى.(جۈمە)