لخاسادا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى

2008-03-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلىنغان قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە قارىماي، تىبەتتىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن، تىبەتنىڭ پايتەختى لخاسا شەھىرىدە تىبەتلەر يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.

نامايىشنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تىبەت بۆلۈمىگە خەۋەر قىلىشىچە، نامايىش لخاسا شەھىرىنىڭ مەركىزى بېيجىڭ كوچىسى ئەتراپىدا باشلانغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى تىبەتلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان لخاسا شەھىرىنىڭ بارخور، كامكۈنساڭ ۋە راموچە رايونلىرىنى شۇنىڭدەك جوكاڭ بۇتخانىسىنى پۈتۈنلەي قامال قىلغان.

مەركىزى ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىدىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى تېنزىن تاكلا، رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا،" شەنبە كۈنى لخاسادا ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكىتىگە قانچىلىك كىشىنىڭ قاتناشقانلىقى مەلۇم ئەمەس، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن چەتئەللىك دىپلوماتلار لخاسانى زىيارەت قىلغان كۈنى ئىلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشقا نۇرغۇنلىغان ئادامنىڭ قاتناشقانلىقى پەرەز قىلىنماقتا" دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن لخاسا نى زىيارەت قىلغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ياخشى يۆنۈلۈشكە قاراپ تاشلانغان تۇنجى قەدەم دەپ تەبىرلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن، ئۇلارنىڭ زىيارىتىگە چەكلىمە قويماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، 27 - مارت كۈنى چەتئەللىك مۇخبىرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن لخاسادىكى جوكاڭ بۇتخانىسىنى زىيارەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە، مەزكۇر بۇتخانىدىكى تىبەتلىك بۇددىست راھىبلار، تىبەتكە ئەركىنلىك، تىبەتلەرگە دىنىي ئەركىنلىك دەپ شۇئار توۋلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا جامائەتكە تىبەتتىكى ۋەزىيەتنى تۇراقلىق ۋە تىنچ كۆرسىتىش ئارزۇسىنى بىت-چىت قىلغان ئىدى. (ئۆمەر قانات)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت