خىتايدىكى نامايىشچىلار ياپونىيىدىن دالاي لاماغا ۋىزا بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلدى

2004-12-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدىكى بىر قىسىم نامايىشىچىلار پەيشەنبە كۈنى ياپونىيىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لاماغا ۋېزا بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلدى. ھەمدە ياپونىيىنىڭ سابىق تەيۋەن پرىزېدېنتى لى دىڭخۈيگە ۋېزا بەرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 40 تىن ئارتۇق كىشى نامايىش جەريانىدا لى دىڭخۈينىڭ سۈرىتىنى ئوت قۇيۇپ كۆيدۈرگەن.

ئەزەلدىن ھەر خىل نامايىشچىلارغا تاقەت قىلالمايدىغان خىتاي ھۆكۈمىتى ، بۇ قېتىمقى نامايىشقا يول قويغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، "خىتاي تەرەپ، لى دىڭخۈينىڭ ياپونىيىدىكى زىيارىتىنى يېقىندىن كۆزىۋاتىدۇ" دەپ بىلدۈرگەن. ھەمدە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لامانىڭ ياپونىيە زىيارىتى ھەققىدىكى خەۋەرنى چۈشەندۈرىشىنى تەلەپ قىلغان.

يېقىندا ياپونىيىنىڭ، مۇستەقىللىقنى ياقلايدىغان سابىق تەيۋەن پېرزىدېنتى لى دىڭخۈينىڭ زىيارىتىگە يول قويۇشى ۋە ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزومىنىڭ توكيودىكى ئۇرۇش قەھرىمانلىرى قەۋرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىشى سەۋەبىدىن ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەن ئىدى.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا قارشىلىقىغا قارىماستىن، تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى لى دىڭخۈيگە ۋېزا بېرىپلا قالماستىن، يەنە تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاماغا ۋېزا بېرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دالاي لاما كىلەر يىلى 4 - ئايدا ياپونىيىنى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىماقتا. (ئارزۇ)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت