غەرب ئەللىرى خىتاينى لخاسادىكى توقۇنۇشتا خىتاينى كۈچ ئىشلەتمەسلىككە چاقىردى

2008-03-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تىبەت نامايىشچىلىرى بىلەن خىتاي قوراللىق قىسىملىرى ئارىسىدا پارتلىغان لخاسادىكى توقۇنۇش غەرب ئەللىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن نامايىشچىلارغا قورال كۈچى ئىشلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلدى. فرانسىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى كوچىنېر، جۈمە كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەتنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقى 8 - ئايدا ئېچىلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارىتا تەدبىر قوللۇنۇش پىكىرىدە بولمىدى.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بېيجىڭدىكى ئامېرىكا باش ئەلچىسى خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى، نامايىشچىلارغا قورال كۈچى ئىشلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا پرېزىدېنت ئىشخانىسى ئاقساراي بولسا بېيجىڭنى " تىبەت مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش"قا ئۈندىدى.

بريۇسسېلدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى گولدېن بروۋېن، "ۋەقەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار بىزنى ئەندىشىگە سېلىۋاتىدۇ،" دىدى. ئۇ يەنە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ، خىتايغا " نارازىلىقنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك" ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بولسا تىنچ نامايىشلارغا يول قويۇلۇشنى تەلەپ قىلدى. گېرمانىيە تاشقى ئىشلار باياناتچىسى،فېدېرال ھۆكۈمەتنىڭ لخاسادىكى ۋەزىيەتنى ئەندىشە بىلەن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ،"تەرەپلەر كۈچ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك،" دەپ ئەسكەرتتى ھەم " بىزنىڭ نەزىرىمىزدە تىنچ نامايىش پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ قانۇنى يوللاردا ئىپادىلىنىشىدۇر،" دەپ كۆرسەتتى.

تىبەت روھانى داھىيسى دالاي لاما جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تىبەت ۋەزىيىتىدىن " چوڭقۇر ئەندىشە" قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاي دائىرىلىرىدىن نامايىشچىلارغا قورال كۈچى ئىشلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلدى. ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا جۈمە كۈنى خىتاي ساقچىلار بىلەن تىبەت نامايىشچىلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 2 تىبەت پۇقراسى ئۆلگەن. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت