تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما سەيشەنبە كۈنى يېڭى زېلاندىيىدە زىيارەتتە بولدى

2007-06-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما، سەيشەنبە كۈنى يېڭى زېلاندىيىدە زىيارەتتە بولدى. دالاي لاما، يېڭى زېلاندىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىنىستون پىتېرس بىلەن قىسقا سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئۆكتىچى پارتىيىلەردىن يېشىللار پارتىيىسى ھەمدە خەلق پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشتى. ئىككى پارتىيە يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭغا باش ئەگدى دەپ ئەيىبلىدى.

دالاي لاما، يېڭى زېلاندىيىنىڭ دۆلەتلىك مۇخبىرلار سارىيىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ مۈستەقىللىق تەلەپ قىلمايدىغانلىقىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋىرىنىڭ بارلىقىنى، تىبەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ناچارلىقى تۈپەيلى ئۆزلىرىنىڭ مۈستەقىللىق ۋە بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىپ قىلمايدىغانلىقىنى، تىبەتنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاستىدا بولۇشى، تىبەتلەر ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دالاي لاما سۆزىدە يەنە، ئۆزلىرىنىڭ ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ ئىنتايىن قاتتىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دالاي لاما ئۆتكەن ھەپتە ئاۋسترالىيىنى زىيارەت قىلىپ، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى جون خوۋارد بىلەن ئۇچراشقاندا بېيجىڭ تەرەپنىڭ قاتتىق نارازىلىقى قوزغالغان ئىدى. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت