ئاۋسترالىيە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دالايلامانىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلماسلىق تەلىپىنى رەت قىلدى

2007-06-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاۋسترالىيە مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە دالايلامانىڭ 11 كۈنلۈك زىيارىتىنى قارشى ئېلىشنى قارار قىلغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بۇ مەسىلىدە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى قايسى دۆلەت دالايلامانىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلسا ئۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، قارشى تۇرۇپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىلىرىغا ئارىلىشىپ كېلىۋاتىدۇ.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ كانبېرادىن خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالېكساندىر داۋنېر بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ، دالايلامانىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتىگە قارىتا ئىپادىلىگەن قارشىلىقىنى رەت قىلىپ ,"دالايلاما دۇنيادىكى دىنىي داھىيلارنىڭ بىرى، ئاۋسترالىيە ئۇنىڭ ئوبرازىنى ھۆرمەتلەيدۇ. دالايلاما قاچان كەلسە، ئاۋسترالىيە ئۇنى قارشى ئېلىۋىرىدۇ. باش مىنىستىرىمىز جوھن خاۋوردمۇ جۈمە كۈنى دالايلاما بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييارلىق كۆرمەكتە" دېگەن. (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت