خىتاي ئىسلاندىيىلىك ناخشا چولپىنى بجوركنى ئەيىبلىدى

2008-03-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ئىسلاندىيىلىك ناخشا چولپىنى بجوركنىڭ شاڭخەي شەھىرىدىكى بىر كونسېرت زالىدا ئويۇن قويۇۋېتىپ " مۇستەقىللىق ئېلانى" دېگەن ناخشىنى ئېيتقانلىقى ۋە تىبەتنى كۈيلىگەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇردى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن چەتئەللىك سەنئەتچىلەرنىڭ پائالىيىتىگە تېخىمۇ قاتتىق چەكلىمە قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تور بېتىدە ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بجوركنى "جۇڭگو قانۇنىنى بۇزۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەردى " دەپ ئەيىبلىگەن. بجورك ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى شاڭخەيدىكى بىر كونسېرت زالىدا ئويۇن قويۇپ، ئويۇننىڭ ئاخىرقى نومۇرىدا "مۇستەقىللىق ئېلانى"دېگەن ناخشىنى ئېيتقان ۋە ناخشا ئارىسىدا " تىبەت، تىبەت"دەپ خىتاپ قىلغان ئىدى. بجوركنىڭ كونسېرت جەريانىدا كىيگەن كۆينىكى دىققەت قوزغىغان بولۇپ، كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتلەس كۆينەك كىيىپ " تىبەت" نى كۈيلىگەنلىكىگە چوڭقۇر سىياسىي مەنا يۈكلىمەكتە.

خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا " تىبەتنى مۇستەقىل دۆلەت، دەپ ئېتىراپ قىلىدىغان دۆلەت يوق " دەپ كۆرسەتتى. بجورك "مۇستەقىللىق ئېلانى" دېگەن بۇ ناخشىنى بۇرۇن باشقا ئەللەردىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى قوللاش مەقسىتىدە ئېيتقان، 2 ‏ - ئايدا ياپونىيىدىكى بىر كونسېرتتا بۇ ناخشىنى ئورۇنلاپ، كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى مەدھىيىلىگەن، 1996 ‏ - يىلى سان - فرانسىسكودا تىبەتلەرنى قوللاش كونسېرتىغا قاتناشقان ئىدى.

پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئىسلاندىيە پايتەختى رىجاۋىكتىكى باش ئەلچىخانىسى بجوركنىڭ ھەرىكىتىنى تەنقىدلىدى. لېكىن بجورك ئۆزىنىڭ شەخسى تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا "زومىگەر دۆلەتلەر بىلەن بولغان كۈرەش دائىم مېنىڭ ھۆرمىتىمگە سازاۋەر. مەن ھەر بىر شەخس ياكى دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن "دەيدۇ. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت