دالاي لاما خىتاينى، "تېررورلۇق بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان بىر ساقچى دۆلىتى،" دەپ ئەيىبلىدى

2008-03-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىر نەچچە يىلدىن بېرى، تىبەت مەسىلىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى ئۈچۈن "ئوتتۇرا يول" نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى يۇمشاق بىر پوزىتسىيىدە بولۇپ كەلگەن تىبەتلەرنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لاما، يېقىندا تىبەتتە يۈز بەرگەن قوزغىلاڭدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراتقان تەنقىدلىرىنى كۈچەيتتى.

دالاي لاما، شەنبە كۈنى، ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى، تىبەتكە خىتاي كۆچمەنلىرى يۆتكەش ئارقىلىق، تىبەتلەرنى ئۆز ۋەتىنىدە ئاز سانلىق مىللەت ئەھۋالىغا چۈشۈرۈشكە ھەمدە تىبەت مەدەنىيىتىنى يوقۇتۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلەپ، خىتاي دۆلىتىنى "تېررورلۇق بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان بىر ساقچى دۆلىتى" دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دالاي لاما باياناتىدا شۇنداقلا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبىدىن، مۇقىمسىزلىق گىردابىغا چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان.

تىبەتنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى خەلقئارا جامائەتنى، تىبەتتىكى قالايمىقانچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ياردەمگە چاقىرىپ،" بىزدە ئادالەت، ھەقىقەت ۋە سەمىمىيەتتىن ئۆزگە قورال يوق، ئۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتنى ياردەمگە چاقىرىمەن " دېگەن.

دالاي لاما جۈمە كۈنى، خىتاي خەلقىگە مۇراجەت قىلىپ، ئۇلارنى تىبەت مەسىلىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا ياردەم بېرىشكە چاقىرغان ئىدى. (ئۆمەر قانات)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت