سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى، تىبەتتە مەدەن ئېچىشقا قارشى تۇردى

2005-01-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كانادا كان شىركىتى بىلەن ئىنتېر - سىتىك كان شىركىتى، خىتاي تەرەپنىڭ تەكلىبىگە بىنائەن خىتاينىڭ غەربىي رايونلىرىدا ئالتۇن ۋە مىس كان ئېچىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە بۇ خىتاينىڭ شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان غەرب ئېچىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، چىڭزاڭ ئىگىزلىكى ئەسلىدە كانادا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كان مەبلەغچىلىرىنىڭ قېزىش ئېلىپ بېرىش نىشانلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

زامانىۋى ئۈسكۈنىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى خىتاي ئىشلىرى ئانالىزچىسى رېنچېن جاشى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

رېن چېن جاشى ئەپەندى مۇنداق دەپ بىلدۈردى: "مېنىڭچە، چىڭزاڭ ئىگىزلىكىدە كان ئېچىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسىگە شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى بايلىق پەرقىنى كىچىكلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتكە زىت بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى 80 - يىللىرى ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، تىبەتنىڭ چەت چۆللىرىگە ۋە يايلاقلىرىغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۆپلەپ كىرگۈزدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي دېھقانلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار قوللىرىدىكى ئاددى قوراللىرى بىلەن تىبەتنىڭ ئالتۇن ۋە مىسقا ئوخشاش بايلىقلىرىنى قازدى. بۇنىڭ نەتىجىسى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا ئىنتايىن سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى. ئەمدى چەتئەل كان شىركەتلىرىنىڭ قېزىش ئېلىپ بېرىشى يۇقىرىقى تەسىردىنمۇ ئېغىر بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار كان ئېچىش ئۈچۈن ئىلغار تىپتىكى قوراللارنى ئىشلىتىدۇ. ئەلۋەتتە دېھقانلارنىڭ گۈرجەك جوتۇلىرىدىن چەتئەللىكلەر قوللانغان زامانىۋى قوراللارنىڭ زېمىن مۇھىتىغا ئېلىپ كېلىدىغان بۇزغۇنچىلىق تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ"

ئالاھىدە رايون

ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلىپ، دوكلاتتا مۇھىت مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن. مەزكۇر مۇتەخەسسىسى سۆزىدە مۇنداق دىگەن: "تىبەت ، خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشىمايدۇ، يەنى باشتا مۇھىتنى بۇزۇپ كېيىن ئوڭشىۋالغىلى بولىدۇ دېيىش تۈپتىن خاتا. تىبەتنىڭ مۇھىت شارائىتى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ھامان، ئۇنى مەڭگۈ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ".

رېن چېن جاشى ئەپەندى يەنە يۇقىرىدا ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىت مۇتەخەسسىسى بىلەن قارىشىنىڭ تامامەن بىردەك ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تەسىرى چوڭ

رېن چېن جاشى سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: "تىبەت ئىگىزلىكى يەنى خىتاي تەرىپىدىن چىڭزاڭ ئىگىزلىكى دەپ ئاتالغان بۇ زىمىننىڭ قالايمىقان قېزىلىشى يالغۇز تىبەت، خىتاينىڭ ئېكېلوگىيىلىك مۇھىتىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن بەلكى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئېكېلوگىيىلىك مۇھىتىغىمۇ ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى چىڭزاڭ ئىگىزلىكى ھىمالايا تېغى شۇنداقلا جۇمۇلاڭما چوققىسى بىلەن بىر خىل جۇغراپىيىلىك ئىقلىمغا مەنسۇپ بولۇپ، چىڭزاڭ ئىگىزلىكىنىڭ زەربىگە ئۇچرىشى قورقۇنۇشلۇق تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە يول ئاچىدۇ، بۇ ئىنسانىيەت دۇنياسى ئۈچۈن زىيانلىق".

سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ، تىبەتنىڭ مۇھىتى ھەققىدە توختالغان دوكلاتىدا يەنە مۇنداق دىيىلگەن: "ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، نۆۋەتتە كانادانىڭ كانچىلىق شىركەتلىرى، خىتاي تەرەپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېلىشىملەرگە قول قويغان، بىراق بۇ ھەقتە قانۇنىي رەسمىيەتلەرنى تېخى تولۇق بېجىرىپ بولمىغان".

بىراق كانادا شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، ئۆز شىركىتىنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدە، ئالتۇن ۋە مىس كان ئېچىش كېلىشىمنامىسىنىڭ، خىتاي ۋە كانادا ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن رەسمىي يوسۇندا تەستىقلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ھەتتا كان قېزىش ئورنىنىڭ لاسانىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 240 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايغا جايلاشقانلىقىنى، مۆلچەرلەشلەرگە قارىغاندا قېزىش خىزمىتىنىڭ بۇ يىل رەسمىي باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ چىڭزاڭ ئىگىزلىكىنىڭ 2 مىليون 500 مىڭ كۋادىرات كىلو مېتىر كەڭلىكتىكى زېمىننى كان ئېچىش نىشانى قىلىپ بەلگىلىشى يەنى خىتاي ۋە ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ دەريا ۋە ئېقىنلىرىنىڭ باش مەنبەسى بولغان، بىراق چىڭزاڭ ئىگىزلىكىدە كان ئېچىش پەقەت شۇ زىمىنغىلا تەسىر يەتكۈزمەستىن، ھەتتا پۈتۈن يەر شارىنىڭ ھاۋا كېلىماتىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت