سىچۈەننىڭ گەنزى رايونىدىكى لامالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى دەخلىگە ئۇچرىماقتا

2007-12-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى، بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ ئاز قالغىنىغا قارىماي يەنىلا كىشىلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە دەخلى يەتكۈزمەكتە .

خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا چىقىدىغان 4 ‏- ئىيۇل تيەنئەنمېن ۋەقەسى تور بېتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، سىچۈەن گەنزى ئوبلاستلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەرگە قاراتقان كونتروللۇقى ئالاھىدە كۈچەيتىلگەن بولۇپ، ھۆكۈمەت خادىملىرى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ 18 ياشقا كىرمىگەن تىبەت ياشلىرىنىڭ لاما بولۇشىنى چەكلىگەن شۇنىڭدەك نۇرغۇن بۇدخانىلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ كىچىك لامالارنى بۇدخانىدىن قوغلاپ چىقارغان.

گەنزى ئوبلاستى بەييۈ ناھىيىسىدىكى بىر لامانىڭ 4 ‏- ئىيۇل تيەنئەنمېن ۋەقەسى تور بېتىگە بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت يېقىندا 18 ياشقا توشمىغان 13 نەپەر كىچىك لامانى، بۇدخانىدىن مەجبۇرىي قوغلاپ چىقارغان. تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئۆرپ ‏- ئادىتى بۇيىچە بالا لامالار كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا بۇدخانىغا كىرىپ بۇددىست بىلىملىرى ئىگىلەيدىكەن. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت بالىلىرىنى 18 ياشقا كىرمىگىچە بۇدخانىغا كىرەلمەيدىغان قىلىپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى توسىغان. بۇنىڭدىن سىرت يەنە لامالارنىڭ ھىندىستاننىڭ دارامسالادىكى تىبەت سۈرگۈن ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار ‏- يوقلۇقى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئۆز پۇقرالىرىنى دىنىي ئەركىنلىكتىن تولۇق بەھرىمەن بولماقتا دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەر قايسى دىن مۇرىتلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى ئىزچىل تۈردە چەكلەپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى دىنىي رادىكال كۈچلەر دېگەن قالپاق بىلەن ئەيىبلەپ، تۈرمىلەرگە تاشلىغاندىن سىرت ھەتتا ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالىماقتا. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت